assalamu alaykum bozqirdiki aziz munbardaxlirim!!! kamina nawrizadin hamminglarga otluk salam!!! uzun boldi munbarga zadi kiralmidim, sawabini ozummu bilmidim, bugun taliyimgga bozqir ixiki man uqun eqilip kaldi, birak , uygurqa hat ni qikiralmidim, xundaktimu olqamsiz yezik bilan bolsimu silarga salam bargum kaldi, birak kuruk kalmidim jumu, har biringlarga harduk exi, bir piyalidin ugur....yakturamsilzarkin, ixtin kalganda mazi kelip tarlap iqiwalarsilar.....
بىر پىيالىدىن ئۈگۈرە.....
قويۇق تاماقنى ياۋەردىڭلار ئەمدى كەشكە سۇيۇقنى ئېتەيلى ھە؟ چارچىغاندا ھاردۇقىڭلار چىقىپ قالار!
مەن بۈگۈن، پەقەت بىر خىللا ئامىباپ يېڭى دەۋېر خاسلىغىنى ئالغان ئۈگرە ئۈستىدىلا توختىلىمەن.قالغانلىرىنى تەلەپ بويىچە«تەلەپ ۋە تەغدىم»...
ئىشلىتىدىغان خۇرۇچ:ئاق ئۇن، تۇخۇم، گۆش، پىياز، چامۈۇر، پەمىدۇر، لازا، قارامۇش، كوك لوبۇ، سامساق، يۇمغاقسۈت قاتارلىقلار....
1-خېمىرنىڭ تەييارلىغى :دوۋە بىر پىيالە ئۇنغا بىر دانە تۇخۇمنى سېلىپ تۇزىنى ئۆتكىزىۋاراق تازا چىڭ قىلىپ يۇغۇرىۋالىمىز. خېمىرنى تازا چەيلەپ پىشۇرغاندىن كېيىن، 5مىنوتتەك قويۇپ قويىمىز، خېمىر ئازاراق تىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زۇۋۇل قىلىپ ، ئالدى بىلەن قولىمىزدا چوڭايتىمىز. دىيامېتىرى 30 سانتا ئەتراپىدا بولغاندا ئۇنى نوغۇچ بىلەن نېپىز قىلىپ يايىمىز. يايغان ۋاقتىمىزدا خېمىرنىڭ ئەتراپى، ئىچىگە ئۆرۈلۈپ تۇرسا خېمىرنىڭ تازا ئوخشىغىنى بولىدۇ. نېپىز ھالەتتە يېيىپ ئۇنى شامالدىتىمىز(ئۇنى چوڭلار خېمىر كۈشىدى دەيدۇ) يايغان خېمىر كۆشىگەندىن كېيىن (شامالداپ )چاپلاشماس ھالەتكە كەلگەندە ، يېيىلغان خېمىرنى نوغۇچقا يۆگەپ، نوغۇچ ئۈستىدىن ئۇزىتىغا كېىۋالىمىز، ياكى يايغان خېمىرنى ئوتتۇردىن ئىككى قىلىپ ئۇزۇتىغا قاتلاپ كەسسەكمۇ بولىدۇ. ئەڭ ئۆتكۈر پىچاقتا، ئەڭ ئىنچىكە ھالەتتە كېسىمىز.
2-ئۈگرىنىڭ سۈيى: ئۈگرە ئەسلى شورپىغا سېلىنىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەم ھازىرقى زامانغا ماسلاشقان خام قىيما ئۈگرىسى ئۈستىدىلا توختىلاي. 300گىرامدەك مايلىق گۆشنى، يېرىم باش پىيازنى يۇمشاق چاناپ يىتەرلىك قارىمۇش، تۇز بىلەن ئالاشتۇرۇپ قازان قاينىغاندا ، قىيمىنى سېلىپ چوقىۋېتىمىز، بولمىسا كالەك بولۇپ قالىدۇ . ئاندىن ئۇنى بىر نەچچە رەت سورۇيمىز. بىر تال پەمىدۇرنى يۇمشاق چاناپ سالىمىز، ئاندىن چامغۇردىن بىر باشنى ئۇششاق چاسا ھالەتتە توغراپ سالىمىز. سۈيى مىزىلىك ھالەتتە پۇرايدۇ ، قاينىتىش ۋاقتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتى بويىچە كانتىرول قىلسىڭىز بولىدۇ.
3-كوك قىزىل لازىنى يېرىم غوزەكتىن، سامساقتىن 5،6 چىش، كۆك لوبۇدىن ئككى ئۈچ توغرامنى ئۇششاق قىلىپ توغراپ، ئۈستىگە يىتەرلىك ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ ئۈستىنى يېپىپ قويىمىز.
4-كەسكەن چوپنى قازانغا سېلىپ، بىر ئۆرلىگەندىن كېيىن، 3- تەييارلىغانلارنى قازانغا قۇيۇپلا ئوتنى ئۆچىرىۋېتىمىز. ئاندىن ئېھتىياجىڭىز بويىچە، پىشقان تاماق ئۈستىگە يۇمغاقسۈت، پىننا، يالپۇز قاتارلىقلاردىن قايسىنى سالسىڭىز بولېۋېرىدۇ. مانا ئۈگرىمۇ پىشتى!
dastirhanga marhaba!!!