«ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس» دېگەن بۇ سۆز، ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىش سەۋەبىدىن قارىغاندا، «ئۇيغۇرلار باشقىلارغا قارىغاندا دۆت مىللەت» دېگەندەك رادىكال باھالارغا قارىتا ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ئاپتورنىڭ « ئۇيغۇرلار ئەقىللىق» دېگەن ھۆكۈمىمۇ «ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر دۆت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا، «بىز باشقىلاردىن ئەقىللىق مىللەتكەنمىز» دەپ كوچىغا چىقىشمۇ توغرا ئەمەس. ئەركىن ئاكا نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق، بىر مىللەت ئۆزىنى ھەممىدىن دۆت دەپ قاراپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئەقلىي كۈچى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ دېگىنىدەك، بىر مىللەت ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس دەپ قاراپ قالسىمۇ، ئوخشاشلا غاپىللىشىپ ھەم ھاماقەتلىشىپ كېتىدۇ.
يەنە كىلىپ، ئەركىن ئاكا بىر ئالىم، ياراملىق زىيالى ۋە تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمىشە ئىللەت ھەققىدە گەپ قېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسىياتىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆزىگە بېرىلگەن توغرا باھالارنى- گەرچە ئۇ باھالار ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىسىمۇ - قوبۇل قىلالايدىغان، ھەم ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىدىكى يىتەرسىزلىكنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان سۈپەتنى ھازىرلىغان بولسا، بىزدىكى ئىللەتنى ئەركىن ئاكا قاتارلىقلارنىڭ شۇ قەدەر ئېنىق ھەم كەسكىن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا شۈبھىسىز ئىشىنىمەن. بىراق، ئىللەتنى سۆزلەپ قويۇش بىلەن مىللەتنى ئۆزگەرتىش قېيىن بولۇپلا قالماي، ئەكس ئۈنۈم بېرىشىمۇ مۇمكىن.
ئەركىن ئاكىنىڭ يازمىلىرى شۇنچە چۈشىنىشلىك ھەم ئەتراپلىق تۇرسىمۇ،ئۆز خىيالىچە چۈشىنىپ، تەبىرلەپ يۈرىۋاتقانلارنىڭ بولۇشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇمۇ بىزدىكى ساپا قەھەتچىلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.
[ مېھرىگىياھتەرىپىدىن2011-04-05 21:18قايتا تەھرىرلەن ]