پۇتبول 
جەسسۇرلۇق ھەم مەرتلىكنىڭ ، جەۋلانىدۇر بۇ پۇتبول ، 
ئىجىل –ئىناق ،ئۆملۈكنىڭ ،  كارۋانىدۇر بۇ پۇتبول .
پۇتپول ئۈچۈن ئىنتىلگەن ، يۇمران –نوتا ،مايسىنىڭ ،  
بۈك- باراقسان كۆكلىشى  ، ئارمانىدۇر بۇ پۇتبول .  
سەرخىل ئىسىل كۆرۈنۈش ، كۆز باغلىغان تېخنىكا ، 
مەيدان سىرتى –ھۇرراننىڭ ، داۋاسىدۇر بۇ پۇتبول . 
دوئىل ئارا بوپ تۇرار، گاھى يېڭىش – يېڭىلىش ، 
چىملىق سۈيەر، ئەزمەتنىڭ ،جاپاسىدۇر بۇ پۇتبول .  
نەتىجىگە قوشكىزەك ، يالغان يىقىلىش –ئالدىنىش  ،
شەرەپ قۇچقان كۇلۇپنىڭ ، ناۋاسىدۇر بۇ پۇتبول .   
 
ئېغىر تىنىپ ،ئازاپتىن ،كۆز ياش قىلغان چولپانغا، 
يىشىل چىملىق –مۇساپە ، گۇۋاچىدۇر بۇ پۇتبول . 
ئېغىر يىقىلىپ يارلىنىپ ، مەيدان بىلەن خوشلاشقان ،
ئىسمى ئۆچكەن ماھىرنىڭ ، جاپاسىدۇر بۇ پۇتبول . 
 
مەيلى بولسۇن ئۇرۇسلار ، ياكى نېگىر- ئۇيغۇرلار .....  
تەن قۇرلۇشى –ھەيۋىسى ، ساپاسىدۇر بۇ پۇتبول .  
مەنبە----  تاڭنۇر « خەيرۇللا قۇربان » بۆرتالا
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-09-16 23:42قايتا تەھرىرلەندى ]