سىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللىشىشكە ئەگىشىپ كىشىلەرمۇ بۇنى ھەرخىل نەرسىلەرگە ئىشلىتىدىغان بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. يېقىندا بىر خاككېر ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى سىرىغا بۇيرۇق بېرىش ئارقىلىق ئوت ئالدۇرۇپ-ئۆچۈرىدىغان قىلىۋاپتۇدەك.
SAMSUNG شىركىتىنىڭ ئالما بىلەن قېرىشىپ قالغاندەك خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇققۇ دەيمەن. SAMSUNG مۇ قېرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال دېگەندەك ھە دېسە مۇشۇنىڭغىلا رىقابەت ئېلان قىلغىلى تۇردى. نەچچە دۆلەتتە پاتېنتىمغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ ئەرز قىلىپمۇ يۈردى. يېقىندا ماۋۇ تېلىفوننى «يېڭىدىن» ئېجاد قىلىپ بازارغا ساپتۇدەك…
RATEDRR دېگەن بۇ گۇي ساراڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆ قىلغۇدەك تېپىۋەتكەن پۇلى بار نېمە ئوخشايدۇ. پۇل دېگەننى كۆيدۈرۈپلىۋېتىدىكەن. بىر تال iPhone 4S نى تېشىۋەتسە ئېسىت دەپ كېتىپتۇق. بۇ تەلۋىگە ئۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ. مىنۇتلۇق فىلىم ئۈچۈن پۇل دېگەننى خەجلەپ ژىتىۋېتىدىكەن بۇ …
RATEDRR دەيدىغان بىر كىشى بار. قورال-ياراقلىرىنىڭ تۈرىمۇ، ئوت كۈچىمۇ بەك كۈچلۈك. بۇ كاساپەت بىرەر بوتۇلكا، چالما-كېسەكنى نىشانلاپ يۈرمەي، بەزىلىرىمىز ئايلاپ پۇل يىغىپ ئاران تەستە ئالىدىغان iPhone, iPad دەيدىغان نەرسىلەرنى تېشىپ ئوينايدۇ. ئەمدى بۇ ساراڭ iPhone 4S تىن بىرنى مۇشۇنداق قىلىپ «ئېتىپ ئۆلتۈردى» .
بۇ ئەقىللىق شاكىچىكنىڭ ئىسمى توماس سۇارېز Tomas Suarez بۇ يىل 12 ياش بولۇپ، تېخى ئەمدى 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركىتى بار. بۇ شىركەتنىڭ App Store دا بىر قانچە ئەپلىرىمۇ بار. بۇ شاكىچىك يېقىندا TEDxManhattanBeach تېخنىكا يىغىنىدا ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىڭلار بىلەن بىرگە بولالىغىنىڭلارغا ھېيت تېخىمۇ يارىشىپ، شاد-خۇراملىق خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكەي. ئۆزگە يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلەرگە ئاللاھتىن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر تىلەيمەن. سىلەرگە مەندىن چوڭقۇر سالام بولسۇن! ھېيتنى خۇشال-خۇراملىق، شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەيسىلەر. ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك!
قۇربان ھېيتلىق سوۋغىنى بۇ يازمىدىن كۆرگەيسىز.
پۈتۈن دۇنيادا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئالما تېلىفونى iPhone ئىنتايىن دەۋر سۈرۈپ كەتتى. بۇ تېلىفوننىڭ تەرەققىياتى، بازار تېپىشى، مودا بولىشى … ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ تېلىفوننى دەپ بەزىلەر بۆرىكىنىمۇ سېتىشتى. بەزىلەر يېڭى نۇسقىسىنى ساقلاش ئۈچۈن چىدىر تىكىپ ئايلار ساقلاشتى … ئىشقىلىپ، جوبس باشلىغان ئالما دەۋرى بىز ياشاۋاتقان دەۋرلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى …
ئاتا – ئانا ھەققىدە سۆز ئېيتىلغاندا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا قانداق بىر سىما پەيدا بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، ئاللاھ تائالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار