ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 334 قېتىم كۆرۈلدى
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
خۇدادىن باشقا ھەممىدىن قورقىمەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 519 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 68
ياخشى باھا: 329
توردا: 88(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-25 19:09

كونا گەپ

ھەمىشە سېنى ياد ئېتىمەن، سېنى سېغىنىمەن. ساڭا روھىي جەھەتتىن قوشۇلۇپ كىتىشنى ئىستەيمەن. سەن، ماڭا خوجايىنلىق قىلغۇچى ئەمەس، دوستلۇق يەتكۈزگۈچىدەك بىلىنىسەن. مېنى ئۆزەڭگە يىتەكلەشنى ئەمەس، مېنىڭ ئۆز قەلبىمگە يىتەكلىنىشىمنى خالايدىغاندەك سىزىلىسەن. مەن ساڭا بولغان ئوتتەك سېغىنىشىم تۈپەيلىدىن سېنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرۇش ۋە تونۇشقا مەجبۇر بولىمەن. سېنى ياد ئېتىش ھەممە ئادەمگە ئاسان ئىش، ئەمما تونۇش بەك ئاز ئادەمگە كىلىدىغان ئامەت دەپ بىلىمەن.
قاچاندىن بېرى سېنى تونۇشقا شۇنچە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدىم؟
باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش ھېسىياتتا بولۇپ باققانمۇ، بىلمىدىم. لېكىن مەن بىر مەھەل سېنى بەزىدە  ئۆزگىرىشچان، ئادەملەرگە ئۆچلۈكۈڭ بار دەپ ئويلىغان. خۇددى ساختا دورىنىڭ كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ قويغىنىغا ئوخشاش، سېنىڭ قىياپىتىڭگە كىرىۋالغان «يالغان سەن»نىڭمۇ مېنى بارغانچە ئۆزىگە ئوخشاش چۇس، ئەسەبىي، چۈشكۈن قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئاستا-ئاستا بايقاپ قالدىم. شۇ چاغلاردا مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى ئازاپنى يىنىكلەتمەكچى ئىدىم، لېكىن ئازابىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋالدىم. مەن سەن ئارقىلىق تۈزەتمەكچى بولغان بەزى خۇي-پەيلىمنى ئەكسىچە تېخىمۇ بۇزۇۋالدىم. ئەتراپىمدىكىلەرنى سۆيۈشنى، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشنى خالايتتىم، لېكىن شۇ «سەن»نىڭ رايىغا بېقىپ، يالغۇز يۈرۈشكە ۋە يىتىم قېلىشقا مەجبۇر ئىدىم.
مەن نېمە ئۈچۈن خۇشال بولالمايمەن؟
ئۆزۈمدە باشقا چاتاق يوقتەك قىلاتتى. ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى ئۇنچىۋالا چۈشكۈن ۋە خىيالچان ئەمەس ئىدىم. ئويلىغانچە، خىيالىم شۇ ۋاقىتتىكى ساڭا بېرىپ تاقىلاتتى-دە، دەرھال خىيالىمنى باشقا تەرەپكە بۇرايتتىم. چوڭلارنىڭ ، سەن ھەققىدە قالايمىقان خىيال قېلىش ئېزىپ كىتىشكە ئېلىپ بارىدۇ دەپ تەلىم بېرىشلىرى مېنى داۋاملىق ئويلىنىشتىن توسۇپ قوياتتى. يەنە بۇرۇنقىدەك ھالەتكە ئۆتەتتىم، مەسىلىنى ئۆزەمدىن ئىزدەشكە كىرىشەتتىم.
مەن ساڭا بەك ئىشىنىمەن، سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا خىياللىرىم تەبىئىيلا ساڭا مەركەزلىشەتتى. ئاتا-ئانام تولىمۇ كۆيۈمچان ئىدى. مەن سېنى گويا شۇ ئاتا-ئانامدەك كۆيۈمچان سىزەتتىم. مېنىڭ سېنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۆيۈمىگە بولغان چوڭقۇر ئېتىقادىم، مېنى سەن ھەققىدە دادىل، ئەستايىدىل ئويلىنىشقا يىتەكلىدى. مەن ئاخىر، مەسىلىنىڭ ئۆزۈم سېغىنىپ كىلىۋاتقان «سەن» دا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدىم. مەن سېنى ھەقىقەتەن بەك كۆيۈمچان دپ ئويلايتتىم، لېكىن ئۆزۈم سېغىنىپ كەلگەن «سەن»نىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ئىسپاتلىيالماي ئاۋارە ئىدىم. مەن يەنە سېنى چۇقۇم ئادىل دەپ ئىشىنەتتىم، لېكىن ئۆزۈم سېغىنغان «سەن»نىڭ ئادىللىقىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز ئىدىم. مەن ئويلىغان «سەن»نىڭ تەبىئىيىتىدە مېھرىبانلىققا ۋە ئادىللىققا تاقىشىدىغان مەسىلىلەر ساماندەك تۇراتتى.
گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئىزدەش بىلەن ئۆتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەڭ ئېھتىياجلىق سېنى ئىزدەپ قويمىغىنىدىن ئەجەپلىنەتتىم. مەن شۇنداق ئويلىدىم، سەن مېنىڭ ھاياتىمغا چۇقۇم ئەڭ كېرەكلىك بىرىسەن. سېنىڭ مېنى يارىتىشىڭدىن- ياشىتىشىڭغىچە،  نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدىڭ ھەم ئىشلەۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا بولغان ئىشەنچىم ۋە چۈشەنچىم پۈتكۈل تەقدىرىمگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەن ساڭا بولغان ئىشەنچەمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چۈشەنچەمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشۇم كېرەك.
مەن ئىشەنگەن سەن قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولساڭ، مەنمۇ شۇنداق خۇسۇسىيەتلىك ئادەم بولۇپ قالىدىكەنمەن دېگەن يەكۈنىم بويىچە، ئۆزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە قۇدرەتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەقىقىي مۇكەممەل ۋە قۇدرەتلىك ساڭا ئىشىنىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم. بەلكىم بەزىلەر ئۆز تەبىئىيىتى بويىچە، سېنىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا قىياس قىلىشى، ئۆزلىرىدىكى رەزىللىككە مايىل خۇسۇسىيەتنى ساڭا تېڭىپ قويۇشى مۇمكىن. خۇددى ئەلمىساقتا شۇنچە كەڭ جەننەتتىكى سان-ساناقسىز مېۋىلەر ئىچىدە بىرلا دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىش گۇناھ دەپ يېزىلغان قىسسەنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىرلا تۈپ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن باشقا بارلىق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىش گۇناھ بولۇپ يېزىلغىنىغا ئوخشاش. شۇڭا، ئادەم سېنى ئۆزى بىلگەنچە چاكىنىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆز قەلبىنى سېنىڭ شولاڭ چۈشكىدەك سۈزۈكلۈككە ئىگە قىلىشى كېرەك ئىكەن.
مەن سېنى تونۇشتا، باشقىلار تەسۋىرلەپ بەرگەن «سەن»دىن ئۆز قەلبىم تەسۋىرلىگەن سەن تېخىمۇ چىن بولىدۇ دەپ ئىشەندىم. ئادەملەر دۇنياسىغا، ھايۋاناتلارغا، ئاسمانغا ۋە پىلانتلارغا نەزەر تاشلىدىم. ئۇلاردىكى ئورتاقلىقنى ئىزدىدىم. ئەقىل، ئەخلاق، جان، ئېتىقاد، مۇھەببەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ مەۋجۇداتلارغا ئورتاق ئىكەنلىكىگە قىزىقتىم. گەرچە بەزى نۇقساندىن(ھەرگىزمۇ سەندىكى نۇقسان ئەمەس) خالىي بولمىسىمۇ، مۇھەببەتنىڭ جىمى مەۋجۇدىيەتكە ئورتاق خۇسۇسىيەت ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ۋە سېنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتىڭنىڭ مۇھەببەتتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە، پۈتكۈل يارالمىشنىڭ مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. بۇ، ئۆزۈمنىڭ ئادەتلەنگەن ئېتىقادى بىلەن بىردەك تەرەپكە ھەم پەرىققە ئىگە ئىدى. بىردەكلىكى سېنىڭ مېھرىبان تەرىپىڭ بولسا، پەرقى سېنىڭ يامانلىقتىن خالىي تەبىئىيىتىڭ ئىدى. مەن سېنى كىشىلەرگە يامانلىق قىلالايدۇ دېگەن قاراشلاردىن تامامەن ۋاز كەچتىم. سېنى بارلىق ياخشىلىق ، ئادىللىقنىڭ مەنبەسى دەپ ئويلىدىم. بۇنداق ئوي مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ھەم قانائەتلەندۈردى. مەن خۇددى ھەقىقىي سېنى تاپقاندەك، ئۆزۈمنى ھەقىقىي ئادەمگە ئايلاندۇرغاندەك ھېسىياتقا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمغا بىر خىل مۇھەببەت بىلەن قاراشقا يىتەكلەندىم. ۋاز-كىچىشىپ كەتكەن دوست-بۇرادەرلىرىم، ئۆچ-ئاداۋىتىم بار كونا ئۈلپەتلىرىم، جانۇ-جانىۋارلار، ۋە ياكى تاش-چالمىلارمۇ كۆزۈمگە باشقىچە – قېرىنداشلارچە قىياپەتتە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. قەلبىم ئاجايىپ بىر خىل مۇھەببەتكە ئەسىر بولدى. كىم ئاقچى، كىم كۆكچى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، كىمدە مۇھەببەت بولىدىكەن، ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىمگە ئايلانماقتا.
بەلكىم مۇھەببەتنى سېنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتىڭ دەپ ئويلىشىم مەنتىقىسىز بولۇپ قالغاندۇ ياكى ئىپادىلەشتىكى خاتالىققا ياتىدىغاندۇ. ئىشقىلىپ مەن مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ نەرسىنى بايقاپ بولالمىدىم. مەن ئىزدەيدىغان تەڭلىك ۋە ئادىللىق قاتارلىق باشقا يۈكسەك خىسلەتلەرمۇ مۇھەببەت ئارقىلىق مەۋجۇت بولالايتتى. قانداق بىر گۈزەل خىسلەت ئىزدەي، ئۇ ھامان مۇھەببەتتىن تاشقىرى مەۋجۇت بولالمايتتى.
مەن كىشىلەرنى قارىغۇلارچە سۆيۈشنى تەشەببۇس قىلمايۋاتىمەن. مۇھەببەتسىز كىشىلەرنى مەيلىگە قويۇۋىتىشنى، ئۇلارغا تاقابىل تۇرماسلىقنى توغرا دەپ قارىمايمەن. مەن سېنىڭ ئادىللىقىڭنى پەقەت مۇھەببەتسىز زوراۋان كىشىلەرنى ئۇ دۇنيادا جازالايدىغانلىقىڭدا دەپ ئويلىمايمەن.
مەن يامان كىشىلەرنى قوللايدىغان ياكى ئۇلارنىڭ يامانلىقىنى توسىمايدىغان ئىدىيە-قاراشلارغا ئاشۇ يامان كىشىلەرگە ئېچىنغاندەك ئېچىنىمەن. سەن ھەممە ئادەمنى باپباراۋەر ياراتتىڭ. ھېچكىمنى ئالاھىدە ئېتىبارلىق قىلمىدىڭ. كىشىلەر ياشاش جەريانىدا بىرى بىرىدىن ئۈستۈن بولۇۋالدى خالاس. شۇڭا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلارنىڭ قىلمىشىغا سەن ئەيىپلىك ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنى ئۇلار قانداق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ھەم باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ئۆزىنىڭ يولى بويىچە باش ئەگدۈرۈش خاتا بولمايدۇ. لېكىن زوراۋانلارغا قارشى يەنە بىر تۈرلۈك زوراۋانلىقنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەن سېنىڭ ھەمىشە ئاجىزلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىڭدىن گۇمان قىلىمەن. ئاجىزلىق سەن ئاتا قىلغان نىمەت ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭدىن تېزرەك قۇتۇلۇش كېرەك. سەن ئەڭ ئاجىز جانىۋارلارنىمۇ بەزى ئالاھىدىلىك ۋە ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ ياراتقان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، سەن نالە-زارغا، ئاجىزانە ئىڭراشلارغا، كىشىلەرنىڭ ئۆزەڭگە يۆلىنىۋىلىشىغا خۇشتار ئەمەس. ئەگەر سەن ئۇ دۇنيادا زالىملار ئۈچۈن مەلۇم جازالاشلارنى ئېلىپ بارساڭ، ئۇنىڭدا ئاجىزلارنىڭمۇ نىسىۋىسى بارلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن. سەن ئىنساننىڭ ھەممە تەرەپلەردە ئۆزۈڭگە يىقىنلىشىشىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزۈڭدەك مۇھەببەتلىك ھەم قۇدرەتلىك بولۇشقا قاراپ ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلىسەن. چۈنكى ئىنساندىكى روھ ئۆزۈڭدىن كەلگەندۇر.
مەن سېنىڭ ئادەملەرگە ياردەم بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن سېنىڭ ئىنساننى بارلىق مەۋجۇداتتىن قابىل ياراتقانلىقىڭغا، ئۆزۈڭنىڭ قۇدرىتى ۋە پاراسىتىنى ئۇنىڭدىن ئانچە ئايىمىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. بەلكىم سەن يامانلىقنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشىلىقنى ھەر خىل يوللار بىلەن كۈچەيتىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ تۇرۇشۇڭ مۇمكىن. لېكىن مەن، ھاياتتا ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە بولغىنى ئىنساننىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمەن. گەرچە سېنىڭ ئىرادەڭ مەلۇم يوللار بىلەن ئىشلىرىمىزغا تەسىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە مۇتلەق ئىگە بولسىمۇ، كۆز ئالدىمدىكى دۇنيادا ئىنسان ئىرادىسى نۇرغۇن ياخشى ياكى يامان ئىشلارنى بەلگىلەشكە قادىر بولۇپ كەلمەكتە. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر، يۈز بېرىۋاتقان قانلىق كۈرەشلەر، كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن سېنىڭ ئىرادەڭنى بايقاش ھەقىقەتەن تەس. مەن مەلۇم يامانلىقنىڭ ياخشىلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىدە، ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىدا سېنىڭ ھېكمىتىڭ بار دېگەنگە ئىشەنمەيمەن. سەن ئويۇن ئوينىغۇچى بولمىغان ئىكەنسەن، ھەق-ناھەق مەسىلىسىگە ئۇيۇندەك مۇئامىلە قىلمايسەن. مېنىڭچە سېنىڭ ھېكمىتىڭ يارىتىشتا تاماملانغان. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە، ياخشىلىقنىڭ مەزگىللىك مەغلۇپ بولۇشىغا تامامەن ئىنسانلار جاۋابكار.
بەزىلەر سېنى بەزى ئادەملەرنى ياخشى، يەنە بەزىلەرنى يامان كۆرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. مېنىڭچە، سېنىڭ يامان كۆرىدىغىنىڭ ئەسكى ئادەم ئەمەس، بەلكى يامانلىقتۇر. مەن ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى جاھالەتنىڭ تۈتەكلىرىدىن شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك دەپ ئويلايمەنكى، جاھاندا ياخشى ئادەملەر ھامان يامان ئادەملەردىن، ياخشى نىيەت-ئەمەللەر يامان نىيەت-ئەمەللەردىن كۆپ. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھەم سېنىڭ شان-شەرىپىڭ. بەلكىم بۇ، سېنى تېخىمۇ قانائەتلەندۈرىدىغان نەتىجىدۇر. 
سېنىڭ قانداقلىقىنى تەلتۆكۈس تونۇپ بولالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سېنىڭ قانداق ئەمەسلىكىڭنى بىلىش مەن قىلالايدىغان ئىش. خۇددى بىزنىڭ ياخشى ئىشلارنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىكىمىز قىيىن بولغىنى بىلەن، قانداق ئىشلارنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ناھايىتى ئاسان بولغانغا ئوخشاش. تامامەن ئىللەتسىز، ئادىللىقىڭ كىشىنى بەكمۇ رازى قىلىدىغان، مۇھەببىتىڭ چوڭقۇر سەن ئىگەمگە بولغان سۆيگۈمنى، كىشىلەر پەردازلاپ قويغان ھالەتتىن توختاۋسىز پەرىق ئېتىش ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇلۇغ ئىبادەت دەپ ئويلايمەن.
[ بۇ يازمىنىمېھرىگىياھ 2011-12-26 12:22قايتا تەھرىرل ]
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
تۆھپىسى: 144
پۇلى: 777 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 199
ياخشى باھا: 461
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-03-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-25 23:31

«ڭ»نى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتەي دېگۈچە بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ بولۇپسىز ....
يىپەك يولىدا بايقاشلار ئۈزۈلمىگەندەك سىزنىڭمۇ تېتىملىق  تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ...
چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
دوستلىشىش
سەھرالىق
پىداكار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 190 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 190
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-05
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-26 10:32

ئىنسان بولىدىكەن مەنىۋى دۇنياسىدا مۇشۇنداق تەپەككۇرلەرنى يۇرگۇزىشى كېرەك ئەلۋەتتە.شۇنداق بولغاندىلا ياراتقۇچۇمىز ئاللاھ نىڭ ئىنىساننى بۇدۇنياغا نىمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىغا تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 16:13

<<بىر يامانلىق يۈز بەرسە،سوغۇق قانلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر ياخشىلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ...>>

                                 -ئىسلامىستىك پەلىسەپە
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 674
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە674دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 866 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 866
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-12
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-30 22:44

[quote]بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى شامال نىڭ 2011-12-27 16:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
<<بىر يامانلىق يۈز بەرسە،سوغۇق قانلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر ياخشىلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ...>>

                                 -ئىسلامىستىك پەلىسەپە
[/quote

ئىسلامىستىك پەلسەپەنىڭ ئارقىچىلاپ كېرگەنلىكى تۈپەيلى ئۇيغۇرلاردا چېكىنىش ئېغىر !