ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1011 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بېلىقچى ئانا
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 382
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە382دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 498 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 105
ياخشى باھا: 493
توردا: 142(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-10-23
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 12:29

بېلىقچى ئانا

بېلىقچى ئانا

       بىر دەريا بويىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشايدىكەن. يالغۇز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيالىقتا بىر بولغان ئوماق ئوغلىنى ئاتا-ئانا شۇنچىلىك ئەتىۋارلاپ باقىدىكەن. بالا شوخ، خۇشال ئويناپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئائىلىسى بېلىق تۇتۇپ جان باقىدىغان بولغاچقا، ھەمدە دەريادىمۇ بېلىق ئازلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئەسىلىدىنلا نامرات ئىكەن . داۋالىتىشقا پۇل، ئۆيىدە بېلىق تۇتۇش سايمانلىرى، قازان-قۇمۇچ ، كونىران بىر ئىككى پارچە پالاستىن باشقا پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە يوق ئىكەن. ئاتا:
- ئانىسى، مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن، مەن كېتىپ قالسام ، ئوغلۇمغا ياخشى قارا، ئۇنى ئاچ-يالىڭاچ قويمىغىن، بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن،... دەپ بىر مۇنچە نەسىھەتلەرنى ئېيتىپ ، كۆز يۇمۇپتۇ.
ئانا، شۇ كۈندىن باشلاپ، تېخىمۇ سەھەر تۇرۇپ بېلىق تۇتۇشقا چىقىپتۇ، ئۇ ھەر دائىم تۇتقان بېلىقلىرىدىن ئىككى تالنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ساتىدىكەن. ئېلىپ قالغان بېلىقنىڭ بىرى ھەم چوڭ، ھەم پۈتۈن ئىكەن، ئەمما يەنە بىرى بولسا كىچىك، بەزىدە بولسا ھەتتا يارىلىنىپ قالغان ياكى بىر يەرلىرى كەمتۇك ئىكەن. ئەلۋەتتە ئانا باشتىكىسىنى ئوغىلىغا پىشۇرۇپ بېرىپ، كېيىنكىسىنى ئۆزى يەيدىكەن. ئوغۇل سورىسا، مەن كۆپ يېيەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلىق يېيىش بىلەن ئانچە خوشۇم يوق. دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.
    كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپتۇ، ئوغۇل ساغلام، چوڭ بېلىقلارنى يەپ ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل، ساغلام چوڭ بوپتۇ. تولۇقسىزنىمۇ پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئۇقۇشقا ماڭماقچى بوپتۇ.ئانا بولسا ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلىنىپ، ئۇنى ئۆزى تىجەپ يىققان ، ۋە قوشنىلاردىن قەرز ئالغان پۇل بىلەن يولغا ساپتۇ. ئوغلى بولسا ئانىنىڭ بۇ پۇلنى قانداق جۇغلىغانلىقىنى سوراپمۇ قويماي،  پۇلنى ئېلىپ ئۇقۇشقا باشقا شەھەرگە راۋان بوپتۇ.
  ئانا داۋاملىق بېلىق تۇتۇپ سېتىشقا كىرىشىپتۇ، بۇرۇنقىدىنمۇ بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ بېلىق تۇتقىلى چىقىپتۇ، ئۆزىنى ئۈچۈن يەنىلا ھېلىقىدەك كىچىك، يارىدار بىلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ يەپتۇ. بەزىدە خېرىدارلار ئىلغاپ قويۇپ قويغان ، ئېشىپ قالغان بېلىقلارنى يەپتۇ. ھەتتا ، بېلىق سېتىپ بولغان ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ ئۇششاق -چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىپ پۇل تېپىپتۇ. ھەم بالىسىغا ئۇدۇللۇق ئەۋەتىپ تۇرۇپتۇ.
  بالا بولسا ئانىسىنىڭ جاپاسىدىن خەۋەرسىز، ئاۋات شەھەردە، خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئوقۇش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇ. ئانچە - مۇنچە تورخانا، بورتخانا، تانسىخانىلارغا كىرىپ ئوينىسا، بەزىدە رېستورانلاردا دوستىلىرى، قىزلار بىلەن مەززىلىك تاماقلاردىن ھوزۇر سۈرۈپتۇ ، تەملىك بېلىق قورۇمىلىرىدىن يەپتۇ.
  - ئەركىن، سىزنىڭ تېلفونىڭىز._ توۋلاپتۇ ياتاق باشقۇرغۇچى.
  -  ھە مانا. ئەركىن، يېنىدىكى قىزغا قولىدىكى يېشىل چاينى ۋە قۇلىقىدىكى تىڭشغۇچلارنى تۇتقۇزۇپ، ئاغزىدىكى تاماكىنى ئۆچۈرگەچ تېلېفوننى ئالدى.
 - ۋەي، كىم ؟
 - ئەركىنما، مەن سىلەرنىڭ قوشناڭلا، ئامىنە ھەدەڭ.
 - ھە ، ياخشىما، نېمە ئىش. _ دەپتۇ خۇشياقمىغان ھالدا.
 - ئەركىن، ئاپاڭ ئاغرىپ قاپتىكەن، دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىدۇق، بولالماي چۈشتىن كېيىن ، دوختۇرخانىدا كۆز يۇمدى.
 - ھە... _ تېلفون تۇرۇپكىسى ئەركىننىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى.
 ... ...
 - سىز ، ئامىنە ھەدىنىڭ ئوغلى بولامسىز؟ مەن يېزىلىق ساقچىخانىدىن، بۇ ئانىڭىزنىڭ ئۆلگەنلىك ئىسپاتى.
 ئەركىن قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى:
  ئامىنە ، ئايال، ...  ... ئۆلۈش سەۋەبى: دەريا سۈيىدە زەھەرلەنگەن بېلىق يەپ زەھەرلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
  ... ...
      ئەركىننىڭ كۆز ئالدىغا، ئەينى چاغلاردا ئانىسىنىڭ كىچىك ، يارىدار بېلىقلارنى يېگىنى؛ كەچتە قايتىپ كەلگەندە بولسا، كىشىلەر ئىلغاپ تاشلاپ قويغان، بەزىلىرى كۆكىرىپ كەتكەن بېلىقلارنى يېگەنلىرى ... ... قاتارلىقلار كەلدى. كۆزىدىن بولسا، ئەلەملىك، پۇشايمانلىق ياشلىرى كەلدى.



مەنبە: ئەلتېكىن 
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-03-18 12:38قايتا تەھرىرلەندى ]
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 21:40

تەسىرلىك چىقپتۇ ،سەل كېڭەيتىۋەتسىڭىزچۇ؟
ئۆرلە ۋەتەن!
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-06 17:35

،<<مەن كۆپ يېيەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلىق يېيىش بىلەن ئانچە خوشۇم يوق. دەپ جاۋاب بېرىدىكەن. >>