يىشىلسۇن مەستلىك
مەكتەپتىن پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قويۇپ بەرگىنىمۇ بىر نەچچە كۈن بولدى، بۇ نەچچە كۈندىن بېرى پىجغىرىم ئاپتاپتا دۈم يىتىپ-دۈم قوپۇپ ئىشلەپمۇ مەكتەپ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماي،بىشىمدىن تۈتۈن چىقپ كىتىۋاتاتتى. مانا بۈگۈنمۇبىر كۈنلۈك جاپالىق ئەمگەكتىن كىيىن تاغامنىڭ ئۆيىگە چاقىرىلغان مىھماندارچىلىقنى تۈگىتىپ،دادامغا يانداشقىنقمچە ئۆيگە قاراپ كىتىۋاتىمەن.
ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىم ۋاقتى كىلىشى بىلەنلا بىزنىڭ بۇ چەت مەھەللە خېلىلا ئاۋاتلىشىپ قالىدۇ،يېزىمىزدا تېرىلدىغان ئاساسلىق زىرائەت پاختا بولۇپ،پاختىلار ئىچىلىشى بىلەنلا بىر ياز ۋاقتىنى ئەسكى تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن ھورۇنلار ئىشتانلىرىدىكى توپىنى قېقىشقىنىچە ئېتىز تەرەپكە مىدىرلايدۇ. ئۈچ-تۆتتىن توپ بولىۋىلىپ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ ئورۇنلىرىمۇ بوشاپ،ئۇلار .ئولتۇرىدىغان ياغاچ-تاشلارمۇ بىر مەزگىل «ئارام تاپىدۇ.»
غۇلجا تەرەپلەردە پاختا تېرىلمىغاچقا ،بىر قىسىم ياشلار ئالمىللىرىنى يىغىشتۇرىۋىتىپ ئاز-تولا كىرىم قىلىش ئۈچۈن بۇ
تەرەپلەرگە ئۆتىدۇ. خۇشچاقچاق،شوخ ئىلى قىز -يىگىتلىرى كېلىپلا مەھەللىنى جانلاندۇرۇپ،بۇرۇنقى تۇرغۇن،مەنىسىز ھالەتتە ئۆزگىرىش ياسايدۇ.مانا ھازىر دەل ئەشۇ بىر مەزگىللىك قىزغىنلىق ئەۋىج ئالىدىغان چاغ،بىراق ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە، كەينىمىزدىن ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كىلىۋاتقان ئۈچ-تۆت ياش بالىدىن باشقا ئىنىس-جىن كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار توغۇرلۇق سۆزلىسەك، مەھەللىمىزنىڭ پەخىرى لۈكچەكلىرى، ھەممىسىلا ئوقۇمىغان،بىر-بىرىدىن ئۆكتەم،جىدەلخۇمار نىمىلەر،ئۇلارنىڭ قانداق بولۇپ بىر-بىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ،دوست بولۇپ ئۆتىدىغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەيدۇ.«توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچىكە جاڭگال»دىگەندەك،ھەممىسىنىڭ نىيەت-مەقسەتلىرى بىر يەردىن چىقامدىكىن تاڭ؟
-ئەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولدى ئاۋۇ غۇلجىلىق پاختىچىنىڭ گىپىگە،-دېدى تېز مېڭىپ ئۇدۇلىمىزغىلا كېپقالغان «پەخىرى لۈكچەك»لەرنىڭ بىر «ئەزاسى»،-ئۆزىچە بۇ يەرگە مىھمانغا كەلدۇق دەپ ئويلاپ قالدىمىكىنە؟
-شۇنى دەيمەن، بۇ يەردە نىمە نوچىلىق بۇ خەققە، بايا قولۇمداپىچاق بولغان بولسا،سىلىۋىتىپلا بىشىمغا كەلگەننى كۆرەتتىم جۇمۇ!
-ھە،باللا،شۇنى بىلگەن بولساڭلار بولدى،بۇ خەققەگەپ قىلمىساڭ گەدەنگە مىنىدۇ، شۇڭا مۇنداق قىلايلى،ئەگەر.....
«ئەزىمەتلەر جەڭدىن قايتىپتۇ دە ، ئاستىراق ماڭغان بولسا يەنە قانداق ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالاتتم»
دەپ ئويلىدىم ئچىمدە، ئۇلار بىزدىن ئۇزاپ بىز كىرىدىغان تار كوچىغا بۇرۇلدى.
قاياقتىندۇر كەلگەن سوغوق كۈز شامىلى يۈزۈمگە ئۇرۇلۇپ،تىنىمنى شۈركەندۈرىۋەتتى...
تار كوچىغا بۇرىلىشىمىز بىلەنلا كوچا ئىچىدىن «قىر-چاپ سادالىرى» ئاڭلىنىشقا باشلىدى، كىم بولاتتى ،بىزنىڭ لۈكچەكلەر بىرىنى ئۇرغىنى تۇرۇپتۇ،قاراپلا تونۇدۇم.
-مانا غۇلجىلىق بولساڭ...
-ھۇ سەندەك غۇلجىلىقنى...
-ھاي-ھاي،-يۈگۈرگەچ توۋلىدى دادام،-ئۇرماڭلار دەيمەن!
بىز بارغۇچە ئۇلار غۇلجىلىق يىگىتنى خېلىلا ئغىر ئۇرىۋىتىپ،يولىغا راۋان بولغانىدى.
-خەپ،سېرىق تۈك شۇملار،بۆرتالالىق بولغىنىڭغا تويدۇرىۋىتىمەن بىر كۈنى،خەپ!-يىگىتمۇ بىر نىمىلەرنى دەپ غۇدىراپ
زەخمىلەنگەن پۇتىنى سۆرەپ دىگۈدەك كىتىپ قالدى.
-ھەممىسى مەستلەر،-دېدى دادام ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ،-خۇدىنى بىلمەيدۇ.
دادامنىڭ نېمىشقا ساپساق بالىلارنى مەست دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي تۇرۇپ قالدىم،ياشلارنىڭ بايىقى سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە قايتا جاراڭلىدى، مەرھۇم شائىر تىيىپجان ئىلىيۇف ئاكىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا:«بىزلەر يۇرتۋازلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتۇق،ياشلارغا ئىلتىجايىم شۇكى،بۇ ئىللەتلەرنى تاشلاپ ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈڭلار»دىگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى،-دە. دادامنىڭ بايىقى سۆزلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
-بۇ مەستلىك يىشىلمەسمۇ ،دادا؟
-يىشىلىدۇبالام،بىراق،يىشىلگەنلەرئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا كىچىككەنلىكىنى ھېس قىلىسشدۇ،ئەۋلادلار بىزگە نەپىرەتلىنىدۇ،ئوغلۇم.
دەرەخ يوپۇرماقلىرى يىنىك شامالدا خۇددى ئۇلانى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەندەك ئاستا شىلدىرلىماقتا. كاللام غايىۋى دۇنىيارىمدا خىتاپ قىلماقتا:«ئەۋلادلار بىزگە لەنەتلەر ئوقۇمىسۇن،يىشىلسۇن مەستلىك ، يىشىلسۇن مەستلىك!»
مەنبە:ئۆزۈم