رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
كورلا شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ تارمىقى بولغان خورا تېغىنىڭ ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ شەرق تەرىپى باغراش ناھىيىسى، جەنۇبى قىسمى لوپنور ناھىيىسى ، غەربى قىسمى بۈگۈر ناھىيسى، شىمالىي قىسمى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خىجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 110 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 92 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 7449.7 كۋادرات كىلومېتىر.
كورلا شەھىرىگە 10 يېزا، 6 مەھەللە باشقارمىسى، 56 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەر تەۋەسىدە تارىم نېفىتلىكىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يول ۋاقىتلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 2 - دىۋىزىيىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار، شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 465 كىلومېتىر. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن باغراش كۆلى، سۇ چىقىرىش پونكىتى مەنزىرىلىك رايونى، نېلۇپەر كۆلى، قۇياش ئارىلى قاتارلىقلار بار.