ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ئۇيغۇن نىڭ 2012-01-27 13:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
102 تۇردە خەلقئارالىق زور مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن كارتون فىلىمى
بۇ فىلىم گويا بۇ جەمئىيەتنىڭ كۆرۈنمەس يەنە بىر تەرپئنى كۆرسىتىپ بەرگەندەك كىشنى ئاچچىق ئويلارغا سالىدۇ. تورداشلار نېمىلەرنى ھېس قىلدىكىن ...

تاڭ سەھەردەسائەت قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن باشلانغان بىر كۈننىڭ ،نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچكەن جانسىز ئەينەكتىن تارتىپ قاتناش قورالىغىچە ياراتقان ھەممە ئوبرازلارنى كۆرۈپ شۇنداق بىر خىل ئاچچىق رىئاللىق كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.
بۇ ھالەت بۇندىن كىيىن رىئاللىققا ئايلىنامدۇ ؟؟؟؟مىنىڭچە ئەمىلىيەتتە پۇتۈن كىشلىك جەمىيەتتە بۇ ھالەت رېئاللىققا ئاللا بۇرۇن ئايلىنىپ بولدى.
ھەر بىر جانسىز جا ز ا سۈپىتىدىكى ئادەملەر ماڭا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كىشىلەرنى كۆرسەتكەندەكلا بىلىندى. دىمىسمۇ نۇرغۇنلىغان خىزمەتلىرىمىز ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى ،غورۇرىمىزنى سېتىشقا بىۋاستە مەجبۇرلىمىسىمۇ ئۆزىمىزنى تەبئى ھالدا شۇنداق قىلىشقا كۆندۈرىۋاتامدۇ قانداق ؟؟ئەڭ قىسىقىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۆمۈرلۈك كەسىپنى( شۇ كەسىپنى بىر ئۆمۈر قىلغۇچىدىن)شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىن ئۇكەسىپنى ياقتۇرىدىغان ياقتۇرمايدىغانلىقىمۇ سورالماي بەلكى كەسىپنىڭ ئىستىقبالى ،ئىقدىسادىي كىرىم ئەھۋالى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىپ كەلدى. مانا بۇ شۇ كەسىپ ئىگىسىنى ئۆز ئەركىنىلىكىدىن ئايرىلىشقا، قىزىقىشى بويىنىچە ئۆمۈرلۈك قىلىدىغان كەسپىنى تاللىمىغانلىقىغا سەۋەپچى بولۇپ ئۇنى كارتوندىكى جا زا ئادەملەرگە ئوخشىتىپ قويۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى دەپ قارايمەن.
توغرا ، كىشلىك تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىپ كەتتى، پۇل مۇھىم بوپ كەتتى ! بىراق شۇ تەرىقىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ بىر جانسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئاگاھ بولىشى كېرەك. بولمىسا خۇددى كارتوندىكى ئادەمگە مىنىپ سائەتكە قاراپ جىددى ھالدا يانا بىراۋ ئۈچۈن ئەسكى پالاس بوپ بەرگىلى بارغاندەك ئىش بولىدۇ.
ئادەم شۇنداق قۇدىرەتلىك يارىتىلغان جانلىقكى ئۇ نىمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ ، چۈنكى ئۇلۇغ تەڭرى ئىنسانغا ئىشەنچ،تىرىشچانلىق ، غايە ،مىھىر -مۇھەببەت،ئەركىنلىك قاتارلىق ئەڭگۈشتەرلەرنى ئىنئام قىلغان. بۇلاردىن پايدىلنىشنى بىلىش ھەققى تۈردىكى ئىنسانچەياشاش بولىشى مۈمكىن!!!؟؟؟؟؟