ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار !
بوز قىر مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇپ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە دوس- بۇرادەرلەرنىڭ ھەم تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى جەريانىدا بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە بۇ نەتىجىللىرىمىز ئالەمشۇمۇل بولمىسىمۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مائارىپ سۈيەر كىشىللىرىمىز تەرپىدىن ئىجابى باھالارغا ئېرىشتى .
مانا بۈگۈن بوز قىر مۇنبىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوس -بۇرادەرلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى ھەم قوللىشى بىلەن شىركەت خارەكتىرىنى ئالغان «بوز قىر ئىلان ،ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى»نى قۇرۋالدى .
بىزنىڭ بۇ مەزكۇر ئورۇننى قۇرشىمىزدىكى ئاساسى مۇددائىمىز ، جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ، ھەم ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرۈپ كەلگەن ، ئەمما كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشقىچە بولغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ،ئۆزىنى دەڭسەپ بىقىشقا ، ھەمدەمەلۇم خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا داشقازانغا ئولاشمىسىمۇ ، تېرىشقاندىلا ئۆزدىكى بار بولغان ئىقتىدارىنى ئىشقا سىلىش ئارقىلىق ئىقسادى قېممەت يارتالايدىغانلىقىغا ، ھەم ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە نوپوزلۇق ئورۇنغا ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ، شارائىت يارتىپ بىرىش بىلەن بىرگە ئەمەلىي ئىش -پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش !!!
بىز بۇ تەشۋىقاتنى دەسلەپكى قەدەمدە كەڭ تارقاتمىغان بولساقمۇ ئەمما تەشۋىقاتىمىز يەتكەن جايلاردىكى ئامما ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغاپ مەلۇم قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ،ساددا كۆڭلى بىلەن مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدۇق : «ھەي قانداق بۇلا، ھۆكۈمىتىمىزنىڭمۇ بىشىنى قاتۇرىۋاتقان ئىشنى، قانداقمۇ كىچىكىنە بىر ئورۇن ھەل قىلالا ؟» يەنە مەلۇم قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجابىي پېكىرلىرىنىمۇ ئاڭلىدۇق :« دىيارىمىزدا دەل مۇشۇنداق ئورۇن يوق ئىدى ، ئەمدى باللىرىمىزنىڭ مەكتەپنى پۈتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن بىكار يۈرۈپ، ئوقۇغان كەسپىنى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ تايىنى يوق ئۈگەنگىنىنى ئۇنتۇپ كېتىشىدىن ۋايىم يىمەيدىغان بولدۇق !»
ئىككى شىڭگىل قىستۇرۇپ قۇيغۇم كەلدى : ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ،سۈيۈملۈك قىرىنداشلار ياخشى كۆڭلۈڭلار بىلەن بەرگەن نەسىھەتىڭلارغا ھەم ئىلھامىڭلارغا رەھمەت ، لېكىن شۇ نەرسە سەمىڭلاردا بولسۇنكى سىز، بىز بىلەن ھەمكارلاشمىسىڭىز بىز ، سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ قايسى مەكتەپنى ،قايسى كەسپنى ئوقۇپ ،ئۈگۈنۈپ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز ، شۇڭا سىز ، بىزنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىززىق لىنىيە قىلغان ئالاقىلىشىش ۋاستىللىرىمىز ۋە مۇنبىرىمىز ئارقىلىق ئۇچۇر بەرسىڭىز سىلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق سىز رازى بولغۇدەك جاۋاپ بىرەلەيمىز .
بىز يەنە كەڭ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاپتۇنۇمدىكى خەلىقئارالىق شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزۈشتۇق ، مەقسىدىمىز دىيارىمىزدىكى يۈرەكلىك ئىش قىلىشنى خالايدىغان كىشىللىرىمىزگە شارائىت يارتىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمۇ زاۋۇت ،كارخانا قۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئۇ شىركەتلەرنىڭ، ئىشەنچىلىك زاۋۇتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلماقچى ! بىز دەسلەپكى قەدەمدە« شىنجاڭ ئاتان خەلقئارالىق شىركىتى»نىڭ بىر يۈرۈش زاۋۇتلىرىنى تۇنۇشتۇرماقچى ، بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولسا مەخسۇس يىمەك ،ئىچمەك كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ ، ئىخلاستا ھەر ئىيىغا 10000يۈەن مۇئاش بىلەن مەخسۇس يىمەك -ئىچمەك، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش باشقۇرغۇچىسى بولۇپ 5يىل ئىشلىگەن ، مانا ھازىر ئۇ قىرندىشىمىز ، ئۆزىنىڭ كەسپىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە ئۈگەنگەن تەجىربىللىرى ئارقىلىق مەخسۇس يىمەك -ئىچمەك زاۋۇتلىرىنى بازارغا سىلىپ كەڭ قىرنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەمدە ئىقسادى قېممەت يارتىشىغا پۇرسەت يارتىپ بىرىۋاتىدۇ .
ئەگەر قىززىقۇچىلار بولسا، باش بىتىمىزدىكى پايدىلىق ئۇچۇرلىرىمىزغا نەزەر سالغاي ...
دۇنيادا بىرمۇ ئىقتىدارسىز ئادەم يوق ، گەپ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق بايقىشىڭىزدا !
كىلىڭ قىرىندىشىم ، سىزنىڭ قايسى ئىشقا قۇربىڭىز يەتسە بىزگە ئۇچۇرىڭىزدىن ۋاقپلاندۇرۇڭ ،بىز ،سىزگە لايىق خىزمەت تېپىپ بىرىشقا تېرشىمىز ... كىلىڭ، ئەمدى كۆمسەم پىشامۇ ،ياپسام پىشامۇ دەيدىغان ئارسالدىكى گەپ سۆزلەرنى تاشلاپ ياھ خۇدا دەپ ئوتتۇرغا چىقىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشقا ئاتلىنايلى ؟!
بىزمۇ خۇددى ئاكا ،ئۇكا مۇسا بايوفلاردەك مائارىپنىڭ جىنى بولغان ئىقسادى قېممەت يارتىشقا تېرشايلى !!!
راس بىر ئىلانىم قاپتۇ

مۇلازىمەت ئورنىمىز يىقىندا ئوتقاش شىركىتىنىڭ ئاپتۇماتتىك توك پارىنىڭ سىتىش ۋەكالەتچىلىكىنى ئالدى ، بۇ بىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە قىرنداشلارغا سۇنغان تۇنجى سوۋغىمىزدۇر ، ئەمدى سىز بىنا ئۆيلەردە بولسىڭىز ئۆيىڭىزنىڭ ئىسسىمىغان ۋاقىتلىرىدا، شۇنداقلا پارنىڭ بىرىلىش ۋاقتى كىچىكەندە ،بالدۇر توختاتقاندا ۋايىم يىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ ئۆيىڭىز كورپىس ئۆيلەردە بولسا ئەتىگەن -ئاخشامدا مەشلەرگە ئوت قالايدىغان ، ئىشتىن ھېرىپ -ئىچىپ كەلگەندە ئۆي ئىسستىمەن دەيدىغان ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىسىز ! قىنى سىناپ بېقىڭ ؟ بۇ مەھسۇلات دۆلىتىمىزنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكەن بولۇپ تالاسى گىرمانىيەنىڭ بولۇپ سىرتقى شەكىل جازىسى جۇڭگۇنىڭ .
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە سۈرۈشتۈرۈش تېلىفۇنى : 13319093838 ،2288880، 2260000
ھۆرمەت بىلەن «بوز قىر ئىلان ، ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى »