
يېڭى نۇسخىدا يېڭى ئىقتىدار...كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن دېتالىمىزنىڭ مۇقىم توربېتى xjtil.com قۇرۇلدى شۇنداقلا مۇكەممەل بولغان فىلىملىك ئىشلىتىش
قوللانمىسى تۈزۈپ چىقىلدى .فىلىملىك چۈشەندۈرۈش ئادرىسى:
http://xjtil.com/aboutus/default.aspx بۇ قېتىمقى يېڭى ئىقتىدارلار:
1.شەخسىي تىزىملىك، ياخشى كۆرگەن مەزمۇننى ساقلىيالايسىز:
دېتالنىڭ ناخشا ۋە كىنو بۆلىكىدىكى مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ئەگەر بىر ئابونت نامىدا تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇ مەزمۇنلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى
ئايرىم ساقلىيالايسىز.شۇنداقلا باشقا بېكەتلەردىكى مەزمۇنلارنىمۇ قوشقىلى بولىدۇ. بۇ كېيىنكى قېتىم يەنە شۇ مەزمۇننى كۆرىشىڭىزگە قولايلىق يارىتىدۇ.بىۋاستە 56 ،youku,tudou
،قاتارلىق چوڭ فىلىم بېكەتلىرىدىن ساقالانغان فىلىملەر قويغۇچ ئىچىدە كۆرۈنىدۇ.باشقا بېكەتلەردىن قوشۇلغان فىلىملەر ۋە مەزمۇنلار ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدا كۆرۈنىدۇ.
3.دېتالىمىز ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى بىلەن بىرلەشكەن:
بەزىدە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئويلايسىز،ئەلۋەتتە دېتالنى خالىغان بىر ئابونت نامىدا تىزىملىتىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ
كۆپ ئىقتىدارلىق بلوگى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.سىز مەيلى كىنو توپلاڭ ياكى يېڭىدىن ناخشا قوشۇۋېلىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز بلوگىڭىزدا ئەكىس ئېتىدۇ.دېمەك ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتىدە
ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز ۋە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتەلەيسىز دېگەن گەپ. تۆۋەندە بىرقانچە دوستلارنىڭ بلوگى مىسالغا ئېلىنىپ چىقىرىلدى:
http://xjtil.com/titi http://xjtil.com/maris http://xjtil.com/ironman http://xjtil.com/gulbargi ئۇنىڭدىن سىرت سىز ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىڭىزدا تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەرخىل سۇئاللارنى كۆپچىلىكتىن سورىسىڭىز،ياكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا جاۋاب سۈپىتىدە
قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.بلوگ مەشغۇلاتى ئاسان ۋە يېقىشلىق لاھىيىلەنگەن.نومۇر تۈزۈمى ئورنىتىلغان .قانچىكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرسىڭىز نومۇرىڭىز داۋاملىق
ئۆرلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن بېكەتلەردىكى بەزى تەربىيلەش فىلىملىرى ۋە باشقا ماتىرىياللىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرەلەيسىز. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى بىزنىڭ پۈتكۈل سېستىمىمىز پۈتۈنلەي
بىرگەۋدە سۈپىتىدە ئۆز قولىمىز بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان شۇڭا بۇندىن كېيىنكى تەرەقىياتى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ تەرەقىيات چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىدىن
ئايرىلالمايدۇ.