11-ئاۋغۇسىت، پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى پېشاۋار شەھىرىدە ئادەم بومبا ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۈستى بېشىنى نىمچە بىلەن ئورىۋالغان بىر ئايال پولات شارچە قاچىلانغان پارتلاتقۇچنى پارتىلىتىپ، ئاز دېگەندە 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 14 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئايالنىڭ يېشى تەخمىنەن 17-18ياشلاردا ئىكەن. ئۇ بىر ساقچىلار تەكشۈرۈش پونكىتىغا بىر دانە قول بومبىسى ئاتقان ھەم 20 مېتىر يىراقلىقتا بەدىنىدىكى بومبىنى پارتىلىتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. ئايالنىڭ كىيىمى (پىنجىكى) پۈتۈنلەي پارتلاپ تۈگىمىگەن بولۇپ، نۇرغۇن پولات شارچە (شارەك) قېپ قالغان.
پېشاۋار بولسا شۇ يەردىكى تالىبان قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان ئالدىنقى سېپى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھوجۇم نىشانى پاكىستان ساقچى تەرەپكە قارىتىلغان. ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنى پارتىلىتىپ ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى پاكىستاندا ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدۇ، چۈنكى، بۇ كونسېرۋاتىپ دۆلەتتە ئاياللارنى ئاقتۇرۇش بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىملارنىڭ قىلىشنى خالىمايدىغان بىر ئىشىدۇر. پېشاۋار ، تالاپەتكە ئۇچرىغان ساقچىنىڭ بىر تۇققىنى ئازاپلانماقتا
يارىلانغان بىر ساقچى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا
مەنبە: تېڭشۈن تورى . ئەلتېكىن تەرجىمىسىhttp://news.qq.com/a/20110812/000527.htm#pref=hdpicture#p=9