
موتورولا 2011-يىلى 1-ئايدا موتورولا كۆچمە تېخنىكىسى ۋە موتورولا ھەل قىلىش لايىھەسىدىن ئىبارەت ئىككى تارماق شىركەتكە پارچىلانغان ئىدى، موتورولا كۆچمە تېخنىكىسى بولسا، ئاساسلىقى ئەقلىفون ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېلىۋېزور رەقەملىك تېلىۋېزىيە قوبۇللىغۇچ ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىراتتى.
گۇگېل تۆنۈگۈن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، موتورولا بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى، ھەر بىر پايچېكىنى 40 دوللارلىق باھا بىلەن موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى، ئومۇمى باھانىڭ 12 مىليارد 500 مىليونغا توختىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
موتورولا بولسا مەخسۇس Android سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ يانفون قاتتىق دېتال كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتنى سېتىۋېلىش، گۇگېلنىڭ Android سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كۆچمە ئالاقە كەسپىدىكى رىقابىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىشتىن كېيىن، موتورولا داۋاملىق Android نىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە Android سېستىمىسى داۋاملىق ئوچۇق كودلۇق ھالىتىنى ساقلايدۇ. گۇگېل موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى ئۆزىنىڭ بىر مۇستەققىل كەسپى مۇلازىمىتى بويىچە داۋاملىق يۈرۈشتۈرۈپ ماڭىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئورگان تەرەپتىن، گۇگېلنىڭ موتورولانى سېتىۋېلىشى، پاتنېت ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلغان.
تەھرىرنىڭ مۇلاھىزىسى: ھازىر كۆچمە ئالاقە ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ گىگانت ئالما، مىكروسوفت، گۇگېل ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئالما ۋە مىكروسوفت ئۆزىدىكى مول بولغان پاتنېت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ رىقابەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتىدۇ، يېقىندىن بۇيان بولىۋاتقان پاتنېت جېڭىمۇ دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىغىنى شۇكى، بۇ ئۈچ گىگانتنىڭ ئىچىدە، گۇگېل ئىگە بولغان پاتنېنت ئەڭ ئاز بولۇپ، رىقابەتچىلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ھەمىشە پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. شۇ نۇقتىدىن كېسىپ قارىغاندا، گۇگېلنىڭ موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشى ھەرگىزمۇ غەلىتىلىك ئەمەس، چۈنكى گۇگېل موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن 25000 خىل پاتنېتنىڭ ئىگىسى بولىدۇ. بۇ سان، گۇگېلنىڭ رىقابەتچىلىرى بولغان ئالما ۋە مىكروسوفت ئۈچۈن خىرىستىن باشقا نەرسە ئەمەس. مىكروسوفت ۋە ئالما شىركىتى، گۇگېلنىڭ بۇ تاكتىكىسىغا يەنە قانداق تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاپ ئېلان قىلىنىدۇ.مەنبەسى،نۇر،تورى
http://www.nur.cn/html/news/27819.shtml