تەۋسىيە ...
قاراخان
قىسقا بولسا ئېلان، ئۇچۇر، يىغىن ،ماتەم، مەرسىيە ،
قىستۇرمىسا قىرائەتكە ‹‹موللا ›› لوقما ،لېكسىيە .
ۋەسىيەت شۇ رەسمىيەت ئاددى بولسا پەيتىدە ،
شاھ،گاداي دەپ ئايرىلمىسا مەرتىۋە ،نام-نەسىبە .
ئادىل بولسا ئادوۋكات ،تەپتىش جازا سودىيە ،
ئاجراشمىسا ئەر-ئايال يۇقسا تەنبىھ -تەربىيە .
ئاغرىمىسا تەن ۋە روھ دورا -رېتسىپ پەرۋىشتە ،
سەھىيە شۇ سېستىرادا بولسا سافا -سەۋىيە .
دەستۇر بولسا مائارىپقا ئەدەپ -ئەخلاق ،ئەقلىيە ،
زارلانمىسا چېكىمخۇمار ئوغۇل-قىزدىن ئەدلىيە .
يىمەك -ئىچمەك ساپ بولسا ،كىيىم -كېچەك باپ بولسا ،
رازى بولسا ئېلىپ -ساتار ئىشىتمىىسە رەددىيە .
كۆكتە ،يەردە ،سۇدا بولسا ساقچى ،ئەسكەر ،ئارمىيە،
يۈك ،سۇرەتكە ،ئەتكەسكە قويسا لايىق لاھىيە .
تەرتىپنى كىم تاپمىسا، تاپسا تەرتىپ ھەركىمنى ،
ئىتتەرمىسە مەسۇلىيەتنى يېزا -بازار ناھىيە.
مىللەت ،ئىرق ،جىنسقا قوش تىل رىشتە زەنجىرە ،
يېزىلسايۇ ،قېزىلسا،شۆھرەت شەجەر -تەزكىرە.
ئۈندۈرسەڭمۇ ،قۇرۇتساڭمۇ ،پەخىر نومۇس ئۆزۈڭگە ،
خىرىس ،پۇرسەت ،رىقابەتكە ئوچۇق ئىشىك پەنجىرە.
پەلسەپەيۇ - سەپسەتە، مەتبئەيۇ، مەجمۇئە،
گاس-گاچايۇ، ئاقساق ،كورغا بەرسە گۈزەل ئەسلىمە .
كۆكنى سۆيگەن دەل -دەرەخ قەلەمچىدىن ئاينىسا،
‹‹مېھىر››ئالماي ‹‹سوسكا››لاردىن ،تۇرسا تىمەن مەسۇمە؟!
رەشك ،ئۆسەك ،خۇسۇمەتتىن كىمدە بولسا زەررىچە،
ئىناۋەت، ھال ،ئىمتىيازغا بىماس كۇرسى -دەرىجە .
ۋىجدان ، ئەھدۇ -ۋاپاغا ،،ئىنساپ تەۋپىق ،ھاياغا ،
‹‹مەن››،‹‹سەن ››،‹‹ئۇ››نىڭ تاھارىتى سۇنماي تۇرسا ئۆلگىچە؟...
-2009-يىلى 9-سىتەبىر
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-12 10:04قايتا تەھرىرلىدى ]