تۈنۈگۈن بىر دەم خەۋەر كۆرەي دەپ تور ئارىلاپ، جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم:
http://www.chinanews.com/gj/2011/06-02/3086913.shtmlخەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ئىيۇن تېلېگراممىسى: فرانسىيە «پارىژلىقلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لورا بىلەن مايا ئەمدىلا 6-يىللىققا چىققان قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار بولۇپ، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە قىسقا پادىچىلار يوپكىسى ۋە بەدەن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تار ئىشتان كىيگەنلىكى ئۈچۈن، مەكتەپ ئۇلارنى ئاممىۋىي سورۇن-مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ جازالىغان.
مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىدە، ئوقۇغۇچىلار ئۆز لايىقىدا كىيىنىشى، جۈملىدىن ئەۋرەت (隐私部位 ئەۋرەت دەپ ئېلىندى) ئورۇنلارنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، قوشكېزەكلەرنىڭ ئانىسى بۇ ئىشقا «ئەپسۇسلاندى»، ئۇ «بالىلارنىڭ كىيىمىدە چاتاق يوق، كۆينەكنى باشقا نەرسىلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قاراپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە نازارەت تارماقلىرىغا خەت يازدى.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەيلىكا ئىسىملىك قىز ئوقۇغۇچى «ئوقۇغۇچىلار مانداقراق كۆينەك كىيسە ئايال نازارەتچىلەر ئۇلارنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئەمما نازارەتچىلەر ئۆزى ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ» دېدى. يەنە بىر قىز «مەكتەپ ھەممە ئىشقا چات كېرىدۇ، قىزلارنىڭ قېنىق گىرىم قىلىشىغا، كۆتبەل ئىشتان (低腰裤) كىيىشىگە، ھەتتا ئوغۇللارنىڭ كالتە ئىشتىنىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىغىمۇ ئارىلىشىدۇ» دەپ ئاغرىندى.
مەكتەپ بۇنى ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نارەسىدە قىزلارنى قوغداش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئائىلە باشلىقلىرى «مەكتەپ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتتى» دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.
ئالدىنقى مەزگىللەردىكى خەۋەرلەردە بەزى ئىپلاسلارنىڭ قىزلىرىنى ساتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق سەبىيلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خورلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەمدى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئىچىمنى تىڭشاپ تۇرۇپ كەتتىم…
شۇنداق، خەۋەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. لېكىن، كاللامغا كىرىۋالغان ئىزتىراپلىق سوئاللار مېنى ھازىرغىچە قىيناپ كەلدى:
نېمىشقا بەزى ئانىلار بۇ سالاھىيەتتە خاراكتېرلىنىپ قالىدۇ؟ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەدەپ-ئەخلاق بابىدىن دەرس بېرىش ۋەزىپىسى بار ئىدىغۇ؟
ئانا دېگەن ئۇلۇغ نام نېمىشقا دەپسەندە قىلىنىدۇ؟
كەلگۈسىدىكى ئانىلار بولمىش قىزلار نېمىدەپ ئانا بولۇش سالاھىيىتى يوقلاردىن تۆرىلىپ قالىدۇ ؟
كەلگۈسىدىكى ئانا-ئايال تاللاشتا ئەرلەر كۆزىنى تېخىمۇ يوغان ئېچىپ تاللاش كېرەكمۇ قانداق؟
قارىغاندا «چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى» دېگەن گەپ راست ئوخشىمامدۇ؟
ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى خالمۇرات ماناپنىڭ مۇنداق بىر ئېغىز گېپى بار:
-«كىندىكى ئوچۇق قىزنىڭ چوقۇم مەيدىسى ئوچۇق ئانىسى بار»
گەرچە بۇ سۆزنى سەل قوپال ئېيتىلدى دېگەندىمۇ، قېنى قايسى كىشى خاتا دېيەلەيدۇ؟
دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…
جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟
ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…
ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟
مەنبە-http://www.qismet.me/qizni_buzgahn_anisi.html