( ئىنسانىيەت، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا دوستلۇق قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان ياپون خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەت كەلگەندە،نامەرت قەۋملەر توي خۇشاللىقىغا چۆمگەن بولسا، ئۇيغۇرلار ئۆز ھىسداشلىقىنى بىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى دەپ بىلمەكتە..بۇ رۇشەن سىلىشتۇرما ئۇشبۇ تىمىنىڭ يېزىلىشغا سەۋەپ بولدى ھەمدە ئۇشبۇ تىما ئۆزىدە بىر ئىنسانى يۈرەك بار دەپ بىلىدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھىسياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)
3-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپونىيىنىڭ شەرقى شىمال قىسمىدا يۈز بەرگەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەردىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتۇق ۋە ئازابلاندۇق!
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز. قازا تاپقانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنىڭ خەيرلىك بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتنى چىن كۆڭلىمىزدىن ھال سوراش بىلەن بىرگە ئۇلارغا سەۋرى-تاقەت تىلەيمىز. شۇنداقلا، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلارنىڭ بىر دەقىقە بولسىمۇ بالدۇرراق تىنچ-ئامان ھالدا ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز.
ياپونىيە ھازىرغىچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قۇچىقىنى ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنى ھەرخىل تەرەپلەردىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان ساناقلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كۆپلىگەن ياپون خەلقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە ھېسداشلىق قىلىپ، قولىدىن كېلىشىچە بىزگە يار-يۆلەكتە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ياپون خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر كۈلپەتتىن بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز ئېچىشماي تۇرالمايدۇ. بىزنىڭ يۈرىكىمىز ھەر ۋاقىت بۇ ئېغىر كۈلپەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياپون خەلقى بىلەن بىرگە سوقىدۇ. ياپون خەلقىنىڭ ۋەيران بولغان يېزا-قىشلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ بۇ مۈشكۈلاتنى يېڭىپ ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز. ھەمدە، تىز پۈكمەس روھ ۋە جاسارەتكە ئىگە ياپون خەلقى چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە ھالاك بولۇپ كەتكەن يېزا-قىشلاقلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايدۇ دەپ چوڭقۇر ئىشىنىمىز.
مەنبە:- ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى نامىدىن قەلىمىم.
مىسرانىم تورى› غەلىبە قىلغۇچى‹ قەلىمىدىن،،،،