ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 871 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەۋرىزە: ئانا! پەزەنت بەختىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى...
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 136 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 86
توردا: 21(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-02-06
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 17:27

نەۋرىزە: ئانا! پەزەنت بەختىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى...

تەربىيە كۆرگەن ئاياللار ھەر قانداق ۋاقىتتا قانائەتچان، سەۋىرچان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن نۇرغۇن نادىر گۈل دەستىلەر پۇتىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا قانائەتسىز ئاياللار تۇرمۇشتا كۆپ مۇشاقەتلەرگە دۇچار بولۇپلا قالماي، ئاچكۆزلىكى چەكسىز بولغانلىقتىن يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق كوچىلىرىدا تەمتىلەپ يۈرۈپ گۈزەل ھاياتىدىن قارا تىكەنلەر ئۈنۈپ، پۇتكۈل ھاياتى نولگە تەڭ بولىدۇ. دېمەك لايەقەتلىك ئاياللارلا لاياقەتلىق ئانا بولالايدۇ.

ئانا بولۇش بۈيۈك بىر نېئمەت ۋە تەڭداشسىز شەرەپتۇر ئانىلىقنى سۈيەلىگەن لايەقەتلىك ئانىلارلا بۇ شەرەپلىك ئالى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ. بۇ خىلدىكى ئانىلار ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقىي ئۇلۇغ ئانا بولۇپ، ئائىلىنىڭ بەختى، ئۆينىڭ چىرىقى، ئەرنىڭ دىلكىشى، ياردەمچىسى، مەداركارى،بالىنىڭ يىتەكچىسى ئۈلگىسى، ئۇستازى، غەمگۈزارى ۋە بالا ئۈچۈن بىھىساپ بەدەل تۆلىگۈچى، دۇنيادا ئانا مىھرىگە يېتىدىغان ھېچ قانداق مىھرى- مۇھەببەت يوق، چۈنكى ئانا مىھرى ئۇ، شەخسىيەتسىز مۇھەببەتتۇر. شۇڭا ئانا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈلتاجىسى، ئائىلە دۇنياسىنىڭ شاھىن شاھى ھەمدە مالىي، بىھىساپ بەدەل تۆلىگۈچى....

 ئاياللارنىڭ ئانا بولۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىغىنى ھەر قانداق فورمىلاغا سېلىپمۇ ئىشلەپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئانا بولغۇچى؛ ئانا بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان دەسلەپكى باسقۇچتىن تارتىپ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت ئوتىدا كۈيۈپ، پەرزەنت سۈيىدە ئېقىپ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش يولىدا تۆلىگەن بىھىساپ بەدەللىرى ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىن ھېچكىممۇ رازى بولمايدۇ. ئانىنىڭ بالىدىكى ھەققى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ماددىي جەھەتىكى قىممىتىنى تۆلەش مۇمكىن دىيىلسىمۇ، مىھرى- مۇھەببەت ئەجرىنى تۆلەپ تۈگۈتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئانىنىڭ تارتقان جاپالىرىنى، «ئەللەي» ناخشىسى بىلەن تالاي تاڭنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىرىنى، بىر كېچىدە نەچچە تۇرۇپ، قېنىدىن ئايرىلىپ چىققان ئاق سۈتى بىلەن بالىسىغا كۈچ- مادار قوشقانلىقىنى، ھۆل زاكىلارنى ئۆز تەپتىدە قۇرۇتقانلىرىنى، مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشتىن ۋاز كەچكەنلىرىنى پەقەت بۆشۈك، قازان بېشى، ئائىلىدىكى توت تامدىن تارتىپ بارلىق جانسىز سەرەمجانلار ئېنىق سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.....ئەپسۇس!!! ئۇلار تىلسىزدە.... شۇڭا ئانىلار نامسىز قەھرىماندۇر، ئۇ، قۇرالسىز جەڭچى، ئائىلە قۇرۇلىشىدىكى زەربىدار ئىشلەمچى. ئۇ، ئائىلىسى ئۈچۈن تارتقان بارلىق جاپالارنى راھەت دەپ بىلگۈچى. ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتقۇچى، ئائىلىسىنىڭ باللىرىنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئۈمىد يۇلتۇزلىرى مەڭگۈ چاقناپ تۇرغۇچى، پەرزەنت بەختىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، بۇ دۇنيادىكى بارچە راھەتنى باللىرىغا قوش قوللاپ سوۋغا قىلغۇچى، زۆرۈر تېپىلغاندا راھەتنى داجىپ ئۆتكۈچى، راھەت كۆرۈشكە قايسى ئىنسان ئىنتەلمەيدۇ؟! راھەتتىن كىمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ؟! پەرزەنتى ئۈچۈن يۈركى ئوت بولۇپ لاۋىلداپ كۈيىۋاتقان مىھرىبان ئانىلارلا شۇنداق قىلالايدۇ. راھەتكە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تۈپ ماھىيەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ بىراق ئانىلار ئۈچۈن راھەتتە ياشاش تولىمۇ مۈشكۈل، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن ئېرىغا، بالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىلا ئويلاپ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ھايات كۆچۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ئىجتىمائىي تۈزۈملەر تەرىپىدىن شەكىللىنىپ، ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەتتا تاماق ئەتسىمۇ، ئاشنىڭ باش بۇرنىنى ئالدى بىلەن ئېرىغا ئاندىن باللىرىغا ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى يەيدۇ، تاماق ئۈستىدە بىرەر قېتىم ئورنىدىن تۇرماي تاماق يېگەن ۋاقىتلىرىمۇ ساناقلىق، ھېچ بولمىغاندا چاي قۇيىمەن دەپ بولسىمۇ ئورنىدىن بىر رەت تۇرىدۇ ،ئەگەر تاماق ئۈستىگە پەۋقۇلادە مىھمان كېلىپ قالسا، مېھماننىڭ شۇنداقلا ئۆزىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەھۇزۇر غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاشنىڭ سۈيىگە نان چىلاپ يەپ ۋە ياكى ئاش قۇرساق ئىشقا چىقىپ كېتىشكىمۇ چىن كۆڭلىدىن رازى بولىدۇ. بۇ ئانىلاردىكى قۇربان بېرىش روھى، مىھرى- مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ھەر قانداق ئىشقانىسپەتەن سەۋرى- تاقەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

  ئۇلۇغ جاپاكەش ئانىلار ھەققىدە بىر نەچچە مىسالنى سۆزلەپ بېرەي:

1- ئۇلۇق جاپاكەش ئانا!

 يېقىندا، ئايال ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا بىر ساۋاقدىشىمىز خېلىلاكېچىكىپ كەلدى، چىرايى ناھايىتى سۇنغۇن، قاتتىق چارچىغانلىقىنى ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزى سۆزلەۋاتاتتى، شۇڭا ئارتۇق ئەيىپلەشكە پېتىنالمىدۇق، ئەمما ئۆزى ئازاراق دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېتيىن كېچىكىش سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى : ئۆزەڭلەر بىلىسىلەر مەن باللىرىمنى يالغۇز قاتارغا قوشقان ئايالمەن( يولدىشى بىر چوكانغا بۇزۇلۇپ، خوتۇن باللىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن) كىچىك ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، سالامەتلىكىدىن ئۆتەلمەي ئونۋېررېسېتېتتدا ئوكقيالمىدى، شۇڭا 21 ياشتىلا ئۆيلەپ قويدۇم. ئۆپكىسدىن چاتاق چىقىپ نۇرغۇن چىقىملار بىلەن ئۇنى داۋالاتتىم، ئەمدى كۈن سوۋۇشقا باشلىدى، ئۆيى پارلىق ئۆي بولمىغىنى ئۈچۈن، ئوت قالىمىسا بومايدۇ، نەچچە دېدىم، «كۆمۈر چۈشىرىۋال» دەپ، يېڭىدىن ئۆيلەنگەن بولغاچ، كېلىم- بېرىمى جىق ،خىزمىتى تېخى ئالدىراش، شۇڭا بۇ سۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلەلمىدى، چۈنكى كىچىكىدىن دادىسى يوق دەپ، باللىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزۈم بايراق كۆتۈرۈپ باش بولۇپ كۆندۈرۈپ قويۇپتىمەن، شۇڭا بۈگۈن سوغاق ئىسسىقنىڭ ئارلىقىدا، ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە كۆمۈر چۈشۈردۈم، ئۇنى توشۇدۇم، بىر چەتتىن بىر بۇلۇڭغا رەتلىك قىلىپ تىزىدىم، قار- يامغۇرنىڭ زەخمىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۈستىنى ياپتىم،  يېرىم كۈن ئوتۇن ياردىم، ئۇنىمۇ رەتلىك قىلىپ بىر قالام- بىر قالام قىلىپ تەييارلاپ قويدۇم، شۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغىچە مۇشۇ چاغ بولدى....كېچىكمەسمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق ئۇ خېلى كۆپ ئىشكەن....

-تەرەپ- تەرەپتىن ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ....

- ئۆيلەپ قويۇپمۇ، يەنە ئۆزۈڭ قىلامسەن؟ بۇنداق يامان ئۆگەتمە، ھېلىمۇ بۇ باللىرىڭنى قاتارغا قوشقىچە ئاز جاپا تارتمىدىڭ، تويلىرىنى راۋۇرۇس قىلىپ بەردىڭ، سەندە بالاڭنىڭ ھېچ قانداق ھەققى قالمىدى....

-شۇنداق دەيسىلەر جېنىم دوسلۇرۇم....سىلەر چۈشەنمەيسىلەر، دادىسى يوق تىرىك يېتىم باللارنى بېقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆمۈر ۋاقتىدا چۈشىرىلمەي، ئالىماھادىسە كېسىلى قايتا قوزغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمەن؟! دەپ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلىرىنى ئارانلا، تۇتىۋالدى.

2- ئۇلۇغ ئانا، خىزمەتدىشىم ئىدى، ئۇمۇ ئوغلىنى بۇ يىل ئۆيلىگەن، دەرس ئۆتۈپ يۈرەتتى، تۇيۇقسىز ياتاقتا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ دوختۇرغا يوقالاپ باردۇق، مىدىرىيالماي يېتىپتۇ. ئۇ خىزمەتدېشىمنىڭ داس سۆڭىكىدە تۇغما خاراكتېرلىك چاتاق بولغىنى ئۈچۈن، 10 يىل ئىلگىرى، بىر پۇتىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، چوڭ ئوپىراتسىيەگە چۈشۈپ، ھاسسا بىلەن ماڭىدىغان بولۇپ قالغان، ئەمدى يەنە بىر پۇتىنى ئوپىراتسىيە قىپتۇ. «بىر ياخشى مېڭىۋېتىپ يەنە ئوىراتسىيە قىلدۇرماقچى بولۇپ قاپسىزغۇ» دېسەم، كېلىنىم بالىلىق بولغىچە ھاسسانى تاشلاپ، نەۋرە بېقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، قۇدىلارنىڭ نەۋرەمنى بېقىپ بېرىشىدا شەك يوق، بىراق يىراققا ئېلىپ كەتسە، بىرىنچىدىن؛ باللىرىم بالىسىنى ۋاقتىدا كۆرەلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن نەۋرەممۇ ئاتا- ئانا مىھرىگە قانماي چوڭ بولىدۇ. شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن نەۋرەمنى ئۆزۈم بېقىشىم كېرەك دېدى، بۇ خىزمەتدىشىممۇ تولىمۇ قەيسەر بولۇپ، ئوغلىنى ئۆزى يالغۇز قاتارغا قوشۇپ، بېىجىڭ ئونېۋېرېسېتېدا ئوقۇتۇپ، ھەممە كىشىنىڭ كۆزى چۈشكىدەك ياراملىق مىنەۋۋەر ياش قىلىپ تەربىيەلىگەن ئىدى.

  ئوقۇرمەنلەر بۇ مىساللارنى كۆرگىنىدە، بۇ ئۇلۇغ جاسارەتلىك ئانىلارغا ئالقىش ياڭراتماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولغان بولغان ئىشلار، بۇنداق مىساللار كۆپ بولسىمۇ، نوقتىلىق قىلىپ، مۇشۇ ئىككى مىسالنى كۆرسەتتىم.....بۇنداق غەيرەت- شىجائەتلىك ئانىلار تىپىگە كىرىدىغان ئانىلار ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ،بۇنداق ئانىلار ئۆزىدە ئاجايىپ ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ،  ئۇلار ئۈچۈن پۇلنى سامەندەك بۇزۇپ چېچىپ خەجلەيدىغان، ئېسىل مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقاپ باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلىش ئادەتلىرى تامامەن ياتتۇر. ئۇلار ئائىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ ئۆزىدە جۇشقۇن، مىھرىبان، مۇلايىم، سىپايە، جاپاغا چىدايدىغان، تىرىشچان، ئىختىساتچان، كەڭ قۇرساق،مۈشكىلات ئالدىدا ۋاي سالمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ.ئۇلارنىڭ راھەتكە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىچە بولۇپ تولىمۇ ئاددى. ئۇلار خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۆيلىرنى كۆڭۈلدىكىدەك سەرەمجانلاشتۇرىۋالسا، پاكىز رەتلەنگەن ئۆيىدە ئائىلە ئەزالىرى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ خاتىرجەم ھالەتتە، «تاماق ھەجەپ ئوخشاپتۇ» دېگەن ئالقىشلار ئىچىدە بىر قاچا تاماق يېسە، تۇرمۇشقا يېقىن بولغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى تولۇق كۆرۈشكە شارائىت بولسا، بۇ فىلىم ئارقىلىق يەنىلا ئائىلە تۇرمۇشىنى رەڭلىسە، كەلدى- كەتتى مىھمانلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى ئۇزىتىۋالسا، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدىرىماي بىرەر ئىككى سائەت بەھۇزۇر مۇڭدۇشىۋالسا، ۋە ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە، ئۇلار رازى بولغىدەك ئادىمىگەرچىلىك قىلىۋالسا،دەم ئېلىش كۈنلىرى بىر كۈن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ كەتكەندە، يولدىشى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە يەنى بىرەر سىركاي قىززىق چاي ئىچىشكە مۇيەسسەر بولسا، پەرزەنتلىرى ساق- سالامەت چوڭ بولۇپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەردە ئۆقۇيالىسا، ياراملىق مىنەۋەر ياشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىسا، ئوغۇل پەرزەنتى بولسا، ئۇنىڭغا بىرەر پەزىلەتلىك قىز نېسىپ بولسا، ياكى قىز پەرزەنتىگە ياراملىق تىرىشچان كەسىپچانلىق كۈچلىك بىرەر يىگىت نېسىپ بولسا، ئۇۇلارنى ئۆي- ئوچاقلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ شاتلىقىدىن تەڭ بەھىر ئالسا، ۋە شۇنداقلا پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئوماق نەۋرىلىرىنى تەڭ بېقىشىپ قاتارغا قوشۇشىغا ياردەمدە بولسا…… قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدىكى قىسقىسى ئانىلارنىڭ راھىتى نورمال ئادەملەرگە خاس بولغان ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش خۇشاللىقلىرىدىن بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت. ئەپسۇس ئانىلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشىشى، راھەت كۆرۈشى كېرەكىدى، بىراق نۇرغۇن ئانىلار جىددىي تۇرمۇش ھالەكچىلىكىدە بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلار يېڭى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن تارتىپلا ئۆينى قانداق قىلسام ياخشى تۇتارمەن، شۇ ئارقىلىق يولدۇشۇمنىڭ، قىيىن ئانامنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشەرمەن  دەپ پۈتۈن دېققىتىنى ئائىلىسىگە قارىتىدۇ. بالىلىق بولغاندىن كېيىن، يۈرەك پارىسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەرۋىش قىلىپ، ئۆلچەملىك تەربىيەلەش، ياخشى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز كۆرەش قىلىدۇ. بۇ ناھايىتى ئۇزۇن جەريان..... بۇ جەرياندا مەڭگۈ قىلىپ تۈگىتەلمەيدىغان تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ئۇنى ئۆزىگە مەھكەم چىرمىۋالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا، ياشلىقىنىڭ بارغانچە ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقى، تۇخۇمدەك پارقىراق سىلىق، ئاق ئۈرۈكرەك سۈزۈك گۈزەل چېھرىگە قورۇق چۈشۈشكە باشلاپ، بىر يىل بىر كۈندەك تېز ئۆتۈپ، خۇددىي ھەممىلا ئىشقا ئۈلگىرەلمەيۋاتقاندەك ھېسىيات شەكىللىنىدۇ. مىڭ بىر تەستە پۇل غەملەپ نۇرغۇن ئىجتىساد بىلەن ئوقۇتقان باللىرى خىزمەتنىڭ قارىسىنى كۆرىشىگىلا، ئۇلارنى ئۆيلىك- ئوچاقلىق قىلىش غېمىدا تېپىرلايدۇ، ھەتتا، خىزمەت ئورنىدىن ھېىيت بايراملىق بەرگەن پۇللىرىنىمۇ ئۆزى خەشلەشكە كۆزى قىيماي توي تەييارلىقى ئۈچۈن ئىقتىزاد توپلايدۇ. بالام خىزمەتكە چىقىپ ماڭا پۇل بېرەرمۇ دېگەننى ھەرگىز ئويلىمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، نەۋرە بېقىشتەك شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشنى بۈيۈك ئارزۇلار قاتارىغا قويىدۇ. بۇ خىلدىكى روھى ھالەت ئانىلارنى بىلىپ بىلمەي روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىتىپ، ئۆزىنىڭ نوۋھەر ۋاقىتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. شۇندىلا ھۇشىنى يىغىپ تارتقان جاپالىرىنى ئەسكە ئېلىپ، تۆت كۈن بولسىمۇ ئەمدى كىچىككىنە راھەت كۆرەي، كۈننىڭ سېرىقىنى ئۇزاققىراق كۆرەي دېگەندە، ئەپسۇس…..تولىمۇ ئەپسۇس، سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىدۇ، ۋە ياكى بەل- پۇتى  ئاغرىيدۇ، ئۇزۇن يول ماڭالمايدۇ، قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللەرنىڭ ۋەھىمىسى بىلەن ساياھەت قىلالمايدۇ. تەبىئەتنىڭ گۈزەل مۇكاپاتلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ. چىشى بوشاپ كەتكەنلىكتىن ئېسىل تەملىك نەرسىلەرنى يېيەلمەيدۇ. تاتلىقمۇ، ئاچچىقمۇ، سوغاقمۇ ھەممىسىلا زىيان قىلىدۇ، تاتلىقنى يىسە قەن ماددىسى ئۆرلەپ، ئاچچىقنى، سوغاقنى يىسە زىقا قوزغۇلۇپ يۆتىلىدۇ، مايلىقنى يېسە ئۆتى قوزغۇلۇپ ئاغرىيدۇ، ياش ۋاقىتلىرىدا كۆرۈشكە ۋاقتى يەتمىگەن كىنولارنى كۆرەي دېسە كۆزىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ ، كۆزى تېلىپ ئاغرىيدۇ. شوق رەڭلىك كىيىملەرنى، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالاي دېسە، يۈزىدىكى يول- يول قورۇقلارنىڭ ئىزناسى بولدى بەس!!! دەيدۇ. مۇشۇنداق ئارزۇ- ئارمانلار كۆپۈككە ئايلانسىمۇ، ئانىلار يەنىلا قىلچە زارلانماي، باللىرىنىڭ بەختىنى ئۆزىنىڭ بەختى دەپ ھېساپلايدۇ. ئۆزى ئېرىشەلمىگەن بەخىت مېۋىلىرىنى باللىرىغا قوش قوللاپ سۇنىدۇ. شۇڭا ئەدىبلەر « دۇنيادا ئانىدىنمۇ پىداكار، جاپاكەش ئىنسان بولغان ئەمەس، ھەر قانداق مۇھەببەتكە شەخسى مەنپىئەت ئارلاشقان بولىدۇ، بىراق ئانىنىڭ پەرزەنتكە بولغان مۇھەببىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇنىڭغا زەرىچە مۇدا، مەنپەئەت ئارلاشمىغان» دەپ ئېيتقان.

ئانىلار بىر ئۆمۈر خىزمەت ئائىلە، پەرزەنت، ئىجتىمائىي ئىشلار ئوتتۇرسىدا خۇددىي ماشىنىنىڭ مۇككىسىدەك توختىماي ھەركەتلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا تۈگىمەس ئىشلارئۇنىڭ كاللىسىنى غەمخانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ يەلكىسىنى بېسىپ تۇرىدۇ. بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈش ۋە جايىغا ئاپىرىشنى ئۆزى ئۈچۈن مەسئولىيەت ۋە مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنسابىنى، بەختىنى، قىززىقىنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلىشنى ئۇلۇق ئاللادىن كېچە- كۈندۈز تىللەش بىلەن، پەرزەنتلىرىنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق مۈشكىلاتلارنى يېڭىشقا ئۆزلىگىدىن، خۇشاللىق بىلەن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ، چەكسىز جاپالار بەدىلىگە كېلىدىغان باللىرىنىڭ بەختىنى ئۆزى ئۈچۈن خۇشاللىقىم دەپ بىلىدۇ. شۇڭا بىر ئۆمۈر خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ، قېنىپ ئۇخلىيالمايدۇ، ھەي!!!! جاپاكەش دىلكەش ئانىلار!!! ئۈمىدلىرىمىز ئۆلمىگەي ،پەرزەنتلىرىمىز خىزمەتتىكى  مۇۋاپىقىيىتى، ئائىلىسىدىكى شاتلىقى بىلەن بىزگە چوقۇم يارقىن جاۋاپلارنى قايتۇرىدۇ. مانا بۇ بىز ئانىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئېرىشكەن بەخت- سائادىتىمىز، خاتىرجەملىكىمىز....شۇنداقلابۈيۈك ئارزۇيىمىزدۇر....شۇنداققۇ؟! مانا بۇ شەخسىيەتسىز مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى.....

دوستلىشىش
سەھرالىق
پىداكار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 190 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 190
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-05
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 17:36

بۇ تېما ئاياللار بايرىمىنى مۇبارەكلەيدىغان تېما بېشى بولسۇن !!
بوزقىردىكى، ھەم ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى، مۇسۇلمانلا دۇنياسىدىكى جاپاكەش ئاياللار بايرىمىڭلاغا مۇبارەك بولسۇن! مەن سەھرالىق ئاددىلام قۇتلۇقلىدىم بايرىمىڭلانى ،ئامما بۇ قۇتلۇق سۆزىدە مېنىڭ ئالەمچە ھىسلىرىم يوشۇرۇنغان!!!!
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 17:36

نېمە دەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىدىم. لېكىن ، كۆزۈمگە ياش كەلگىنى راس.
ئانا...................
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
تۆھپىسى: 61
پۇلى: 348 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 92
ياخشى باھا: 288
توردا: 23(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-02-01
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 19:35

2-بالامنى بېقىش جەريانىدا ئايالىمنىڭ تارتقان جاپالىرىغا، ئۆزەمنىڭ تارتقان جاپالىرىغا قاراپ، ئانىنىڭ بەكمۇ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئەمما، بىز بالام دەيدىكەنمىز، ئەمما ئاتا ئانىمىزغا  يەنىلا ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەيدىكەنمىز، ئاپام دادامغۇ بىز سىلەردىن مىڭ مەرتىۋە رازى دەپ كېتىدۇ، ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى دەيدۇ، بىزچۇ ؟ ھەر كېچىسى شۇ بالام ئويغىنىپ، شىرىن ئويقۇدا ئويغانماقنىڭ تەسلىكى، كۈندۈزى خىزمەت قىلىۋاتقان، كېچىسى بالىغا قاراۋاتقان، ئۇنىڭغا سۈت تەييارلاۋاتقان، ئۇسسۇزلۇق تەييارلاۋاتقان، يىغلىسا كۈتۈرۈپ قۇچىغىدا ئەللەيلەپ ئۇخلىتىۋاتقان، بەزىدە دەپ كېتىمەن، بىزنىڭ قەدرىمىزگىمۇ يېتەرسەنمۇ دەپ ....
    دۇنيادا ئانىنىڭ مېھرى بەكمۇ ئۇلۇغ بولىدىكەن. ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىنى بىر نەرسە بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بۇلۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، شۇنداقلا، ئاپىغا ھەمكارلىشىپ، دادىلارمۇ بەكمۇ ئۇلۇغ بولىدىكەن، ئانا تىلتۇمار بولسا، ئاتا زۇلپىقار دىگەندەك.
      بارلىق ئانىلارنىڭ ھەر كۈنى خاتىرجەم ، سالامەت بۇلۇشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.
نەۋرىزە ھەدە، سىز بىر ئىسىل ئانا، سىزگە چەكسىز خۇشاللىق يار بولسۇن.
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 136 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 86
توردا: 21(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-02-06
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 00:02

بۇ تېمىنىمۇ مەن ئاياللار بايرىمى ئارپىسىدا، ئاياللار بايرىمىغا ئاتاپ يولىغان ئىدىم، سەھرالىق ئۇكام دېمىسە، ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
رەخمەت!!!!
بالام مەندىن قېرى، مەن غەمدىن نېرى.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 60
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە60دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 73 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 68
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-13
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 16:04

مەزمۇنى چوڭقۇركەن ..نەۋرۇزە ھەدەمنىڭ بايرىمىنى مۇنبەردە قۇتلۇقلايمەن.چارچاپ قالماڭ..جاپاكەش باغۋەن.
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 136 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 86
توردا: 21(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-02-06
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-09 01:40

بارلىق قەدىناسلارغا رەھمەت!!!!