ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 443 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋىجدانسىز ئىنسان
ئنسان ھەرگىزكىچىككىنەمۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن مەغرۇر ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 679
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
تۆھپىسى: 19
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 38
ياخشى باھا: 77
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 19:30

ۋىجدانسىز ئىنسان

داۋامى...


مانا لەيلىگۈل بىلەن پەرھاتنىڭ ئارلىشىۋاتقىنىغىمۇ بىر يىل بولۇپ قالدى. لەيلىگۈلمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇر بىر يىل جەريانىدا لەيلىگۈل بىلەن پەرھاتمۇ نەچچىلىغان ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزدى. نەچچىلىغان گۈزەل ئەسلىمىگە تولغان چىرايلىق ئايدىڭ كېچىلەرنى ئۆتكۈزدى. ئەمما بىر جۈپلەرگە كۆز تەگدى. پەرھات زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قالدى. لەيلىگۈلنىڭ قەلبىدىكى بارلىق ئويلار بۇنىڭ بىلەن بەرپات بولدى. پەرھات لەيلىگۈلنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ھالەتكە مېڭىشنى توسۇش ئۈچۈن قەتئىيىلىك بىلەن لەيلىگۈلدىن ئايرىلىپ كەتتى. ئەمما لەيلىگۈل بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىدى. پەرھات نەچچە قېتىم لەيلىگۈلگە ئايرىلىشتىكى سەۋەبنى ئېيتقان بولسىمۇ، لەيلىگۈل يەنىلا ئىشەنمىدى. پەرھات ئاخىرى چىدىمىدى، بىر قېتىم پەرھات لەيلىگۈلگە ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەندە لەيلىگۈل يەنىلا جاھىللىق قىلدى. پەرھات ئۆزىنى بېسىۋالالماي لەيلىگۈلنى بىر تەستەك ئۇردى. ئەزەلدىن ھېچكىمددىن بۇنچىلىك ئېغىر زەربە يىمىگەن لەيلىگۈل يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى. ئۇ ياتىقىغا قايتىپ بىر كېچە يىغلىدى. ئەتىسى دەرسكە چىقمىدى، ئۇ يىغلاپ توختىغاندا ئۆز-ئۆزىگە «پەرھاتنى پۇشايمان قىلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە بەردى.
بۇ ئىش بىلەن لەيلىگۈلنىڭ تەقدىرى ئۆزگەردى ھەم ئۇنىڭ خاراكتىرىمۇ ئۆزگەردى. چۈنكى ئۇ چوڭ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش بۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەسەتخور، ئىچى تار ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلغانىدى. ئۇ ئۆزگەردى، بۇرۇنقى ساددا، ئاقكۆڭۈل لەيلىگۈل ھازىر ھەسەتخور، كۆزى كىچىك لەيلىگۈلگە ئۆزگەردى. ئۆگىنىش نەتىجىسى بىراقلا تۆۋەنلەپ، دەرسلەرگە تولۇق قاتناشمايدىغان، كەپسىز ئوقۇغۇچىلارغا ئايلاندى. كېچىلىرى ياتىقىدىن ئۇنى تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنى ھەركۈنى داڭلىق قاۋاقخانا، تانسىخانىلاردىنلا تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇرۇن ئانىسىنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايدىغان، يالغۇز ئانىسىغا سېلىق سېلىشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان لەيلىگۈل ھازىر ئانىسىغا ئايدا بىر پۇل ئەۋەتىش توغرىسىدا خەت يازىدىغان بولۇپ قالدى. بىچارە ئانا قىزىنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىدىن گۇمانلاندى. ئانا ئاخىرى قىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەرگە كەلدى. ئەمما ئانا قىزىدىن ئۈمۈدسىزلىنىپ قالدى.
ئانا كەلگەن بىرىنچى كۈنى لەيلىگۈلنى ياتىقىدىن تاپالمىدى. ئۇ لەيلىگۈلنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن لەيلىگۈلنى سورىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ لەيلىگۈلنىڭ ئىشلىرىنى ئېيتىپ بەرگەندە ئانا قىزىنى بۇ يەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلدى. بۇھەجەرخان بۇ گەپلەرنى ئىشىنىپ باشتا ئەۋەتكەن پۇلنىڭ توغرا يول بىلەن ئەۋەتمەي بەلكى باشقا ئىشلار بەدىلىگە تاپقانلىقىغا ئىشىنىپ قالدى.
بۇھەجەرخان لەيلىگۈلنى ئىزدىدى. ئۇنى يولدا ئۇچراتتى. ئەمما لەيلىگۈل بۇھەجەرخاننى ئىنكار قىلىۋەتتى. چۈنكى ئۇ ئانىسىنىڭ بۇ ھالىتىدىن نومۇرس قىلدى. ئىش مۇنداق ئىدى: بۇھەجەرخان كوچىدا كېتىپ بارسا لەيلىگۈل بىر يىگىت بىلەن كېلىۋاتاتتى. ئانا قىزنى كۆرۈپ تونىيالماي قالدى. چۈنكى لەيلىگۈل مودا كىيىملەرنى كىيىپ، گىرىمنى قېنىق قىلىپ خۇددى جىن-ئالۋاستىلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. بۇھەجەرخان قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى. ئۇ لەيلىگۈلنى تۇتۇۋېلىپ قايتىپ كېتىمىز دېدى.
-لەيلىگۈل، قىزىم سېنى ئوقۇغىلى ئەۋەتسەم مۇشۇنداق كوچىدا يۈرەمسەن؟
-ۋۇي، سىز كىم؟ مېنى تۇتىۋېلىپ قىزىم دەپ يۈرىيسىزغۇ؟
-بالام، مېنىڭ يۈرەك پارەم، مېنى تونىمىدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ ئاناڭغۇ؟! دېدى بۇھەجگرخان يىلىنىش تەلەپپۇزىدا.
-كىم سىزنىڭ بالىڭىزكەن، خاتا تونۇپ قاپسىز-دېدى لەيلىگۈل كەسكىنلا، لەيلىگۈل بۇلارنى دەپ بولۇپلا كەينىگە قارىماستىن كېتىپ قالدى.
بىچارە ئانا قىزىنىڭ كەينىدىن ھەسرەت ياشلىرىنى تۆكۈپ قالدى.
ئانا قىزىنى بىرنەچچە قېتىم ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ ھەر قېتىم بارغىنىدا قىزىنى ئۇچرىتالمىدى.
بالاڭ چاپان يات قىدلى ئۆز قىزىنى ئانىغا،
كىم چىدايدۇ بۇ دەردكە، ئەمما ئانا چىدىدى.
قانچە-قانچە مۇشكۈلنى چەيلەپ كەلگەن بىلەن ئۇ،
ئەمما بۇ رەت بىچارە يىڭىۋاشتىن جۈدىدى.
شەيتان بۇزغان ۋۇجۇدى غالىپ كەلدى قىزىنىڭ،
قاراپ قالدى ئانىسى كەتكەنىدە بۇرۇلماي.
تاپتى ئانا شۇندىمۇ ياتىقىدىن قىزىنى،
قىزى يەنە قايتقۇچە ئۇندا ساقلاپ تۇرالماي.
ئانا كېلەر ئايلىنىپ قانچە قېتىم ئىشىككە،
تەنھا ياتاق بوش، ئەمما كىرگۈزمەيدۇ قۇلۇپ پوس،
قىزى قايتىپ كەلگۈچە نەلەردىندۇر كۆڭلى خۇش.
بۇھەجەرخان بۇ ئېغىر زەربىگە چىدىماي قايتىپ كەتتى. ئۇ يول بويى يىغلاپ كەتتى. دىمىسىمۇ دۇنيادا ئانا ئۈچۈن ئۆز يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك. پەرزەنت بۇلارنى ئويلامدۇ؟ لەيلىگۈلنىڭ بۇ قىلىقى ئانىسىدىن كەچكەنلىك ئەمەسمۇ؟ئۇ ئۆز ئانىسىنى ئىنكار قىلدى. ئۇنىڭدىكى ۋىجدان يوقالدى. بىچارە ئانىنىڭ ئۆزى قانچىلىغان جاپا-مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى ئۇنىتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئۆچمەنلىك ئوتى يېنىپ تۇراتتى. ئۇ ئارزۇسىغا يەتتى. پەرھاتتىن دەردىنى ئالدى. ئەمما ئۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشتىن بىرنى قىلدى. ئۇ ئۆز ئانىسىدىن نومۇس قىلدى. مۇشۇنداق قىلساملا كېيىن ئورنىنى تولدۇرۋالىمەنغۇ دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ دۇنيالىقتا بىردىنبىر يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلدى.
7
بۇھەجەرخان يېزىغا كېلىپلا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. قوشنىلارغا ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. ئەمما دوختۇر بۇھەجەرخاننىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغىنىنى ئېيتتى. ساددا سەھرا خەلقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى ھەم بۇنى بۇھەجەرخانغا ئېيتماسلىقنى قارار قىلدى. ئۇلار لەيلىگۈنى چاقىرتىپ كەلمەكچى بولدى. ئەمما بۇھەجەرخان «نەچچە كۈنلا ئارام ئالساملا ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ تۇرىۋالدى. باشقىلارمۇ لەيلىگۈلنىڭ «ئوقۇشى»غا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇلارنى ئۇقتۇرمىدى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇھەجەرخاننىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەرزائىل ھامان ئۇنى ئايلىنىپ كەتمەيتتى. قوشنىلار بۇھەجەرخاننىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان بولسىمۇ، ئىچكى زەربە يىگەن بۇ بىچارە ئانا سوغۇق قىشنىڭ بىر كۈنى تۈن يېرىمىدا بۇ ۋاپاسىز دۇنيانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئانا ئۆلۈشتىن ئىلگىرى قىزىغا بىر پارچە خەت يازغانىدى، ئەسلى بۇ خەتنى بۇھەجەرخان شەھەردىن كەلگەندىلا يېزىپ قالدۇرغانىدى...
8
لەيلىگۈل قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى. چۈنكى ئۆچىنى ئالىمەن دەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى پەرھاتتىن ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغانىدى. ئۇمۇ شۇنداق قىلساملا پەرھاتتىن ئۆچۈمنى ئالالايمەن دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئۇ بۇنداق قىلالمىدى. چۈنكى پەرھات لەيلىگۈلدىن ئايرىلغان ئەڭ ئاخىرقى كۈنىلا زەھەر چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا لەيلىگۈلنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق ئىش بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ قىلغانلىرىنى ئويلىدى. پۇشايمان قىلىپ يىغلىدى. ئەمما يىغلاش بىلەن ئۇ يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيتتى. مەكتەپمۇ ئويلىشىپ لەيلىگۈلنى مەكتەپتىن چىكىندۈرۈپ يۇرتقا قايتۇرماقچى بولدى. بۇنىڭ بىلەن لەيلىگۈل ئېغىر ئىچكى زەربىگە ئۇچرىدى. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا قوشنىلارنىڭ لەيلىگۈلنى قايتىپ كېلىش توغرىسىدا يازغان خېتىنى تاپشۇرالدى. لەيلىگۈلنى يېزىغا قايتىپ بارماقچى بولدى. ئۇ يولبويى ئانىسىدىن كەچۈرۈم سوراشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ئەمما ئۇ كىچىككەنلىكىنى بىلمەيتتى. لەيلىگۈل ئۆيىگە كەلگەندە ھەممە ئىشقا ھەيران قالدى. ئۇ كەلگەن كۈنى دەل ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئىدى. ئۇ بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي ھوشىدىن كەتتى. قوشنىلار ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ بىر ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى.
لەيلىگۈل ھوشىغا كەلگەندە بارلىق قوشنىلارنىڭ ئۇنىڭ بېشىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇ ھەمم ئىشنى بىلدى، ئۇ پۇشايمان قىلدى. ئانىسىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانسىزلارچە قىلغان ئىشلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى. قوشنىلار ئانىسىنىڭ «ۋەسىيەتنامە»سىنى لەيلىگۈلگە بەردى. لەيلىگۈل خەتنى ئوقۇپ تېخىمۇ ئۆكسۈپ كەتتى. ئۇ خەت مۇنداق يېزىلغانىدى: «سۆيۈملۈك بالام، مەن سېنىڭ بىر قېتىم مېنى ئانا دەپ قۇچاقلىشىڭغا تەشنامەن، بىلەمسەن، مەن كىچىكىمدىنلا بەختسىزلىك ئىچىدە چوڭ بولغان، سېنى شۇنچە تىل ئاھانەت ئىچىدە چوڭ قىلغانىدىم، ئەمما سەن مېنى كۆرگەندە نېمە دېدىڭ؟ بىلەمسەن، مەن شۇ چاغدا ئاللاھتىن شۇ يەردىلا يۈرۈگۈمنى يېرىۋېتىشىنى كۆڭلۈمدە تىلىدىم. جېنىم بالام، ئەگەر مەن بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسام ساڭا ۋەسىيىتىم شۇكى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز يولۇڭغا قايتىپ ھالال تۇرمۇش كەچۈرگىن، ياخشى ئوقۇپ مېنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىمنى ئاقلا...»
لەيلىگۈل يىغلىدى، ئەمما ئۇ ئاللىبۇرۇن كېچىككەنىدى. ئۇ يىغىسىنى توختاتتى، ئۇ ھەممىنى ئەسلىدى، تۇنجى مۇھەببىتى پەرھات بىلەن ئۇچراشقىنىنى، ئانىسىغا پۇل ئەۋەتكىنىنى، پەرھات بىلەن بىللە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى، پەرھاتتىن ئايرىلغانلىقىنى، پەرھاتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىرىنى، ئانىسىدىن نۇمۇس قىلغانلىرىنى، ئۆزىدىن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىكارغىلا بىمەنە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىنى ئويلىدى. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىش يۈز بەردى.
لەيلىگۈلگە ئاشىق بولغان ياسىن ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە لەيلىگۈلدىن ئەھۋال سوراپ بولۇپ ئولتۇرۇپ سۆزلىدى.
-لەيلىگۈل بۇھەجگرخان ھەدەم كېتىپ يۆلەنچۈكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز، بۇنىڭغا سەۋر قىلىش كېرەك. ئەمدى خالىسىڭىز مەن سىزنىڭ كېينكى يۆلەنچۈكىڭىز بولاي...-دېدى. لەيلىگۈل بۇلاردىن غەزەپلەندى ۋە ۋارقىراپ تۇرۇپ دېدى:
-ياسىن، مەن سىزنى ياخشى يىگىت دەپ يۈرسەم نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسىز؟ ئانامنىڭ كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرسا بۇنداق دىيىشتىن نومۇس قىلمىدىڭىزمۇ؟-دېدى غەزەپتىن چىڭ قىلىپ.
-بولدى، بوشراق گەپ قىلىڭ...باشقىلار ئاڭلاپ قالىدۇ.
-ئاڭلىسا ئاڭلىسۇن! خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولارسەن خۇدايىم دېدى لەيلىگۈل، ئۇ بۇ گەپلەرنى دېگۈچە ياسىن لەيلىگۈلنى خۇددى چۈجىنى باسماقدىغاندەك باسقامداپ كارۋاتقا بېسىۋالدى. لەيلىگۈل قارشىلىق كۆرسەتتى. ۋارقىرىدى، ئەمما ياسىن لەلىگۈلگە چىڭ يېپىشىپ ئەسەبىيلەرگە سۆيۈشكە باشلىدى. سىرتتىن لەيلىگۈلنىڭ ۋارقىرىشىنى ئاڭلاپ قوشنىلار كىرىپ كەلدى ۋە ياسىننى ئۇرۇپ دۈشكەللەپ قوغلىۋەتتى. لەيلىگۈل كىيىملىرى يىرتىق ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. قوشنىلار ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. ئەمما ئۇ تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇ يىغلاپ-يىغلاپ تۇرۇپلا توختاپ قالدى. كىيىملىرىگە بىر قۇر قاراپ ئەسەبىيلەرچە كۈلدى ۋە چاچلىرىنى يۇلۇپ كۈلگۈنىچە قوشنىلارغا ئېسىلىشقا باشلىدى.
ئۇ ئەقلىدىن ئاداشقانىدى. ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن كەلگەن ئېغىر زەربە ئۇنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرۇپ قويغانىدى... ئۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەر رەھىمسىز قاۋان ياسىنغا لەنەتلەر ئوقىغان بولسىمۇ لەيلىگۈلنى بېشىنى يىدى دەپ قارىدى. چۈنكى لەيلىگۈلنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىلگەنىدى...
خاتىمە
ئىنسان غايە ۋە ئۈمىد بىلەن ياشىغاندىلا ھايات ئۇنىڭغا مەنىلىك، قىزىق ۋە قىممەتلىك تۇيىلىدۇ. ئۇ نەرسىلەرسىزچۇ؟ ئۇ ھالدا ھايات توختام سۇ، ئۆمۈر ئۇنىڭغا لەيلەپ يۈرگەن چىرىك كۆتەك، ئۇنىڭ لەيلىگىنى بىلەن چۆكۈپ كەتكىنىنىڭ پەرقى يوق. ھاياتتا بۇنداق ئادەملەر ئازمۇ؟ ئۇلار تۇغۇلغاندا خۇشال بولىدىغان ئادەملەر ئاز بولىدۇ، ئۆلگەندىچۇ؟ قايغۇردىغانلار تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر قىززىق ھىكايە ياكى بىرەر بەلگە ۋە نىشانىمىز قالمايدۇ.
ھايات ئىنسانغا تېزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان غەم-قايغۇ بىلەن بىللە مەڭگۈل ھەمراھ بولالايدىغان گۈزەل نەرسىلەرنىمۇ بەخش ئەتكەن، بۇ نەرسىلەر سۈزۈك ئاسماندەك، قارلىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان تاغلاردە، مەڭگۈ قېرىمايدىغان گۈزەل تەبىئەتتە دائىم ساڭا ھەمراھ، گەپ سېنىڭ بۇ گزەللىكنى تونىيالىشىڭدا، قەلبى پاك ئادەملەرلا ھاياتتىن چەكسىز لەززەت ئالالايدۇ، ھاياتمۇ ئۇلارغا كۈلۈپ قارايدۇ. تەبىئەتمۇ چىراي ئاچىدۇ. ئاسمان ئۇنى پەپىلەيدۇ، ھەممە گۈزەللەر ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ، بىراق بۇ گۈزەللىك جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم بىكار تەلەتلەرنىڭ ۋە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغانلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولسا، باشقىلارنى ئالداپ ئارماندا قويىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئاستىدا دەپسەندە بولىدۇ. ئەمما رەھىمسىز تەقدىرمۇ قېرىشقاندەك ئاقكۆڭۈل ھاياتنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەرنى ئاشۇ بىر توپ تەلۋىلەرنىڭ ئاياغ ئاستىغا تاشلايدۇ.
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
دوستلىشىش
ئوغۇلچاق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 666
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 52 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 52
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-11-29
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 23:19

قەلىمىڭىزگە بەركەت تېلەيمەن ،رەھمەت!!!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 173703 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 113
ياخشى باھا: 573
توردا: 131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-08
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 17:42

ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرۇڭ.رەھمەت.
كۆزۇڭنى ئاچ