ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاسلىق بار. بۇلار 90-يىلىدىن كىيىن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپلا تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئاددىيلىقنى ھەممە نەرسىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. مەھسۇلات چۈشەندۈرىدىغان ئېلانلىرىغا قارىساقمۇ ئارقا مەنزىرىسىدە ئارتۇقچە مەزمۇننى كۆرمەيمىز. بۇ خىل خاسلىق كىشىگە پاكىزە، ئازادىلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى ئاساسلىق تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 چوڭ بلوگ» پائالىيىتى بۇ يىل سەل كېچىكىپرەك باشلاندى. پەقەت 20 كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، نامزات كۆرسىتىش، تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش كېرەك ئىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبى كۆرۈرمەنلىرى! نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان پاسىبان كۇلۇبى نامىدا ئۆزۈم يالغۇز يازما يوللاپ بىلگەنلىرىمدىن تەڭ بەھرلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دېگەندەك، مەن بىر كىشىنىڭ بىلىدىغىنىم چەكلىك بولغانلىقتىن، ھەممە بىلگۈچىلەرنىڭ بىلگىنىنى تەڭ بەھرلىنىشىگە قولاي بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇنبەر تەسىس قىلدۇق.
مۇخبىرلار مەيلى جەڭ مەيدانى بولسۇن، مەيلى ناچار شارائىت، مەيلى ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن جايلار بولسۇن، جاي ياكى ئورۇن تاللىماي كەسپىنى قىزغىن سۆيگەن ئاساستا بەلگىلىك قۇربانلىق بېرىدۇ. بۇ خىل روھ ئۇلارغا شۇ قەدەر مەدەت بېرىدۇكى، بەزى سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە بۇنى تارتقان فوتوگرافنىڭ قانداق بىر ھالدا تۇرغانلىقىنى بىلگىمىزمۇ كېلىدۇ.
ئالما دۇكىنىنىڭ نىيۇ-يورك مەركىزى ۋوگزالدىكى مەخسۇس سېتىش دۇككىنى – نۆۋەتتىكى ئەڭ ھەشەمەت، كاتتا قىلىپ سېلىنغان ئالما دۇككىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۇككاننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى جۈمە سەھەر سائەت 10 دا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارى بار. iPhone نىڭ ئۆزىنى قىممەت دەپ يۈرۈۋاتقىنىمىزدا مىليون دوللارنى پۇل ھېساپلىمايدىغان بايلارغا تېخىمۇ قىممەترەك، ئېغىزغا چىققۇدەك بىرەر باھاغا ئېگە تېلىفون بولمىسىمۇ بولمايدىكەن. ئەنگىلىيەلىك لايىھەلىگۈچى مۇشۇ بايلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت iPhone 4S نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ.
قۇلاقلىق (نائۇشنىك) MP3 فورماتىدىكى مۇزىكا ئاڭلاش مودا بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كەڭ قوللىنىلماقتا. قولىمىزدىكى iPod, iPhone قاتارلىق iOS ئۈسكۈنىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كىچىك باشلىق، قۇلاق ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىق ئىشلىتىمىز. بىز مۇزىكا ئاڭلىغۇچە قۇلاق ئىچىگە چىڭ سېلىۋالىدىغان بۇ نەرسىنىڭ قۇلىقىمىزغا بولغان تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاشتۇقمۇ؟
قىزلارنىڭ ئىچىدە يىلاندىن قورقمايدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ئەلۋەتتە، ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىمۇ بۇ مەخلۇقتىن قورقىدىغانلار ساماندەك بولسا كېرەك. مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. جۇغى چوڭ بولمىغىنى بىلەن سۈرى بەك ياماندەك بىلىنىدۇ. ئىشقىلىپ قارىساملا تېنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. ئوخشاش ھېسياتتىكىلەر كېلىڭلار!
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار