ھەممىمىزگە ئايان. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا رەڭ ئېلىمىنت پەرقى كىچىك ۋە روشەن كۆرۈنگەن سايە بولمايدۇ. كۈن نۇرى ئاستىدىكىدەك قاراڭغۇ يەرلىرى قاراڭغۇ، يورۇق جايلىرى زىيادە يورۇق بولىدىغان ئەھۋالمۇ بولمايدۇ. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا تارتقان سۈرەت كىشىگە كۈچلۈك رەڭ تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئاسمان پارچە-پارچە ئاق بۇلۇتلىرى بار كۆك ئاسمان بولماستىن كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدۇ. بۇ بەلكى كۆرگۈچىگە تازا ھوزۇر بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈرەتكە تارتقاندا كۈلرەڭ ئاسماننىڭ سۈرەتتىكى ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئۇنىڭغا جاينى كۆپ بېرىۋەتمەسلىك كېرەك.
بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئېلىمېنتنىڭ پۈتۈن بىر مەزمۇننى ئىپادە قىلغاندىكى جەريانىدا، بىر پۈتۈن گەۋدىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئېتىۋار بېرىشمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ. بۇ بىۋاستە رەسىمنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، سۈرەتنىڭ تىپىك زوق بېرىش دەرىجىسىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەممىنىڭ تەڭپۇڭ بولىشى، تولۇق بولىشى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن تۇرمۇشتىن بۇيان تەبىئىي ھاسىل بولغان پىسخىك ئالاھېدىلىكى. شۇڭا كىشىلەر بىر پارچە سۈرەتتىن زوقلانغان ۋاقىتتا بۇ خىل پىسخىكا تەبىئىي ھالدا باھاغا كىرىشىپ كېتىدۇ.
سۈرەتكە تارتىش بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇنداق ئاددىي ئۇقۇم بولماسلىقى كېرەك. كەسپىي فوتوگرافنىڭ ئۆزىگە يارىشا يېتىلدۈرگەن ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ئادەتلىرى بولىدۇ. ئۇلار مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن بولغانلىقتىن ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك فوتو سۈرەتچىلىك كەسپى تارىخىغا ئېگە بولغانلىقتىن بۇ ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. لېكىن بىزگە ئوخشاش بوۋاق دەۋرىدىكى ھەۋەسكارلار بۇ ئادەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
داۋامىنى ئوقۇش »
تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوخشاش تىرىشچانلىقنى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئاساسى دەپ بىلگەن. تەلەپچان تالانتلىق فوتوگراف ئادىل ئىسمائىل گۆھەر زىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىگرا شەھىرى – گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ 1963- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى شۇ شەھەردە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
فوتو سۈرەت كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئادىل ئىسمائىلنىڭ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى 1986-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن.
فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە بىز ناھايىتى كىيىن كىرگەن كەسىپ بولغاچقا ئاساسەن ھەممە ئاتالغۇلار بىزگە ناتونۇش، ياكى بىر ئاڭلاپلا چۈشۈنەلىگۈدەك ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
يەككە رېفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىدە مەنىسىنى بىلىپ بولمايدىغان ھەرخىل خەتلەر، سان-سىفىرلار بار. ئىقتىدارىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئاساسەن لېنزا ئۈسىتىدىمۇ نەچچە خىل كونۇپكىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ قايسى خىلدىكى لېنزا بىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە جاۋاپ لېنزىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئاشۇ سان-سىفىرلاردىنلا كېلىدۇ. مەن بۈگۈن بۇ توغرىسىدا بىر – ئىككى ئېغىز بىلجىرلاپ باقاي. داۋامىنى ئوقۇش »
سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) دېگەن تېمىمىزدا ئالدىنقى 3 تۈرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈنكىسى كۇلۇبىمىزدا ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىشىدىغىنىمىز ۋە كەسپىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن بولغان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات. بۇ ئەمدى قانداق گەپتۇ؟ ئىسمىغا قارىساق دەماللىققا بىرنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى. داۋامىنى ئوقۇش »
سىفىرلىق ئاپارات جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىمىزنىڭ كەمچىللىكى ئادەمدە تولىمۇ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ناھايىتى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئاپاراتنى قولغا ئالىمىز، قىسقا ئارىلىق ھالىتى ئوچۇقمۇ يوق، يورۇقلۇق يېتىشەمدۇ يوق ھېچنىمە بىلەن ھېساپلاشمايلا تاراسسىدا باسىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى «سۈرەتكە تارتىش». ئەمەلىيەتتە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلسىڭىز قولىڭىزدىكى ئاشۇ كىچىككىنە ئالقانچىلىك ئاپاراتتا نۇرغۇن بېلىملەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، سىزنىڭ پەقەت ئۇلارنى بايقىماي ياكى بايقاشنى خالىماي ئۆتكۈزىۋېتىپ بارغانلىقىڭىزنى بىلىپ يېتىسىز. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار