سورىغانتىم بالىلىقىمدا،
دادا،تۇرمۇش ئۇ قانداق نەرسە؟
جاۋاب بەرگەن دادام ئويلىنىپ،
مېغىزى بار،غورىدەك نەرسە.
بەزلەپ ئۆتۇپ، يىللار قۇچەقلاپ،
ئوغلۇم ماڭا قويدى بىر سوئال:
دادا،تۇرمۇش ئۇ قانداق نەرسە؟
بېرەلمىدىم بىر جاۋاپ شۇئان.
بېرەلمەيدۇ ھېچ كىشى جاۋاپ،
زادى تۇرمۇش ئۇ قانداق نەرسە؟
بېرىدىكەن ئۆزىگە جاۋاپ،
ھەر كىشىنىڭ بېشىغا كەلسە.
مىڭ خىل ئارزۇ ئۇچقان مىڭ كەپتەر،
بەرگەن دۇنيا قانچىگە قونداق.
بەلكىم دەيمەن جاۋابى شۇدۇر:
يولۇڭ قانداق تۇرمۇشۇڭ شۇنداق.
2011-يىلى ئاۋغۇسىت
[ چۆل~ئوغلىتەرىپىدىن2011-08-09 01:13قايتا تەھرىرلەند ]