ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 580 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامراق QQ رىڭىزنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1173
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 3 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-04
ئاخىرقى: 2012-01-04
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 02:18

ئامراق QQ رىڭىزنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى

ئامراق QQ رىڭىزنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى
ئامراقQQ رىڭىزنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنىڭ كىمدە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ QQ نومۇرىنىڭ ئېگىدارلىق ھوقۇقى تېڭشۈن شىركىتىگە مەنسۇپ،ئابون
ئامراق QQ رىڭىزنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنىڭ كىمدە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
QQ نومۇرىنىڭ ئېگىدارلىق ھوقۇقى تېڭشۈن شىركىتىگە مەنسۇپ،ئابونىتنىڭ پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىلا بولىدۇ.ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر QQ نومۇرى مەۋھۇم مۈلۈككە تەۋە،ئېگىدارچىلىق ھوقۇقى چوقۇم ئىشلەتكۈچىگە تەۋە بولىشى كېرەك دەپ قارايدۇ،لىكىن دۆلەتنىڭ قانۇنى بۇنداق مەۋھۇم مۈلۈكنى قوغدىمايدۇ،بۇنداق مەۋھۇم مۈلۈك بەلكى ناھايىتى تىزلا يېڭىچە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىشى مۇمكىن.
QQ نومۇرىنى مىراس قىلىپ قالدۇرۇشقا بولامدۇ؟
مەلۇم بىركۈنى،بەلكى ئەتە ياكى بۈگۈن،ۋەياكى ئۆگۈنلۈككە،ئىشقىلىپ ھامان بىركۈنى ھەممىمىز بۇ دۇنيادىن ئايرىلىمىز،لىكىن بىز بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن QQ نومۇرىمىزنى قانداق بولار؟ مىراس قىلىپ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە قالدۇرۇپ قويغىلى بولارمۇ؟ياكى تېڭشۈن شىركىتى قايتۇرۋالارمۇ؟بۇنىسى بىزگە ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە QQ نومۇرى ئەسلىدىنلا سىزگە تەۋە ئەمەس.
QQ نومۇرى  ئەسلىدىنلا شەخىسكە تەۋە نەرسە ئەمەس،بۇنداق بولغانكەن قانداقمۇ مىراس ئورنىدا قالدۇرغىلى بولسۇن؟
مۇنداق بىر خەۋەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:
شېنياڭلىق ۋاڭ خانىمنىڭ يولدىشى يۈ ئەپەندىم بىر قېتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدە قازاقىلىپ كېتىپتۇ،يۈ ئەپەندىمنىڭ QQ خەت ساندۇقىدا ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھەببەت خەتلىرى ۋە سۈرەتلىرى ساقلانغانىكەن،ۋاڭ خانىم بۇ خەت ۋە رەسىملەرنى رەتلەپ ئەسلىمە ئورنىدا ساقلاپ قويماقچى بولۇپتۇ،لىكىن يولدىشىنىڭ QQ نومۇرىنىڭ مەخپى شىفىرىنى بىلمەيدىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېڭشۈن شىركىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئويلىشىپتۇ.
تېڭشۈن تەرەپ بۇ ئىشقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ،ئېنتېرنېت تورى ئەندىزىلەرگە ئاساسەن،ئادەتتە تورداشلار بىلەن ھەرخىل شەكىلدىكى ئىنتېرنېتقا ئائىت مەھسۇلات كارخانىلىرى ئوتتۇرسىدا كېلىشىم بولغان بولىدۇ،تورداشلارنىڭ پەقەت QQ نومۇرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىلا بولىدۇ،ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى مەۋجۇت بولمايدۇ،پەقەت شۇ شىركەتنىڭلا مۇناسىۋەتلىك نەشىر ھوقۇقى ۋە ئېگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ .
بۇنىڭدىن قارىغاندا ۋاڭ خانىم ماتىرياللىرىنى قايتۇرۇپ كېلىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئوغرىلانغان نومۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش تەرتىپى بويىچە شۇ كىشىنىڭ ئاساسى ئارخىپى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرىت،شۇ نومۇرنىڭ ئىشلىتىش ماتىريالىنى،مەخپى شىفىرنى قوغداش ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك،بولمىسا مەخپى شىفىرنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ دە ئۆزىگە كېرەكلىك ماتىرياللارغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.
قانۇن مەۋھۇم مۈلۈكنى قوغدىمايدۇ
بېيجىڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورنىڭ ،ئاسىيا تور قانۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ دې لياڭ ئەپەندى ئۇزۇن مەزگىل ئىنتېرنېت قانۇن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ دۆلىتىمىز تور قانۇننى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپ،ئۇنىڭ قارىشىچە  QQ نومۇرىنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئېرىشىش شەكلىدىن قارىغاندا تۈپكى جەھەتتىن ئۇنىڭ يانفون ۋە تېلىفون نومۇرىدىن ھېچقانداق پەرىقلىق يېرى يوق،ئىشلەتكۈچى بىلەن تېڭشۈن شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، QQ نومۇرى پەقەتلا ئىشلەتكۈچىنىڭ تېڭشۈن شىركىتى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشىنىڭ ئىسپاتى ياكى نومۇرىدىنلا ئىبارەت،ئىشلىتىش ھوقۇقى سىزدە بولغان بىلەن ئېگىدارلىق ھوقۇقى يەنىلا تېڭشۈن شىركىتىگە مەنسۇپ نەرسە.
QQ نومۇرى مەۋھۇم مۈلۈك،ئېگىدارلىق ھوقۇقى ئىشلەتكۈچىدە بولىشى كېرەك دېگەن قاراشقا ليۇ دېلياڭ مۇنداق چۈشەنچە بەردى،بۇنداق چۈشۈنۈپ قېلىشتىكى سەۋەب QQ نومۇرى بىلەن ھېساۋات نومۇرىنى ئارلاشتۇرۋەتكەن،ھېساۋات نومۇرى بولسا ئىچىدىكى مەزمۇن بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ،QQ نومۇرى بولسا ئۇ پەقەت سىستېما باشقۇرۇشتىكى سالاھىيەت دەلىلىدىنلا ئىبارەت.خۇددى بىزنىڭ بانكا كارتا نومۇرىمىزنىڭ نومۇرى پەقەت بانكا باشقۇرۇش سېستىمىسىدىكى سالاھىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھېساۋات مەزمۇنلىرى ھېساپ نومۇرىمىزغا ۋەكىللىك قىلغانغا ئوخشاشلا ئىش.
ئەمەلىيەتتە يوقۇرقى مىسالدا تالاش تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىل QQ نومۇرىدا ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى،QQ تەڭگىسى قاتارلىق مەۋھۇم مۈلىكلىرىنىڭ بار بولغانلىقىدا،شۇڭا قارشى تەرەپ ۋارسلىق قىلىشنى ئويلايدۇ.
ئىگىلىنىشچە 2003-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا كەسىپ ئەھلىلىرى تەرپىدىن تۈزۈلگەن توردىكى مەۋھۇم مۈلۈكنى قوغداش قانۇنى تۇرغۇزۇش توغۇرىسىدىكى پىكىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلغان ئىكەن،لىكىن ھازىرغا قەدەر تور ئويۇنى نومۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەۋھۇم مۈلۈكلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەۋھۇم مۈلۈكلەر ھەقىقى مەنىدە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىپ كېلەلمىدى.

مەنبە: توزىماس تورى
يوللىغۇچى:ئەكرەم
   ماقالىدىن بىلىشكە بولىدۇكى، بىخەتەرلىككە مۇھتاج شەخسى ماتېرىياللارنى مەۋھۇم دۇنيادا ساقلاش بىر قەدەر ئىشەنچىسىز، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە سەزگۈر بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلتېكىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-04, 05:06
ئەسسالام