قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان ، زاۋالىمنى بەر.
چىلاپ سېنى تۈندەك قارا سىياغا،
سىزاي چوغلۇق گۈلى دىللارغا.
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپئاق قارلىرى،
ئەگىز بولۇپ، شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا.
قەلەم قەلەم ئەمەس، مىسالى ئەلەم،
ئۇنىڭ ھېكمىتىگە بويسۇنار ئالەم.
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم.
ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە،
پادىچى ھەم دەنا ئوخشاش مۆجىزە.
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم،
ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە.
شائىر كۆرسە توڭلاپ تىترىگەنلەرنى،
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار.
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك،
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار.
قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
مەنبە: «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمى
ھەقىقى شېئىر مۇستەھكەم ئېتىقاتتىن تۇغۇلىدۇ.