بىر توپ ياشلار شەھەر سىرتىدىكى ئورمانلىقتا بىر ياقتىن پىۋا ئىچىشسە، بىر ياقتىن لەرزان مۇزىكىغا تانسا ئويناپ دالا يىغىلىشى ئۆتكۈزۋاتاتتى. يىغىلىش ئالاھەزەل ئىككى سائەت داۋاملاشقاندا، يامغۇر چىلەكتە قۇيغاندەك يېغىپ كەتتى، ئۇلار يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. پاناھلانغۇدەك بىرەر جاي تاپالمىغان گىبسون بىلەن جورجى قاتتىق يامغۇردا 10 مىنوت يۈگۈرگەندىن كېيىن ئاران دىگەندە ئۆز ماشىنىلىرىغا چىقىۋالدى. ئۇلار بۇ جايدىن بالدۇرراق كەتمەكچى بولۇشۇپ، ماشىنىنى تاشيولغا قاراپ ھەيدىدى. بايىقى يىغىلىشتا پىۋا ئىچىپ پۇخادىن چىقمىغان بۇ ئىككى ياش ماشىنا ئۈنئالغۇسىنى ئېچىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن پىۋا ئىچكەچ بىر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدەپ مېڭىشتى. بۇ ۋاقىتتا يامغۇرمۇ توختاپ، ئەتراپنى ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلۇق قاپلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، بىر بوۋاي ئۇلارنىڭ ماشىنا دېرىزىسىنى بوشقىنا چەكتى.
- ۋۇي،- گىپسون ۋارقىراپ كەتتى،- سىرتقا قارىغىنە، بىر بوۋاي تۇرىدۇ.
بوۋاي ماشىنا ئەينىكىنى يەنە چەكتى، ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان جورجىمۇ قورقۇپ كەتتى ۋە:
- دېرىزىنى سەل چۈشۈرۈپ سوراپ باقە، ئۇ نېمە قىلماقچىكىن،- دىدى.
گىبسون دېزىنى ئازراق چۈشۈرۈپ قورققان ھالدا:
- نېمە قىلاي دەيسىز،- دەپ سورىدى.
بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ:
- تاماكا بارمىدۇ؟
گىپبسون قورققان ھالدا جورجىغا:
- ئۇ تاماكا سوراۋاتىدۇ.
- چاققان بەر، تېز بول،- جورجى قورقۇپ تۇراتتى. گىبسون ئالدىراپ-تىنەپ يانچۇقىدىن يېرىم قاپ تاماكىنى چىقىرىپ بوۋايغا بەردى ۋە دەرھال ماشىنا ئەينىكىنى كۆتۈرۈپ جورجىغا «ماينى بۇلىشغا دەسسەپ، تېز ھەيدە» دىدى .
ئۇلار 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ماشىنىنى ھەيدەپ مېڭىشتى. بىر ئازدىن كېيىن ئىككى ياش ئازراق تېنچلىنىپ، يەنە مۇزىكا ئاڭلىغاچ پىۋىسىنى ئىچىشكە باشلىدى. گىبسون جورجىغا:
- بايا ماشىنىنى شۇنداق تېز ھەيدىگەندەك قىلىۋاتقان، بايىقى بوۋاي بىزگە قانداق يېتىشۋالدىكىنە؟
تۇيۇقسىز ماشىنا ئەينىكى يەنە چېكىلدى ، بۇ يەنە بايىقى بوۋاي ئىدى.
- ۋاي ئۇ يەنە كەپتۇ،- گىبسون چىرقىراپ كەتتى.
- سوراپ باققىن، ئۇ يەنە نېمە قىلماقچىكىن،- دىدى جورجى،قورققىنىدىن ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ كەتتى.
- سىز يەنە نېمە قىلاي دەيسىز،- دەپ سورىدى گىبسون.
- چاقماق بارمىدۇ،- دىدى بوۋاي كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
گىبسون چاقماقنى ماشىنا دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىتىپ ئېتىۋەتتى ۋە دېرىزىنى تېزلىكتە كۆتۈرۈپ « تېز بول، ماينى تېخىمۇ كۈچۈپ دەسسە» دەپ ۋارقىرىدى.
بۇ چاغدا ئۇلار 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ماشىنىنى ھەيدەپ مېڭىشتى. قورقۇپ كەتكەن ئىككەيلەن داۋاملىق ھارىقىنى ئىچىپ بايىقى غەلىتە بوۋاينى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۇرۇندى، ئەمما ئون مىنوت ئۆتمەيلا بىرى ماشىنا ئەينىكىنى چەكتى.
- ئاھ خۇدا، ئۇ يەنە كەپتۇ،- بۇ چاغدا گىبسون ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن ۋارقىراپ كەتتى،- زادى نېمە قىلاي دەيسەن.
بوۋاي ئاۋالقىدەكلا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سىلەرگە ياردەم كېرەكمۇ؟ ماشىناڭلار بۇ پاتقاقلىقتا ماڭغىلى يېرىم سائەت بولدى.
« يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى