مىڭىنى مۇھىم دەپ قارىغىنىڭىز سىزنىڭ ئەقىلگە نىسپەتەن ناھايتى ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بىرىدۇ . تولۇقسىز 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇشۇنداق نازۇك نەرسىگە توغرا پوزىتسىيە بىلەن قارالىغانلىقى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئادەم ئۆز مىڭىسىنىڭ ، ئەقلىنىڭ قىممىتىنى ھەققى ھېس قىلغان كۈنى بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغۋار پىلانلارنىڭ تۈزگۈچىسى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن .
مىڭىگە ،ئەقلگە بولغان بۇ خىل قاراش مېنىڭچە بىرىنچى بولۇپ ئادەمىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ئادەمدىن ئىبارەت قۇدىرەتلىك ئەقىل ئىگىسنىڭ بىز ھازىر ئويلىغاندەك ھاياتلىق ئۈچۈنلا كۆرەش قىلىپ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىشىقا ئەمەس نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈنمۇ يارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىش سۈپىتىدە ھېس قىلدۇرىدۇ.
دىمەك ئەقىل بار تۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك ،تىرىشماسلىق ،ئىزدەنمەسلىك بايلىقنى ئىسىراپ قىلغانلىق بىلەن باراۋەر !
پەيتى كەلگەندە بىر مىڭە بىر مىللەتنى تونۇتسا ،يەنە شۇ بىر مىڭە دۇنيانى ئۆزگەرتەلىشى مۈمكىن!!يارايسىز ! سىزنىڭ دەل مۇشۇنداق مۇھىم ،زىل مەسىلىگە بولغان توغرا قارىشىڭىز دىن باشقىچە بىر ئىستىقبالنى ،ئۈمىدنى كۆرگەندەك بولدۇم!!
ئەگەر تىرىشىش ،ئىزدىنىش جەريانىدا سىزدە بەزى بىر تىڭىرقاشلا بولسا مۇشۇ تور بەتتىكى بىلىملىك كىشىلىرىمىز بىلەن پىكىرلىشىپ بېقىشىڭزىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئېسىڭىزدە بولسۇن مىڭە،تىرىشچانلىق ، نىشان ،ئادەمنى مۇۋاپپەقىيەتكە يىتەكلىگۈچى!