ئادەتتە مۇھىم ماتېرىيال ھۆججەتلەرنى بارماق دىسكىدا زاپاسلاپ قويىمىز، لېكىن بارماق دىسكا ئاسانلا يۈتۈپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بارماق دىسكىغا قوسقىڭىز ئاغىرمىسمۇ ئىچدىكى زاپاسلاپ قويغان ھۆججەتلەرگە ئىچ ئاغىرىقى تارتشىڭىز مۈمكىن. مەن ئەمدى ئاسان يۈتۈپ كەتمەيدىغان(مۇتلەق ئەمەس يانا) بىر بارماق دىسكىنى تۇنۇشتۇراي، ئۇ بولسمۇ ئالتۇنتاغ شىركىتىنىڭ بۇلۇت دىسكا مۇلازىمىتى(تېز دىسكا). سىز
www.kuaipan.cn گەئەزا بولسىڭىزلا G5 دىسكابوشلۇقىنى ھەقسىز بېرىدۇ. تېز دىسكا ياردەمچى قورالنى كومپيۇتېرغا قاچىلسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدا ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر دىسكا رايونى قۇرۇلىدۇ. ئادەتتە دىسكا ئورنى E:\快盘\ دا بولىدۇ . سىز ھۆججەتلىرىڭىزنى شۇ رايونغا ساقلىسىڭىز، ھۆججىتىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدىكى ئالتۇنتاغ تېز دىسكىسدا ئاپتوماتىك زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ. ئەمدى بارماق دىسكا كۆتۇرۇپ يۈرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . سىز مەيلى نەدىلا بولماڭ، تورغا ئۇلانغان كومپيۇتىرلا بولىدىكەن،سىز
www.kuaipan.cn نى چىكىپ ئابۇنىت ھېساباتىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا سىزنىڭ ھۆججەتلىرىڭىز بارماق دىسكىدىن بىخەتەر ھالدا كۆزئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ . سىز كومپيۇتىردىكى ۋە بوشلۇقتىكى دىسكا رايونىڭىزغا مەخپىي نۇمۇر سالالايسىز. تېز دىسكىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ipone ipad, android لاردىمۇ بۇ دىسكىڭىزنى بىمالال ئاچالايسىز، پەقەت تورغا ئۇلانسىلا .