ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 666 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ناتسېستلار دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن 10 چوڭ ئىجادىيەت
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 730
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە730دانە
تۆھپىسى: 99
پۇلى: 930 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 205
ياخشى باھا: 930
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-04-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 21:39

ناتسېستلار دۇنياغا قالدۇرۇپ كەتكەن 10 چوڭ ئىجادىيەت





         گىتلېر ۋە ناتسېستلار 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىنسانىيەتكە قارشى چوڭ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن. بۇ ماقالىدە ناتسېستلارنىڭ بۇ جىنايىتىنى ئاقلاش مەقسەت قىلىنمىغان. قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئۇلار يەنىلا جەمىيەتكە پايدىلىق يېڭىلىقلارنىمۇ ياراتقانلىقتىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بۈگۈنگە قەدەر بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا. تۆۋەندە  ناتسېستلارنىڭ بۇ جەھەتتكى ئىجادىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
                1. تىرىك تەننى ئاناتومىيە قىلىشنى چەكلىگەن.  
  ناتسېستلارنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارى گراخامىست( گۆشسىز تاماق يېيىشنى تەشبۇس قىلىدىغانلاردىن) بولۇپ،ناتسېستلارنىڭ تىرىك تەننى ئاناتومىيە قىلىشنى چەكلەش قانۇنىدا ھايۋانالار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجىربىنىڭ زۈرۈش شەرتى بەلگىلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىت، مۈشۈك، ئات ۋە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئاناتومىيە قىلىش چەكلەنگەن.
         2. ھايۋانالارنى قوغدىغان. گىتلېر 1933-يىلى ھايۋانالارنى خورلاشنى چەكلىگەن. بۇ، گېرمانىيەدە ھايۋانالارنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ناتسېستلار ھۆكۈمىتى ئوۋ ئوۋلاشنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلاپ، مۇھىت قانۇنىنى تۈزگەن ھەم ئاپتوموبىل ۋە پويىزلاردا ھايۋاناتلارنى قانداق تۇشۇش قانۇنىنى قېلىپلاشتۇرغان.
3. تاماكا چېكىش چەكلىگەن.
          ناتسېستلار تاماكىنى زەھەرلىك دورا دەپ قارىغان. گىتلېر ھۆكۈمىتى دۇنيادا تۇنچى قېتىم تاماكىغا خۇمار بولۇشنى تەتقىق قىلغان، ھەم تاماكا چىكىشنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
  ناتسېستلار: 18ياشتىن تۆۋەلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى؛ئەسكەرلەرنىڭمۇ تاماكا چېكىشىنى چەكلىگەن. ناتسېستلار ھۆكۈمىتى يەنە شەھەر، خىزمەت رايونى، ئاممىۋىي سورۇن، دوختۇرخانا، ئاشخانا ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەر دائىرىسىدە تاماكا يۆتكەشنى چەكلىگەن.
                4.  ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پىلانىنى يولغا قويغان
     گىتلېر ھۆكۈمىتى داۋالاش پىلانىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار ئىجتىمائىي پىلانلارنى يولغا قويغاچقا، خەلق تۇرمۇشى خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.
                       5.ئاممىباپ ئاپتوموبىل
  ناسېستلار دەۋرىدە، گېرمانىيەدە «KDF-WAGEN »ناملىق ئاپتوموبىل ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ، ئاددىي پۇقرالار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەرزان باھالىق ئاپتوموبىل ئىدى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدىلىكى- موتور ماشىنىنىڭ كەينىگە ئورنىتىلغان، چاقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. دەسلەپتە، بۇ ماشىنىغا قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئادەم ۋە ئۈچ كىچىك بالا  پاتقان ھەم سائەتلىك سۈرئىتىنى 97كىلومېتىرغا يەتكەن.
6. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول.  گىتلېر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ناتسېتلار ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ھەق ئېلىش سىستېمىسى ئورناتمىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى قۇرۇپ چىققان. بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى 10مىڭ ئادەمنىڭ خىزمىتى  ھەل بولغان.
         7. راكېتا. راكېتانى ئىجاد قىلغۇچى ۋېرنېن ۋون برۇن ناتسېتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،20- ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، ئۇ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە راكېتا ياساپ بەرگەن. گىتلېر ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە «V-2»تىپلىق راكىتانى قويۇپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا « NASA»بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاۋىئاتسىيەدە راكېتا ئىشلەتكەن، ھەم 1969-يىلى ئىنسانلارنى ئايغا ئېلىپ چىققان.
     8 .كىنودا يېڭىلىق ياراتقان. يوسېف گېبلېس گىتلېر تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.      2-دۇنيا ئۇرۇشدا ئۇ گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن نۇرغۇن كىنولارنى ئىشلىگەن. گېرمانىيەنىڭ كىنوچىلىق ۋە ئوپىراتورچىلىق تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ، رەڭلىك كىنو لېنتىسى ئىشلىتىشكە باشلىغان. سىن ئېلىش جەريانىدا كىران  ۋە رېلىستلىق ئاپتوموبىلنىمۇ   ناتسېستلار گېرمانىيەسى تۇنجى بولۇپ  ئىشلەتكەن. بۇ تېخنىكىلار ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
       9. مودا. ناتسېستلارنىڭ ئۆتىكى، ئىشتىنى ۋە دۇبۇلغىسى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەڭ  مودا بولۇپ قالغان.
        10. مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتى. ناتسېستلارنىڭ ئالىملىرى ئەسىرلەر لاگىرىدا مەھبۇسلار ئۈستىدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز تەجرىبىكەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ، قوشكېزەكلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجىربە، جىنايەتچىلەرنى توڭلىتىپ قويۇش، زەھەرلىك گاز تەجىربىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ جىنايەتلەرگە سوت ئېچىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىغان ھەم مېدىتسىنا  ئەخلاقىغا ئالاقىدار  قانۇنلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. لېكىن ئامېرىكىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرىدە سارىيى تور بېكىتىدە ئېيتىلغاندەك: ناتسېستلارنىڭ بۇ «ئەزرائىل دوختۇرلىرى»نىڭ تەجىربىسى ئېمونېتىت ۋاكسىنىسى، زەھەر قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. 
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 798
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە798دانە
تۆھپىسى: 69
پۇلى: 986 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 139
ياخشى باھا: 936
توردا: 134(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-04-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 10:25

-نېمىسلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس...
دوستلىشىش
شورۇقلۇق
سەمىمىي ياشا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 823
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 30 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 30
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-04
ئاخىرقى: 2012-03-08
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 10:29

10-ئىجادىيىتى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ.
بوز قىر
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 730
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە730دانە
تۆھپىسى: 99
پۇلى: 930 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 205
ياخشى باھا: 930
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-04-19
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-27 14:58

قانداق دەيسىز؟