
شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ
سىزنىڭ ياشاش ئۈچۇن نېمە ئىشلارنى
قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆڭۈل بولمەيمەن ؛ بىراق سىزنىڭ نېمىگە ئىنتىلدىغانلىقىڭىزنى ، ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ياكى ئاشۇرالمايدىغانلىقىڭىزنىلا بىلگۈم كېلىدۇ .
سىزنىڭ قانچە ياشقا كىرگىنىڭىز بىلەن كارىم يوق ؛ بىراق سىزنىڭ مۇھەببەت ئۈچۇن ، شېرىن چۈشىڭىز ئۈچۇن ، ئاجايىپ ئۇچرىشىشىڭىز ئۈچۇن تەلۋىلەرچە تەۋەككۈل قىلىپ باققان _ باقمىغانلىقىڭىزنى بىلگۈم كىلىدۇ .
قانداق نەرسە سىزنىڭ ھەيۋىڭىزنى سۇندۇردى ، بۇنى بىلگۈم يوق ؛ مېنىڭ شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ ، ئازابلانغان يۈرىكىڭىزنى قاماللاپ تۇرۇپ ، ھاياتلىقنىڭڭ سىزگە قىلغان ۋاپاسىزلىقىغا كەڭ قورساقلىق قىلالىدىڭىزمۇ ياكى تېخىمۇ كۆپ ئازابلارنىڭ كېلىشىدىن قورقۇپ روھىڭىز چۈشۈپ بېكىنمە ھالەتكە ئۆتۈۋالدىڭىزمۇ ،يوق ؟

مېنىڭ شۇنى بىلگۈم كىلىدۇ ، سىز ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئازابىم ئۈچۇن قايغۇرامسىز ؟ مەن خۇشال بولغان چاغلاردا مېنىڭ ئېھتىياتچان ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشۇمنى ، شۇنداقلا ئادەم بولۇشنىڭ چەك _ چىگراسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا خۇشاللىقىمغا جور بولالامسىز ؟
سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز راستمۇ ، يالغانمۇ بۇنى بىلگۈم يوق ؛ مېنىڭ شۇنى
بىلگۈم بار ، ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۇن باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ باقتىڭىزمۇ ، يوق ؟ ئۆز ۋىجدانىڭىز ئۈچۇن خىيانەت قىلىشنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بىرىپ ، ئىزچىل تۈردە سەمىمىي ، ئىشەنچىلىك ، تايىنىشقا ئەرزىگۈدەك ئادەم بولالىدىڭىزمۇ ، يوق ؟
سىز گۈزەللىكتىن بەھىرلىنىپ باققانمۇ ؟ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۇن ھاياتلىقنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ ، يوق ؟ مېنىڭ يەنە شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ ، ئوڭۇشسىز شارائىت ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئايغا قاراپ : < نېمىدىگەن گۈزەل > دەپ ھۇزۇرلىنىپ باقتىڭىزمۇ ، يوق ؟
سىزنىڭ نەدە ياشىشىڭىز ، قانچىلىك مال _ دۇنيا توپلىشىڭىز بىلەن كارىم يوق ؛ مېنڭ شۇنى بىلگۈم بار ، ئازاب ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئېغىر زەربىگە دۇچار بولغان بىر كېچىدىن كېيىن يەنە سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بالىڭىزغا ئاز _ تولا ئىش قىلىپ بېرەلىدىڭىزمۇ ، يوق ؟

سىزنىڭ نەدە ئوقۇغانلىقىڭىز ۋە نېمە ئۆگەنگەنلىكىڭىز بىلەن كارىم يوق . مېنىڭ شۇنى بىلگۈم بار ، ھەممە نەرسە سىزدىن يۈز ئورىگەندە قانداق نەرسە سىزنى مەزمۇت
تۇرغۇزالىدى ؟ سىز تەنھالىق ئىچىدىكى ئۆزىڭىزنى قوبول قىلالىدىڭىزمۇ ؟ كۈنلىرىڭىز مەنىسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن چاغلاردا سىزگە ھەمراھ بولالىغان دوستىڭىزنى چىن دىلىڭىزدىن ياخشى كۆرەلىدىڭىزمۇ ؟ مېنىڭچە ھىچكىم يوققۇ دەيمەن ، بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرىدىغان . ھەقىقى چىن يۈرىكى بىلەن جۈرئەتلىك ھالدا ؟ مېنڭىچە ھەي تاڭ .... مەنبە-كەڭساي مۇنبىرى