پاسىبان بلوگى | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Tue, 18 Feb 2014 11:36:59 +0000 ug-CN hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.4.2 ھالەت ستونىغا ھاۋارايى قىستۇرۇش /statusbar-forecast.html /statusbar-forecast.html#comments Tue, 18 Feb 2014 11:09:20 +0000 پاسىبان /?p=4046 تۈرمىدىن قاچۇرۇش نوقۇل ھالدا ھەقلىق ئ‍ەپلەرنى ھەقسىز ئىشىلىتشنى مۇددىئا قىلماستىن، ئايفوننى تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىشى كېرەك. بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفونلار ئۈچۈن ھالەت ستونىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك ھاۋارايى ئۇچۇرى چىقىرىدىغان قىستۇرمىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

]]>

تۈرمىدىن قاچۇرۇش نوقۇل ھالدا ھەقلىق ئ‍ەپلەرنى ھەقسىز ئىشىلىتشنى مۇددىئا قىلماستىن، ئايفوننى تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىشى كېرەك. بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفونلار ئۈچۈن ھالەت ستونىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك ھاۋارايى ئۇچۇرى چىقىرىدىغان قىستۇرمىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

قىستۇرما ئىسمى: statusbarforecast

بۇ قىستۇرما سىيدىيانىڭ ئ‍ۆزىدە بولغان ModMyi.com مەنبەسىدە بار بولۇپ، ئايرىم مەنبە قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىزدەش ستونىغا ئاشۇنداق يېزىپلا ئىزدىسەك بولىدۇ. قىستۇرما چۈشەندۈرۈش بېتى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك.

بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تەڭشەك قىسمىغا StatusBarForecast دېگەن نامدا بىر تەڭشەك تۈرى قوشىلىدۇ. بىز مۇشۇ يەرگە كىرىپ بىر قاتار تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنى بىر بىرلەپ سۆزلەيلى.

بىرىنجى قۇردىكى woeid بولسا ياخونىڭ دۇنيادىكى ھەر بىر شەھەرگە بەرگەن ID نومۇرى بولۇپ، مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق شۇ شەھەرنىڭ ھاۋارايىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ نومۇرنى بىز مەخسۇس ئىزدەيدىغان تور بەتتىن ئىزدەپ تاپالايمىز. مەن تۆۋەندە بىر قانچە شەھەرنىڭ woeid نومۇرىنى قالدۇرۇپ قوياي:

ئۈرۈمچى: 2143692

كورلا: 2143697

ئاقسۇ: 2143693

قەشقەر: 2143696

خوتەن: 2143701

تۇرپان: 2143712

قۇمۇل: 2143695

غۇلجا: 2143699

يۇقارقىدەك، ئاشۇ كاتەكچىگە ماس كېلىدىغان نومۇرنى يازىمىز. ئەگەر ئۆزىڭىز باشقا شەھەرلەرنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز Google غا WOEID دەپ يېزىپ تېپىلغان تور بەتلەدىن تەكشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. WOEID ئىزدەيدىغان ئىككى بەتنى قالدۇرۇپ قوياي:

http://zourbuth.com/tools/woeid/

http://woeid.rosselliot.co.nz/lookup

مۇشۇ ئىككى بەتتىن باشقا شەھەرلەرنىڭ كودىنى تېپىپ ئاشۇ كاتەكچىگە يازسىڭىز بولىدۇ.

كىيىنكى قەدەمدە، TIME FORMAT دېگەن تاللاش تۈرىنىڭ Format دېگەن قۇرىنى توشقۇزىمىز. بۇ ۋاقىت كۆرسىتىش فورماتى بولۇپ، ھالەت ستونىدا ۋاقىتنىڭ قانداق كۆرىنىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك فورمۇلا يېزىپ تەڭشەپ بەرسەك بولىدۇ.

MM/dd HH:mm

بۇنى مۇشۇنداق يازسىڭىزمۇ، ياكى خالىسىڭىز باشقىچىراق ئۆزگەرتىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Weather Format دېگەن تۈردىكى بىرىنجى قۇر، سائەتنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كۆرىنىدىغان قىسمى بولۇپ، ئۇ يەرگە قىستۇرما رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز شەھەر نامىنى يازسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، مەن سائەتنىڭ ئالدىدا شەھەر نامى كۆرىنىدىغان قىلماقچى بولۇپ، ئۇ قۇرغا CITYNAME ^ دەپ يازدىم. فورماتىنى مۇشۇنداق يېزىشىڭىز كېرەك. يەنى، چوڭ ھەرپلىك CITYNAME دىن كىيىن بىر بوشلۇق قويۇپ، بۇ بەلگىنى يېزىڭ ^ . بۇ بەلگە سان-سىفىر قاتارىنىڭ ئىچىدىكى قوشۇمچە بەلگىلەنىڭ ئىچىدە بار.

2-قۇر بولسا سائەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۆرىنىدىغان ئۇچۇرلار بولۇپ، ئۇ يەرگە سېلتسىيە، گرادۇس ۋە ئايكون كۆرۈنۈش قاتارلىق تەڭشەكلەنى تەڭشىۋالساقمۇ بولىدۇ. مەن مۇشۇنداق قىلىۋالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قۇرغا مۇنداق توشقۇزىمىز:

^ CL DEG ^ ICON

بۇنىڭدىكى CL بولسا سېلتىسيەنى، DEG بولسا گرادۇس بەلگىسىنى، ICON بولسا رەسىملىك ھاۋارايى ئايكونىنى ئىپادىلەيدۇ. ئومومى تەڭشەك قىسمىنى تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.

 

]]>
/statusbar-forecast.html/feed 0
ئايفوننىڭ تۆۋەن باتارىيە ئەسكەرتىش ئىقتىدارىنى تاقاش /no-low-power-alert.html /no-low-power-alert.html#comments Mon, 17 Feb 2014 11:00:53 +0000 پاسىبان /?p=4043 [...]]]>

ئايفوننىڭ توكى 20% تىن ئاز قالغاندا بىر قېتىم، 10% تىن ئازقالغاندا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ. بۇ گەرچە بىزگە باتارىيە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىدىغان ياخشى ئىقتىدارى ھېسابلانسىمۇ بەزى بىر چاغلادا تازا قاملاشمىغان چاغدا ئەسكەرتىش چىقىپ قالىدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەر باتارىيەنىڭ ھالىتىنى پىرسەنت بىلەن بەلگىلەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ ئىشلىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا دەل شۇ پەيتتە قانچىلىك توك قالغانلىقىنى ئ‍وڭ تەرەپ ئۈستىگە قاراپلا كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا 20 % تىن ئاز قالغاندا ئەسكەرتمىسىمۇ بولاتتى دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.

بۈگۈن مۇشۇنداق قاراشتىكىلەر ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئاشۇ ئەسكەرتىشنى يوقىتىدىغان سىيدىيا قىستۇرمىسى ئالغاچ كەلدۇق. بۇ قىستۇرمىنىڭ ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىدەك:

 

قىستۇرما ئىسمى : NoLowPowerAlert

ماس كېلىدىغان سېستىما : iOS 7

مەنبە: BigBoss (سىيدىيانىڭ ئۆزىدە بار)

بۇ قىستۇرما بىگبوس مەنبەسىدە بار. ئۆزى ھەقسىز قىستۇرما. قاچىلاپلا قويساق بولىدۇ. تەڭشەك ياكى ئايكون كۆرۈنمەيدۇ.

 

]]>
/no-low-power-alert.html/feed 0
ئايفوندا تۈرمىدىن قاچۇرماي 2 دانە ۋىيشىن ئېچىش ئۇسۇلى /install-more-wechat-without-jailbreak.html /install-more-wechat-without-jailbreak.html#comments Wed, 12 Feb 2014 10:40:21 +0000 پاسىبان /?p=4039 [...]]]>

بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دانە ۋىيشىن (ئۈندىدار) ئىشلىتىشنى خالايدىغان، لېكىن بىر تال ۋىچەتتىن چېكىنىپ يەنە بىرنى ئېچىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرىدىغان كىشىلەركۆپ بولسا كېرەك. بۈگۈن بىز ئايفوندا تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋىچەت قاچىلايدىغان ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.

بۇنىڭ ھېچقانداق بىر تېخنىكىلىق جەريانى يوق بولۇپ، ئايفوندىكى سافارى ئارقىلىق تۆۋەندىكى بەتنى ئاچىمىز.

http://app.neihanshe.cn/weixin.php

ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر بەت ئېچىلىدۇ. ئۈستىدىكىنى بېسىپ ئىككىنجى ۋىيشىننى، ئاستىدىكىنى بېسىپ ئۈچىنجىسىنى قاچىلىۋېلىڭ.

قاچىلاشنى باسقاندا ئەسكەرتىش چىقسا ئۇنىڭدىن «قاچىلاش» دېگەننى تاللاپ بېرىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

ئارتۇقچىلىقى : بىر ئايفوندا كۆپ ۋىيشىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

كەمچىللىكى: دەسلەپتە سىزدە بارىغا ئۇچۇر كەلگەندە ئەسكەرتىدۇ. لېكىن كىيىن قاچىلىغاندىكىسىگە سىز ئاچمىغۇچە ئەسكەرتمەيدۇ (ئەسكەرتىش تاقاقلىق ھالەتتە قاچىلىنىدۇ). ئەگەر يېڭىسىنىڭ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسەك ئىلگىرىكىسىنى ئەسكەرتمەسلىكى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرىلىدۇ. شۇڭا مۇھىمراقىنى بۇرۇنقى ۋىيشىندا ئېچىڭ، يېڭى قاچىلىغانغا قوشۇمچىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئايفوندا ئىككى ۋىيشىن ئىشلىتىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىش…

]]>
/install-more-wechat-without-jailbreak.html/feed 0
iOS 7 دىكى ھالەت ستونى قارا بولىۋېلىشنى ھەل قىلىش /fix-ios-7-black-status-bar.html /fix-ios-7-black-status-bar.html#comments Mon, 10 Feb 2014 05:09:16 +0000 پاسىبان /?p=4034 [...]]]> ھالەت ستونى قارا بولىۋېلىشنى ھەل قىلىش

iOS 7 تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن مەن 6 دىن 7 گە چىقتىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان 6 دە يۈرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى 7 تېخى تۈرمىدىن قاچمىغانلىقتىن ئىدى. چۈنكى ماڭا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بەك لازىم ئىدى. 7 مۇكەممەل قاچقاندىن كىيىن مەنمۇ 7 دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدۇم. لېكىن، مۇشۇ كىچىك بىر مەسىلە مېنى بەكلا راھەتسىز قىلدى. ئۇ بولسىمۇ، قىستۇرما رەسىمدىكىگە ئوخشاش تېلېفون ئۇرغاندا ھالەت ستونىدىكى خەتلەر قارا رەڭدە بولىۋېلىپ ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولماسلىقى… ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ تاپتىم.

بۇنىڭ ئۈچۈن Cydia غا ئالما نېگىزى مەنبەسىنى قوشىمىز. مەنبە ئادرېسى : http://apt.app111.com

Cydia غا مەنبە قوشۇشنى بىلمىسىڭىز بۇ تېمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ : Cydia غا مەنبە قوشۇش ئۇسۇلى

يۇقارقى مەنبەنى قوشقاندىن كىيىن، قوشۇلغان مەنبە ئىچىگە كىرىپ Z:状态栏修复补丁 for iOS 7 دېگەن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىۋېتىمىز.

ھالەت ستونىنى ئوڭشاش قىستۇرمىسى

بۇنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن SpringBoard نى قايتا قوزغىتىۋەتسەك ئىش تامام. ئەمدى، تېلېفون ئۇرغاندا،سۈرەتكە ئالغاندا قارا رەڭلىك ھالەت ستونى كۆرىنىۋېلىش مەسىلىىسى ھەل بولىدۇ.

]]>
/fix-ios-7-black-status-bar.html/feed 0
Cydia غا مەنبە قوشۇش ئۇسۇلى /how-to-add-cydia-sources.html /how-to-add-cydia-sources.html#comments Fri, 31 Jan 2014 08:55:18 +0000 پاسىبان /?p=4029 [...]]]>

iOS  نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن بۇ سۆز كۆپ قىسىم ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. ئايفوننىڭ تۈرمىدىن قاچقىنى تېلېفوندا Cydia نىڭ بار – يوقلىقى بىلەنمۇ مەلۇم بولىدۇ. Cydia بولسا تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن خاككېرلار تەمىنلىگەن بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى تەمىنلەيدىغان بىر سۇپا. بۇ سۇپىغا قىستۇرما ياسىغان پروگراممېرلارنىڭ تور بەت ئېغىزى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىستۇرمىلاردىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.

دېمەك، Cydia غا دۇنيادىكى سانسىزلىغان پروگراممېرلار ئۆزىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق قىستۇرما قوشالايدۇ. بىز ئاشۇ ئادرېسنى Cydia غا قوشىۋېتىش بىلەن شۇلار تەمىنلىگەن قىستۇرمىلاردىن پايدىلىنىۋالالايمىز. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن Cydia غا قانداق قىلىپ مەنبە قوشۇش بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

تۆۋەندە بىز خەنچە ۋە ئېنگلىزچە كۆرۈنمە يۈزدىكى Cydia غا قانداق قىلىپ مەنبە قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. ئايفوندا Cydia نى ئاچىمىز. ئاندىن ئاستىدىكى بەش تال تىزىملىك ئىچىدىكى باشقۇرۇش 管理 \ Manage نى باسىمىز. ئاندىن ئوتتۇرىدىكى مەنبە 软件源 \ Source نى باسىمىز. ئاندىن تېلېفونىمىزدىكى نۆۋەتتىكى Cydia مەنبەلىرى تىزىملىكى كۆرىنىدۇ. بىز مەنبەنى مۇشۇ جايغا قوشىمىز. يەنى. بارلىق Cydia مەنبەلىرى مۇشۇ تىزىملىك قاتارىدا كۆرىنىدۇ. بىز يېڭى مەنبە قوشۇش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تەھرىرلەش 编辑 \ Edit نى باسىمىز. ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ (سولدىن ئوڭغا)

 

تەھرىرلەشنى باسقاندىن كىيىن مەنبە تىزىملىكى تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. سول تەرەپ ئۈستىدىكى قوشۇش 添加 \ Add نى باسساق مەنبە ئادرېسى يازىدىغان جاي چىقىدۇ. ئاندىن بىز قوشماقچى بولغان مەنبە ئادرېسىنى كىرگۈزىمىز. مەنبە ئادرېسى ئەمەلىيەتتە بىر تور بەت ئادرېسىغا ئوخشاش. يېزىپ بولغاندىن كىيىن مەنبەنى قوشۇش 添加源 \ Add Source نى باسىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ سولدىن ئوڭغا قاراڭ.

 

رەسىمدە ۋىيفىڭ 威锋 مەنبەسىنى قوشۇپتۇ. ئۇنىڭ ئادرېسى apt.weiphone.com . مۇشۇنىڭدەك، Cydia غا پالانى مەنبەنى قوشىمىز، مەنبە ئادرېسى ماۋۇ، دەپ ئادرېستىن بىرسى بولسا، يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئاشۇ مەنبەنى قوشىۋالساق بولىدۇ.

تېخىمۇ جانلىق بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىننى بىر كۆرۈڭ:

يۇقارقى Cydia ئايفوندىكى Cydia بولۇپ، ئايپەدتە Cydia نىڭ كۆرۈنمە يۈزى سەل ئوخشىمايدۇ. چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش. يەنى، ئايپەدتە مەنبە قوشۇش ئۈچۈن Cydia نى ئېچىپ، ئاستىدىكى تىزىملىكلەر قاتارىدىنلا مەنبە 软件源 \ Source دېگەن يەرشارىنىڭ بەلگىسى بار جاينى كۆرىمىز. بىۋاستە ئاشۇنى بېسىپ مەنبە تىزىملىكىنى ئاچالايمىز. ئاندىن تەھرىرلەشتىن قوشۇش دېگەننى بېسىپ مەنبە ئادرېسىنى يېزىپ قوشىۋالىمىز.

تۆۋەندە داڭلىق بولغان بىر قانچە مەنبەنى قالدۇرۇپ قوياي. بۇ مەنبەلەرنى قوشىۋېلىپ، بىز داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قولايلىق بىر قىسىم قىستۇرمىلارنى ئىزدەپلا تاپالايمىز.

178 مەنبەسى : http://apt.178.com

ۋىيفىڭ مەنبەسى : http://apt.weiphone.com/

بەيدۇ مەنبەسى (بەيدۇ كىرگۈزگۈچ ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار مەنبە) : http://mi.baidu.com

ئاي بىلگە مەنبەسى : http://cydia.ibilge.com

ئالما نېگىزى مەنبەسى : http://apt.app111.com

 

مۇناسىۋەتلىك يازما Cydia ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

/about-cydia.html

]]>
/how-to-add-cydia-sources.html/feed 0
iOS 7.0.5 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يوچۇقى يەنىلا ئوچۇق /evasi0n-still-work-on-ios-7-0-5.html /evasi0n-still-work-on-ios-7-0-5.html#comments Thu, 30 Jan 2014 05:44:41 +0000 پاسىبان /?p=4027 [...]]]>

ئالما شىركىتى بۈگۈن iOS 7.0.5 سېستىما بولىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلاش جۇڭگو رايونىدا سېتىلغان iPhone 5c ۋە iPhone 5s كە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان يېڭىلاش بولۇپ، تىجارەتچى تور تەڭشىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم يېڭىلاشلانى ئۆز ئىچىگە ئالغانكەن. بۇ يېڭىلاشتا نۆۋەتتىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش يوچۇقى ئېتىلمىگەنكەن.

بۇ قېتىمقى يېڭىلاش ئاساسەن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G تورىنى قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلاش بولۇشى مۇمكىن. يېڭىلىغانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تەڭشىكىنى تەڭشەيدىغان يەر يېڭى نەشىردە يەنىلا بار ئىكەن.

خاككېر I0n1c نىڭ تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىساق ئۇ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا evasi0n ئارقىلىق iOS 7.0.5 نى تۈرمىدىن قاچۇرغان.

لېكىن ھازىر بۇ قورال ئارقىلىق 7.0.5 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش ئۈچۈن bin مۇندەرىجىسى ئىچىگە يەنە بىر قىستۇرمىنى قاچىلاش كېرەككەن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى قورال ئارقىلىق 7.0.5 نى ئىلگىرىكىدەك بىۋاستىلا مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. Evasi0n گورۇپپىسىدىكىلەر تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى يەنە بىر قېتىم كىچىك يېڭىلاشتىن بۇرۇن 7.0.4 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىشلىتىۋاتقانلار سېستىمىنى يېڭىلىماي تۇرۇڭلار.

]]>
/evasi0n-still-work-on-ios-7-0-5.html/feed 0
تور بەت يېڭىلاش ئۇقتۇرىشى /3905.html /3905.html#comments Sat, 14 Apr 2012 04:05:13 +0000 پاسىبان /?p=3905 [...]]]> ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبى ئەھلى!

تور بەت چوڭ كۆلەمدە يېڭىلانماقچى. يېڭىلىنىپ بولغۇچە پاسىبان بلوگىدا يېڭىلىق مەزمۇن ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن. ئۇ چاغقىچە ھەرقايسىڭلارنى مۇنبىرىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز. مۇنبەردە خۇددى كۇلۇبىمىزدىكىدەك قانداق مەسلىھەت بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىۋېرىدۇ.

 

]]>
/3905.html/feed 2
داڭلىق خەنچە كىرگۈزگۈچ App Store دا /sogou-input-board.html /sogou-input-board.html#comments Mon, 02 Apr 2012 11:47:38 +0000 پاسىبان /?p=3900 [...]]]> داڭلىق خەنچە كىرگۈزگۈچ App Store دا

搜狗拼音输入法 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزگۈچ. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ھازىر Symbian ۋە Android تېلىفونلىرىدىكى كىرگۈزگۈچلىرىمۇ ئابونتلارنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. نۆۋەتتە بۇ كىرگۈزگۈچ App Store غا چىقىپتۇدەك!

كىرگۈزگۈچ قانداقسىگە App Store دا كىرگۈزگۈچ بولسۇن؟ شۇنداق. بۇ بىر كىرگۈزگۈچ بولماستىن، خۇددى بىزنىڭ «خاتىرەم» گە ئوخشاش، ئۆزىدە بىر كىرگۈزگۈچ بار بولغان خەت يېزىش تاختىسى ئىكەن. بۇ ئەپنىڭ ئەڭ يامان يېرى – تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھاجەتسىز!

بۇنىڭدا يازغان خەتنى مىكروبلوگقا يوللاش، ئېلخەت ئەۋەتىش، قىسقا ئۇچۇرغا يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان ئىكەن. خۇددى بىزنىڭ «خاتىرەم» دەك…

لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇلارنىڭ UI سى بەكلا گۈزەلكەن. ئەپنى دەسلەپ قوزغاتقاندا ئەپنى قانداق ئىشلىتىشنى تەپسىلىي ئۆگىتىپ چىقىدىكەن. تۈرمىدىن قاچۇرغانلار بۇ كىرگۈزگۈچكە بەكلا كۆنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك. iOS نىڭ ئۆزىدىكى پىنيىنچە كىرگۈزگۈچمۇ خېلى كۈچلۈك بولسىمۇ، كونۇپكىلىرى بەكلا كىچىك بولغاچقا بارماق بىلەن بېسىپ تولا خاتالىشىپ كېتىدىغان ئىش ئىدى. ماڭا ئوخشاش T9 كىرگۈزگۈچىسىگە كۆنۈپ قالغانلارغا بۇ ھەسەلدەك بىر ئەپ.

مىكرو بلوگ ھېساۋاتىڭىزنى باغلىۋالغاندىن كىيىن خەتنى T9 كىرگۈزگۈچىسىدە تېز سۈرئەتتە يېزىپلا بىر كونۇپكا بىلەن يوللىغىلى بولىدىكەن. سىنا مىكروبلوگى، تېڭشۈن مىكروبلوگى ۋە سوخۇ مىكروبلوگىنى قوللايدىكەن.

خەتنى ئاپئاق ۋاراققا يېزىپ تەمسىز ھېس قىلغانلارغا، 140 تال خەت ئازلىق قىلىدىغانلارغا بۇ ئىقتىدار تولىمۇ ياخشى ئىشلەيدىكەن. يازغان خەتنى ئاتكرېتكا شەكلىدە رەسىملىك ھاسىل قىلىپ بېرەلەيدىكەن.

يازغان خەتلەرنى باشقا جايدا ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن قولاي بولۇپ، خەتنى يېزىپ بولۇپ بىر كونۇپكا بىلەن كۆچۈرۈپ ئالغىلى بولىدىكەن. خەنچە خەتنى كۆپراق يازىدىغان كىشىلەرگە، بولۇپمۇ Nokia تېلىفوندىن ئەمدى كۆچۈپ كەلگەنلەرگە ياخشى بىر تاللاش ئىكەن.

ئەپ ئىسمى : 搜狗输入板

ساتقۇچى : Beijing Sogou Technology Development Co.,Ltd.

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 19.1 MB

باھاسى : ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

]]>
/sogou-input-board.html/feed 0
MKV نى MP4 كە ئالماشتۇرۇش قورالى /mkv-to-mp4.html /mkv-to-mp4.html#comments Mon, 02 Apr 2012 06:45:19 +0000 پاسىبان /?p=3898 [...]]]> MKV نى MP4 كە ئالماشتۇرۇش قورالى

MP4 نى ئالما مەھسۇلاتلىرى ئوبدان قوللاپ قويىدۇ. QuickTime نىڭ يەنە بىر پەچەت قوللايدىغان فورماتى بۇ. MP4 نىڭ سۈزۈكلىكى يۇقىرى، سىغىمى كىچىك بولۇشتەك ئالاھېدىلىك بىلەن كۆپ قىسىم يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەردە راۋان قويغىلى بولىۋېرىدۇ. بۇ ئالماشتۇرغۇچ بىزگە MP4 فورماتىدىكى سىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ ئەپنى RushPlayer نى ياسىغان شىركەت تەمىنلىگەن بولۇپ، ئەسلى 1.99 $ \ 12 يۈەندىن ساتىدىكەن. بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز ئىكەن. بۇ ئەپ ئارقىلىق MKV فورماتىدىكى فىلىمنى MP4 كە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. ئايلاندۇرۇش جەريانىدا فىلىم خېتىنىمۇ قوشىۋەتكىلى بولىدىكەن.

بۇ ئەپ ئارقىلق پەقەت MKV فورماتىدىكى فىلىمنى MP4 كە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. ھازىرچە ئىقتىدارى بەكلا ئاددىي بولسىمۇ، كىيىنكى نەشىرلىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇپتىمەن. مەسىلەن، كىيىنكى نەشىرلىرىدە بەلكى بىز iPhone نىڭ ئۆزىدە ئالغان MOV فورماتىدىكى فىلىملەرنى MP4 كە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھۆججەت ھەمبەھرلېنىش ئېغىزىغا تەمىنلەپ بەرسە، چوڭ سىغىمدىكى فىلىمنى iPhone نىڭ ئۆزىدىلا كىچىك سىغىمغا ئايلاندۇرىۋالساق بوشلۇقتىن پايدا ئالغىلى بولىدىكەن.

بۇ ئەپ iPad ۋە iPhone نىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەپ. تۆۋەندىكىسى iPad تىكى كۆرۈنىشى.

 

ئەپ ئىسمى : mkv2mp4

ساتقۇچى : RushSoft

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 8.9 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:

]]>
/mkv-to-mp4.html/feed 5
83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ /83-year-old-man-sued-apple.html /83-year-old-man-sued-apple.html#comments Mon, 26 Mar 2012 14:04:33 +0000 پاسىبان /?p=3888 [...]]]> 83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئىلگىرى بېيجىڭدا جاڭ فامىلىلىك موماينىڭ يولدا كېتىۋېتىپ پۇتىنى قايرىۋېلىپ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزدىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكى براۋن خانىمنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقەدە يول ياساش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ دوللار تۆلەم تۆلەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ كۈن ئالمىنىڭ بېشىغا كەپتۇ.

CBS New York ئاخباراتىدا 83 ياشلىق ئېۋىلىن پازۋول Evelyn Paswall ئىسىملىك بىر موماي  ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ ئالما دۇكىنىنىڭ ئەينەك تېمىغا ئۇقۇشماستىن ئۈسىۋېلىپ بۇرۇنى يارىلاندۇرىۋالغان. بۇ سەۋەبلىك موماي سوتقا ئەرز قىلىپ 75 مىڭ دوللار داۋالاش تۆلىمى، ئۇنىڭدىن سىرت ئالما شىركىتنىڭ بۇ «قىلمىشى» سەۋەبلىك 1 مىليون دوللارغا يېقىن جەرىمانە تەلەپ قىلىپتۇ.

ئېۋىلىن موماينىڭ سوقۇلغان ئالما دۇككىنى نىيۇ-يورك مانخاسسېتتىكى سېتىش دۇككىنى بولۇپ، سكوتتىسدال Scottsdale شتاتىدىكىگە ئوخشاش، بۇ دۇككاننىڭ ئالدى تەرەپ تېمى پۈتۈنلەي ئەينەكتىن ياسالغان ئىكەن. ئېۋىلىن دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر قەۋەت ئەينەك تامنىڭ بارلىقىنى پەرق قىلالماپتۇ.

83 ياشلىق موماي ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ

ئالما شىركىتى مۇشۇ خىل ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەسىمدىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى چاپلىغان ئىكەن. ئېۋىلىننىڭ ئادۇۋكاتىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى يېتەرلىك ئەمەسكەن. ئېۋىلىننىڭ كۆرۈش سېزىمى جايىدا بولسىمۇ، بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنىڭ پايدىسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇ «پاجىئە» يۈز بېرىپتۇدەك.

خەۋەردىكى walking into the glass doors دېگەن مەزمۇنغا قارىغاندا بۇ موماي ئىشىكتىن كىرىۋاتقۇچە ئۇرىۋالغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن بولسا يەنە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار؟ ئالما شىركىتى بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقامدۇ يوق؟ ئەينەك سۈرتكەت ئىشچىنى بۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلاش كېرەكمۇ ياكى جازالاشمۇ؟

تۆۋەندە بىز ئۇتۇق قازانغان 15 ئالما دۇكىنىنىڭ سىنىنى كۆرۈپ باقايلى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

]]>
/83-year-old-man-sued-apple.html/feed 10