ئۇنتۇغاق مومايلار
پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئۈچ موماي ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇغاق بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەرت ئېيتىپتۇ .
__مەن توڭلاتقۇنى ئاچسام ، توڭلاتقۇدىن نىمە ئالىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن ،_دەپتۇ بىرىنچى موماي
__ئۇ قانچىلىك ئىشتى ، مەن لېفىتقا چىقسام ، يۇقىرىغا چىقىدىغانلىقىم ياكى تۆۋەنگە چۈشىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن ،_دەپتۇ ئىككىنچى موماي .
__خۇداغا شۈكرى ، مەندە ئۇنداق ئىش يوقكەن
ئۈچىنچى موماي ھاياجانلانخان ھالدا شۇنداق دەۋېتىپ ئالدىدىكى شىرەنى چىكىپ قۇيۇپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ شىرەنى چەككەنلىگىنى ئۇنتۇپ قېلىپ دەپتۇ :
ھوي ، قاراڭلارچۇ ، ئىشىكنى بىرسى چېكىۋاتىدۇ .
كىم ساڭا گەپ قىپتۇ
يەنە مەس بۇلۇپ كەلگەن ئەر ئايالىدىن تىل ئاڭلاشتىن قورقۇپ ، ئۆيدىكى مۈشۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپتۇ :
ئايالى :ھەي ، ئەشۇ كالۋا ئېشەك بىلەن بىللە تۇرغىچە ئۆلىۋالساڭچۇ .
ئېرى :بۇ ئېشەك ئەمەس مۈشۈك "
ئايالى :كىم ساڭا گەپ قىپتۇ ، مەن مۈشۈككە گەپ قىلىۋاتىمەن.
پويىزدا
بىر يۇلۇچى پويىز ھاجەتخانىسىدىن ئەمدىلا چىقىشىغا بىر قاراقچى ئۇنىڭ بۇغۇزىغا پىچاق تەڭلەپتۇ : _يانچۇقىڭدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى چىقار . ,
يۇلۇچى قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ كىتىپتۇ .
_مەندە بىر تىيىن يوق . ~
_ئەمىسە سەن نىمىشقا تىترەيسەن ؟!قاراقچى غەزەپ بىلەن ۋاقىراپتۇ .
_مەن سىزنى بېلەت تەكشۈرگۈچىمەن دەپتىمەن .
[ گۈل ]
ئايالى : ئىلگىرى ھەركۈنى بىر دەستە گۈل تەغدىم قىلاتتىڭىز ، ھازىر بىر تالمۇ سوۋغا قىلمايدىغان بولدىڭىزغۇ .
ئېرى : ئېيتىپ بېقىڭە ، بېلىقچى بېلىقنى تۇتۇۋالغاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق يەمچۈك تاشلامدۇ
قارىغۇ
بىر كىچىدە ئەر - ئايال ئىككىسى شەھەر ئەتراپىدىكى ئورمانلىق يولدا كېتىۋاتاتتى .تۇيۇقسىز بىر قاراقچى ئۇلارنى توسۇپ ،پىچاقنى ئەرنىڭ كارنىيىغا تەڭلەپ مۇنداق دەپتۇ :
___ئۈنۈڭنى چىقارما ، بولمىسا كۈرگىلىگىڭنى كۆرسىتىمەن .|
شۇ چاغدا ئايال قاراقچىغا مۇنداق دەپتۇ :
___ئەپەندى ، ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ، ئۇ قارىغۇ .
فرېدنىڭ ئىبادىتى
فرېد ئىبادەت قىلىۋاتاتتى،بۇ چاغدا دادىسى ئۇنىڭ ھۇجىرىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدى.
-خۇدا،ئاپامنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن،دادامنى ئۆز پاناھىڭداساقلىغايسەن،يەنە گالېنى چوقۇم فرانسىينىڭ پايتەختى قىلىپ بەرگەيسەن
-فرېد،-دېدى دادىسى،-نېمىشقا گالېنىڭ فرانسىيىنىڭ پايتەختى بولۇشىنى تىلەپ قالدىڭ؟
-جۇغراپىيە ئىمتىھانىدا شۇنداق يىزىپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ!دېدى فرېد |
.ئالدىن تەييارلىق
-بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرمىسەڭ مەندىن قۇتۇلالمايسەن،-دېدى خوتۇنى،-سېنىڭ سۈرىتىڭ لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىدا نېمە قىلىدۇ
-خاپا بولمىغىنا،سۆيۈملۈكۈم،-دېدى ئەر،-ئۆتكەندە سەن ئاغرىپ قالغاندا ئەۋەتىپ ساپتىكەنمەن.
جۆيلۈش -
رېژىسسور ئۇيقۇلۇقتا جۆيلۈپ كەتتى:
-سۆيۈملۈكۈم،سىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن،مەن بۇ قېتىم قايتىپ بېرىپلا خوتۇنۇمنى...-ئۇ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىپ،خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە زەخەرخەندىلىك بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە،دەرھال كۆزىنى يۇمۇپ،گېپىنى داۋاملاشتۇردى،-ھە،مانا مۇشۇنداق ئىنتۇناتسىيىدە سۆزلەيسەن،ناھايىتى ياخشى،سۈرەتكە ئىلىشنى باشلا!
بىچارە جاۋاپكار
سوتچى جاۋابكاردىن قۇۋلۇق بىلەن سورىدى:
-مەن سىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟
-جاۋابكار ئاجايىپ ئۈمىد بىلەن بېشىنى كۆتۈرپ جاۋاپ بەردى:
-شۇنداق،بىز كۆرۈشكەن،20يىل بۇرۇن خوتۇنىڭىزنى مەن سىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغان.
-ھە،ئەسلىدە سەنمىدىڭ!-سوتچى چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى،-ساڭا مۇددەتلىك20يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى
تاماق ۋاقتىدا
بىر ئانا-بالا چىۋىن ھاجەتخانىدا تازا ئىشتىھا بىلەن پوق يەۋىتىپتۇ.
تۇيۇقسىز بالا چىۋىن ئاپىسىغا:\"ئاپا ئاپا قورسۇقۇم تۇيۇپ بەك ئاغرىپ كەتتى،ھاجەت قىلىمەن\"دەپتۇ. d:=:l?
ئاپا چىۋىننىڭ ئاچچىقى كىلىپ:\"ھاي بالام،بۇنىڭدىن كىيىن تاماق ۋاقتىدا نەدىكى مەينەت گەپلەرنى قىلغۇچى بولما\"دەپتۇ
ئايىقىمنى كىيىۋاتىمەن
بىر كۈنى ئۆمۈچۈك،پاقا ھەم سەكسەن پۇت ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىتۇ.
ھاراقمۇ تۈگەپتۇ،ئۇلارنىڭ كەيپى بېسىلماي،ئۆمۈچۈك:\"پاقا ئاداش،سەكرەپ-سەكرەپ بېرىپ يەنە بىرە بوتۇلكا ئەكەلمەمسەن؟دەپتۇ.
پاقا:\"ۋاي ئۆزەڭ بارمامسەن ئۆمۈچۈك ئاداش.\"دەپتۇ.
\"بولدى مەنلا باراي.\"دەپ سەكسەن پۇت مېڭىپتۇ. ئۇ كىتىپ شۇنداق ئۇزۇن بولغۇچە قايتىپ كەلمەپتۇ.
پاقا چىقىپ قارىسا سەكسەن پۇت سىرىتتا تۇرغۇدەك،پاقا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:\"ھەي،تېخى بارمىدىڭما\"دەپتىكەن،
سەكسەن پۇت خىيالىدا يوق :\"ئايىقىمنى بىردىن كىيىپ،يىپىنى بىردىن چىگىپ ھېساپلاپ باقە،40 جۈپ ئاياق دەيمەن ماۋۇ.\"دەپتۇ.
بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش
ئەپەندىم:ئۈچ يىللىق توي خاتىرە كۈنىمىزنى خاتىرلەش ئۈچۈن،سىزگە مەرۋايىت مارجان سوۋغا قىلايمۇ ياكى بىرلىكتە ياپونىيەگە ساياھەتكە بارايلىمۇ؟
خانىمى:مېنىڭچە ئۇدۇل ياپونىيەگە بارايلى،ئۇ يەرنىڭ مەرۋايىت مارجانلىرى ناھايىتى ئەرزان.
يۈزى چۈشۈش
مەلۇم بىر ئەرەپ ئوقۇغۇچى دادىسىغا ئېلىكتېرونلۇق يوللانما ئەۋەتىپتۇ:\"دادا،بېرلىن ياخشى جاي ئىكەن،بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىمۇ ناھايىتى دوستانە ئىكەن.شۇغۇنىسى،مەن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان باشقىلار مېتىرودا ئولتۇرسا،مەن بېنىز ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ يۈرسەم سەل ئوڭايسىزلىنىدىكەنمەن.\"
دادىسى مۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:\"بالام،ساڭا ئىككى يۈز مىلىيون ئامىرىكا دوللىرى ئەۋەتتىم.مىنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرمەي، دەرھال مېترودىن بىرنى سېتىۋالغىن.\"
سوئال سوراشتىن ساقلانماق
دۆلەت ئىچىدە شۆھرەت قازانغان بىر بوتانىكا پىروفېسسورى بىلەن ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بىر تۈرلۈك ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى سورتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.
بىر كۈنى ،ياردەمچى ئوقۇتقۇچى پىروفېسسوردىن سورىدى:
_ئەگەر سىز دالىدا پىراكتىكا دەرسى ئۆتۈۋىتىپ،ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان ئۆسۈملۈككە يولۇقۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
_ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوراپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ بىلمەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۇچراپ قالسا بىرىنىمۇ قالدۇرماي دەسسىۋېتىمەن.
ۋەدەڭلەرگە ئەمەل قىلىڭلار
مىليونېرنىڭ خوتۇنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەللىك مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى بەلگىلەنگەن جايغا ئەكېلىپ بەرمىسە،ئېرىنى ئۆلتۈرۈېتىدىغانلىقى توغرۇلۇق تەھدىد خېتى تاپشۇرۇۋاپتۇ.خانىم شۇئان بىر لېپاپنى بەلگىلىگەن جايغا قويۇپ قويۇپتۇ.بۇلاڭچىلار لېپاپنى ئېچىپ قارىسا،ئىچىدىن پۇل ئەمەس،بەلكى\"ۋەدەڭلەرگە ئەمەل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن\"دېگەن خەت يېزىلغان ۋاراقچە چىقىپتۇ.
ئاپتوموبىل مودېلى
ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسنى ئايلىنىۋاتاتتى،كىشىنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدىغان ئاپتوموبىل مودېللىرىنى كۆرۈپ،خوتۇنى ئاستاغىنا ئېرىگە مۇنداق دېدى:
_ئەتىگىچە مەنمۇ ئاپتوموبىل مودېلى بولايمىكىن.
_ئۇنداقتا،تىراكتورلارغىمۇ مەخسۇس مەيداننىڭ ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقىغا قارايسەن-دە،_دېدى ئېرى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن.
مەنبە ؛ئاڭلىغان بىلگەنلىرىم.