ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 224 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەربىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋە روھى دۇنياسىدا ئەنە شۇنداق بىر LOVE.EXE(سۆيگۈ) پروگراممىسى بولىدىكەن..
دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق،ئەل ئارسىدا يولى ئوچۇق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1110
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 16
ياخشى باھا: 53
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2012-02-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-14 15:20

ھەربىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋە روھى دۇنياسىدا ئەنە شۇنداق بىر LOVE.EXE(سۆيگۈ) پروگراممىسى بولىدىكەن..

مەلۇم بىر كۈنى چىرايىنىڭ  ئوڭ – سولى ئۆچكەن بىر خېرىدار ئىنسانىيەتنىڭ تەرتىپىنى قاچىلايدىغان بىر يۇمشاق دېتاللار شىركىتىگە كىرىپ كەلدى، ئۇ ئىنژېنېردىن ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندى. چۈنكى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئۇ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ سېستىمىسى ھەمىشە قېتىۋېلىپ، كىشىلەرگە زېرىكىشلىك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالغاچقا، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ  ھەممىسى نېمە سەۋەبتىنكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى…
يۇمشاق دېتاللار ئىنژېنېرى ئۇنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەملىك ماشىنىسىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئارىدىن بىرنەچچە سېكونت ئۆتكەندىن كېيىن ئىنژېنېر ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن ھالدا، ئۇنىڭدا بىرەر چوڭ كاشىلا يوقلىقىنى، پەقەت «كۆڭۈل خاتىرىلىگۈچ»ئەسۋابىدىن love.exe ( سۆيگۈ) پروگراممىسىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنژېنېر ئۇنىڭ ئۆز قەلبىگە سۆيگۈ پروگراممىسىنى قاچىلىشىغا سەۋىرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى.
-ئالدى بىلەن قەلبىڭىزنى ئېچىڭ، سىز ھازىر قەلبىڭىزدىمۇ؟ – دېدى ئىنژېنېر.
شۇنداق، مەن ھازىر ئۆز قەلبىمگە كىردىم، بىراق، تېخى بىرنەچچە ھۆججەت ئەمدىلەتىن قوزغىلىۋاتقاندا مەن سۆيگۈ پروگراممىسى ( LOVE.EXE) نى قاچىلىسام بولامدۇ؟ – دەپ سورىدى خېرىدار.
-ئۇلار قايسى ھۆججەتلەر ئىكەن؟ -دەپ سورىدى ئىنژېنېر.
-تۇرۇپ تۇرۇڭ، ھە بۇلار مەن ئىلگىرى قاچىلىۋالغان «ئۆچ – ئاداۋەت ھۆججىتى» ، «ئۆتكەن كۈنلىرىگە قايغۇرۇش ھۆججىتى»، «ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى» ۋە «ھەسەت ھۆججىتى»قاتارلىقلار ئىكەن، ئۇلار ھازىر قوزغىلىۋېتىپتۇ،- دېدى خېرىدار جاۋابەن.
- قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، بىراق، سىز دەرھاللا مەشغۇلات سېستىمىڭىزدىن «ئۆتكەن كۈنلەرگە قايغۇرۇش ھۆججىتى»نى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز LOVE.EXE پروگراممىسى توسالغۇسىز ھالدا ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىڭىزدا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. باشقا پروگراممىلارنىڭ قوزغىلىشىغا توسقۇن بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە LOVE.EXE پروگراممىسى قاچىلىنىش جەريانىدا ئۆزىدىكى«ئىشەنچ»دەپ ئاتىلىدىغان ھۆججەتنى سىزنىڭ سىزنىڭ سېستىمىڭىزدىكى«ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى»نىڭ ئۈستىگە كۆچۈرۈپ، ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاخىرىدا سىز سىز ئىجرا قىلىش كۆزنىكىدىن«ھەسەت قىلىش ھۆججىتى»بىلەن«ئۆچ – ئاداۋەت ھۆججىتى»نى ئېتىۋېتىڭ. چۈنكى بۇ ئىككى ھۆججەت LOVE.EXE ( سۆيگۈ ھۆججىتى ) نىڭ نورمال قاچىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، سىز ئۇلارنى ئېتىۋېتەلەمسىز؟
-كەچۈرۈسىز، تاقاش ئىناۋەتسىز دېگەن ئۇچۇر كەلدى، سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.
-بولىدۇ،-دېدى ئىنژېنېر،-سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلب تىزىملىكىگە قايتىپ، ئۇنىڭدىن«كەڭ قورساقلىق»دېگەن ھۆججەتنى تاللاڭ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاچىلاش ئېھتىياجىڭىز بويىچە ئۇنى تەكرار تاللاڭ، ئۇ تاكى«ھەسەت قىلىش ھۆججىتى»بىلەن«ئۆچ – ئاداۋەت ھۆججىتى»نى قەلبىڭىزدىن ئۈزۈل – كېسىل ئۆچۈرۈۋەتكەنگە قەدەر شۇنداق قىلىڭ.
-ئەمدى بولدى، مەن شۇنداق قىلدىم، ھازىر قەلبىمگە LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،-دېدى خېرىدار.
-دىققەت قىلغايسىز، بىرنەچچە سېكونتتىن كېيىن سىزگە بىر ئۇچۇر كېلىدۇ. ئۇ :«ھازىر سېستىما سىزنىڭ قەلبىڭىزنى باشقىدىن تەڭشەۋاتىدۇ، تەڭشەش ئاخىرلاشتى»دېگەن ئەسكەرتىشنى بېرىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟-دېدى ئىنژېنېر.
-كۆردۈم، كۆردۈم، بۇ LOVE.EXE  پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟-دەپ سورىدى خېرىدار.
-شۇنداق، بىراق، سىز ئۆز ماشىنىڭىزغا ھېلىراقتا LOVE.EXE پروگراممىسىنى قاچىلىدىڭىز، سىزنىڭ ماشىنىڭىزمۇ پەقەت ئىنسانىيەت ماشىنىسىنىڭ قەلبىگە ئۇلانغاندىلا سىزنىڭ سۆيگۈ پروگراممىڭىز ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،-دېدى ئىنژېنېر.
-چاتاق بولدى! مېنىڭ قاچىلاش كۆزنىكىمدىن بىر خاتالىق ئۇچۇرى كەلدى !
-قېنى ئوقۇڭ !
-«سېستىمىنى تور بەلۋېغىدا ئىجرا قىلىشقا بولمىدى »، بۇ نېمە دېگىنى؟
-ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خاتالىق، ئۇنىڭدا LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسى سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، تېخى ھەقىقىي يوسۇندا سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا قوزغالمىغانلىقى ئېيتىلىپتۇ. بۇ مۇرەككەپ بىر جەريان، بۇنى غەيرى تېخنىكىلىق تىل بويىچە چۈشەندۈرسەم، سىز باشقىلارنى سۆيۈشتىن ئاۋال، چوقۇم ئۆزىڭىزنى سۆيۈشىڭىز كېرەك.
-ئەمىسە كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشىم كېرەك؟
-ئالدىرىماڭ، سىز«ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش»دېگەن مۇندەرىجىگە كىرىڭ.
-ئوبدان بولدى، مەن بۇ مۇندەرىجىنى ئاچتىم.
-ئاشۇ مۇندەرىجىدىكى«كەڭ قورساقلىق ھۆججىتى»،«ئۆزىگە ئىشىنىش ھۆججىتى»،«ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇش ھۆججىتى»ۋە «مېھرىبانلىق ھۆججىتى»قاتارلىقلارنى تېپىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ،«مېنىڭ قەلبىم»دېگەن ھۆججەتكە يۆتكەپ كېلىڭ، كۆچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قەلب سېستىمىڭىزدىن«ئىچى تارلىق»،«شەخسىيەتچىلىك»دېگەندەك قىسمەن ھۆججەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنداقلا پروگرامما ئىجرا قىلىنىش جەريانىدىكى توسالغۇلارمۇ يوقىلىدۇ، لېكىن ئاخىرىدا«ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك قىلىش ھۆججىتى»نى نۆۋەتتىكى مۇندەرىجىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇماڭ !
-مەن ئۇتۇق قازاندىم ! ھازىر كۆزنەكتە : «مېنىڭ قەلبىم»گە LOVE.EXE پروگراممىسىنىڭ رەسمىي نەشر نۇسخىسى قاچىلاندى، دېگەن ئۇچۇر كۆرۈندى، يەنە«تەبەسسۇم ھۆججىتى»مۇ قوزغىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا«قىزغىنلىق»،«دوستلۇق»ۋە «قانائەت»قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتمۇ«مېنىڭ قەلبىم»مۇندەرىجىسىگە كىرىپتۇ.
-سىزگە مۇبارەك بولسۇن ! سېستىمىڭىزغا LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسى ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى، توسالغۇلارمۇ تۈگىدى. بىراق، مەن سىزگە بىر جۈملە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ھەدىيە قىلاي، دەيمەن.
-قانداق سۆز؟
-ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆيگۈ-ھەقسىز بىر خىل يۇمشاق دېتال، سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن سىزگە يولۇققان كىشىلەرگە مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلسىڭىز بولىدۇ، سۆيگۈ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىدۇ. غەيرى تېخنىكىلق تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە: سىز باشقىلارغا مېھرى – مۇھەببەت ئاتا قىلغاندىلا، ئۆزىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ مېھرىگە ئېرىشەلەيسىز.
-ئۇقتۇم، سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن !

        مەنبە: چەتئەل يازمىلىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-14 16:23

-‹‹سۆيگۈسىدىن بەخت تاپقانلار  يامان ئاتلىق  بوپتىكەن قاچان؟››

    -؟
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 198 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 96
ياخشى باھا: 198
توردا: 52(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-03-09
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-14 16:40

<<ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆيگۈ-ھەقسىز بىر خىل يۇمشاق دېتال،>>   !!!

مەن بۇ سۆزنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-15 13:12

شۇ  << يۇمشاق دېتال>> نى ۋاپاسىز <<قاتتىق دېتال>> خاراپ قىلمىسىلا بولاتتى؟!
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
تۆھپىسى: 29
پۇلى: 385 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 58
ياخشى باھا: 385
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-09
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-20 20:07

مال -دۇنيانى يوقاتساڭ يوقات ، ئۆزۈڭنى يوقاتما.
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 112
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 148 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 36
ياخشى باھا: 148
توردا: 33(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-03-09
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-21 20:38

ئىشقىلىپ ھازىر  ۋىروسلار سەرخىللىشىپ ھە دىسە كومپيوتىرنى بۇزۇپ يۇمشاق دىتاللارنىڭمۇ رولىنى قويمايۋاتىدۇ.
ئىجتىھاد
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 670
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە670دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 862 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 862
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-07
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-21 23:47

ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ  يۇمشاق دىتالغا ئايلىنىدىغان ۋاقتى كەلدى !
يىڭى يىلدا يىڭى قەدەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 243
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
تۆھپىسى: 36
پۇلى: 4 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 52
ياخشى باھا: 117
توردا: 10(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-02-13
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-23 17:47

بۇ گەپنى تازا چۈشەنمىدىمغۇ؟
ئىلتەرىش