ئۇستازىم ،بەختىمگە ئۆزۈڭ مۇنەججىم!
قاراخان
تەڭرىنىڭ ئەلچىسى بولالمىساڭمۇ ،
غەپلەتنىڭ چېڭىدىن قىلدىڭسەن نېرى.
يۈرەكنى سۇغىرىپ بېرەلمىسەڭمۇ ،
يولۇمدا چېقىلدىڭ سەرەڭگە كەبئى.
بېشىڭدا دىۋەيلەپ تۇرار مىڭ نادان،
قۇياشتا سارغايغان ئاپتاپپەرەستەك.
سېنىڭسىز يورۇسۇن قانداق يەر-جاھان ،
سېنىڭسىز ئەڭ يۈكسەك چوققىمۇ پەستەك.
يامغۇرلۇق بۇلۇتسەن كۆكتىكى گويا ،
نىھالمەن زىمىندە ياتقان ھالسىراپ.
دەريا ،كۆل،نۇر-زىيا ،قاينام بۇلاقسەن،
نىمجان روھ،تومۇرغا تۇرىسەن تاراپ.
جەننەتنىڭ يول خېتى سېنىڭدە بولغاچ،
سۆڭىكىم سۇنسىمۇ سۇنماس ئىشەنچىم،
سەن ماياك ،مەنزىلىم ئەمەس تولغىماچ،
گىرىمسەن بەختىمگە ئۆزۈڭ مۇنەججىم !
يانتاقنى ئادىشىپ دىمەيسەن توغراق،
ئەمەسسەن بېقىمسىز باغنىڭ باغۋىنى.
ياراشماس شەنىڭگە يالغان نام -ئاتاق،
چاپقىنىڭ مىللەتنىڭ ئىغىر كەتمىنى...
سېنتەبىر ئەجرىڭگە بېرەلمەس جاۋاپ،
سېنىڭسىز ئاڭ -ئەقىل بازىرى كاسات.
مەخمۇت چال...فارابى يۈسۈپكە ياراپ ،
ئۆتسەڭلا باشقا گەپ پاساتقۇ-پاسات؟!
2011.8