http://www.56.com/u32/v_NjU2Mzc3MjU.htmlكىنو ئىسمى: پۇكار ،خەنزۇچىسى 叛国危情
رول ئالغۇچىلار : مادۇرى دىشىت ؛ ئەنىل كاپۇر
مادۇرى دىشىت، 1967-يىلى تۇغۇلغان، ئۇ ---- دىل، مۇھەببەت، مىدال ئاسقان ئۈچ ئەزىمەت، ئۇسۇل ئوينايلى، دېۋداس (ھىجران، پىيانچۈكنىڭ ئاقىۋى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان )، ساختىلىقتىن ئۆزگەرگەن مۇھەببەت، كۈڭۈل دىگەن ساراڭ نەرسە ، قانلىق قىساس،ئاقىۋەت .....قاتارلىق 66 كىنوغا رول ئالغان. ئۇنىڭ ئۇسۇلى بەكمۇ نەپىس ۋە ئەنئەنىۋى، رول ئېلىش ماھارىتى يۇقۇرى بولغاچقا، 4 قېتىم ئەڭ يۇقىرى شان شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەنىل كاپۇر، ھىندىستانلىق ئەپەندى دىگەن كىنوسى بىزگە بەكمۇ تۇنۇش بولسا كېرەك.
بۇ فىلىمدە، 3 ياش ئوتتۇرىسىكى مۇھەببەت تەسىۋىرلەنگەن، مادۇرى مۇھاببەتكە ئېرىىشش ئۈچۈن، مەخپى نۇمۇرنى دۇشمەنگە ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئاقىۋەتتە، ئەنىل كاپۇر، كۆپ جازاغا ئۇچرايدۇ، دۆلەتنى قوغداش بىلەن دۆلەتگە زىيانكەشلىق قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسدا قانلىق جەڭ بولىدۇ، ئاخىرىدا ياخشىلىق يامانلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. مۇقىملىق، ئىناقلىق، دۆلەت ئامانلىقىنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.
ھۈكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئېيتىلغان ناخشىدا ھىنىدىستاننىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى لاتا ماڭگىشكا بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ، بۇمۇ كىنونىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان بۇلۇشى مۇمكىن، لاتا ماڭگىشكا ئەينى يىللىرى سەرگەردان فىلىمىدا رىتانىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقان بۇلۇپ، ۇ ھىندىستاننىڭ داڭلىق ناخشا پېشىۋاسى . ھىندىستان فىلىملىرىدە ناخشىلارنى مەخسۇس ناخشا چولپانلار ئوقۇپ بىرىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئايال ناخشا چولپانلاردىن لاتا ماڭگىشكا، ئاشا بوسلى ( بۇزۇلماس ۋەدە فىلىمىنىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقان ، بۇ فىلىم 82-يىلى ئىشلەنگەن)، ئانۇرادا پائۇدۋال، ئالكا ياگنىك، شىرىيا گۆشەل، ئەر ناخشا چولپانلاردىن ئۇدىت نارايان، كۇمار سانۇ، كىشورى كۇمار، مۇھەممەد ئەزىز (يۇرتىغا قاتيتقان ئەرۋاھ فىلىمىنىڭ بارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقان ) ، ئابجىھىت،سۇنۇ نىگام .....قاتارلىقلار بار.
ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئىچىدە،يېقىنقى مەزگىلدە ئىشلەنگەنلىرىدىن، نيو يورك، مىنىڭ ئىسمىم خان، ئامەتلىك ساتىراش بىللۇ، دون، دوستانە، ئوم شانتى ئوم، فانا ....قاتارلىق كىنولىرى تورلاردا كەڭ تارقالغان.