ھەممە ئادەم ئاڭلىسىكەن دەيدىغان ھېكايە
يى تىيەن
ئۆتكەندە خېنەندىكى سودىيەلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىلىم لېكسىيىسىدە بولغانىدىم. لېكسىيىدىن كېيىنكى كەچلىك تاماقتا تەبئىي ھالدا قانۇن مەسىللىرى ھەققىدىكى سۆھبەتلەر بولۇندى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەتقىقات ئىشخانسىدىن كەلگەن بىر يىگىت بىر ئەنزە مىسالىنى سۆزلەپ كېلىپ، مېنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىمنى ئۆتۈندى. ئەنزىدىكى دەۋاگەر تۇغۇتلۇق ئايال بولۇپ، تۇغۇتتىن بۇرۇن B تىپلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرتكەن ئىكەن، دوختۇر ھامىلە نورمال دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ. ئەمما تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن قارىسا بالا ئەيىپناق ئىكەن. (بالىنىڭ بىر پۇتىدا تۇغما غەيرىلىك بار ئىدى). شۇ ۋەجىدىن تۇغۇتلۇق ئايال دوختۇرخانا ئۈستىدىن روھىي تۆلەم بەرسۇن دەپ ئەرز سۇنۇپتۇ. دەۋاگەر: ناۋادا دوختۇرخانا ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بالىنىڭ ئەيىپناق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا بالىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى دوختۇرنىڭ بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئەيىپناق بالا تۇغۇلۇپ روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلاندۇق. شۇڭا دوختۇرخانا تۆلەم بېرىشى كېرەك، دەپ سەۋەپ كۆرسۈتۈپتۇ. دوختۇرخانا تەرەپ: B تىپلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرگەن دوختۇر دەرۋەقە بىپەرۋالىق قىلغان بىراق زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئىش يۈز بەرمىگەن.(ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى تەكشۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز) بۇ داۋالاش ھادىسىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىنىڭ روھىي تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتى يوق، دەپ قارشى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ ئەنزىدە مۇنازىرە قوزغىغىنى، دەۋاگەر بوۋاق بولامدۇ ياكى بوۋاقنىڭ ئانىسى بولامدۇ؟ بۇ داۋالاش ھادىسىسىگە كىرەمدۇ؟ تۆلەم بېرىش كېرەكمۇ يوق؟ بېرىلسە نەچچىلىك بېرىلىدۇ؟ دېگەندەك مەسىلە ئىدى. مەن تېخى جاۋاب بېرىشكە ئۈلگۈرمەيلا باشقىلار تۇش-تۇشتىن پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرلىشىپ كەتتى.
مەن ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغاچ، لام-جىم دېمەي ئولتۇردۇم. ئەمما كۆڭلۈمدە نېمە دېيىشىم ھەققىدە سان بار ئىدى. ئىلگىرى مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ھېكايىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا قايسىدۇر ژۇرنالدا كۆرگەن ئەشۇ تەسىرلىك ھېكايە توساتتىن ئېسىمگە كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى.
باشقىلارنىڭ پارىڭى تۈگىگەندىن كېيىن:
-كەچۈرگەيسىزلەر، سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ،-دېدىم.
ئۇلار ماڭا ھەيران بولغاندەك قارىشىپ جىم بولۇشتى. ئۆزۈمنى رۇسلىۋېلىپ ۋەزمىنلىك بىلەن ھېكايەمنى باشلىدىم:
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى كىچىك بازاردا بىر داڭلىق دوختۇرنىڭ قىيىن تۇغۇتنى بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كەپتۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەن يامان ئىكەن. دوختۇر ھامىلىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۋېتىپ جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ- بالىنىڭ ئىككىلا پۇتى يوق ئىكەن!دوختۇر ئويلاپتۇكى، بۇ مېيىپ بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشى بالا-قازادىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇشەققەتلىك ئازاب قىز بوۋاق بىلەن ئاتا-ئانىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. بۇ بالا-قازادىن ساقلانغىلى بولارمۇ؟ ئېيتايلۇق، بىرەر سەۋەب بىلەن ياردەمچى سىستىرانى باشقا ئىشقا بۇيرۇۋېتىپ بوۋاقنىڭ ئېغىز بۇرنىغا تۇيدۇرماي پاختا كەپلەپ قويۇلسا ھايال بولماي بالىنىڭ نەپىسى ئۈزۈلۈپ بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. قىيىن تۇغۇت تۇرسا، كىممۇ بالىنىڭ ئۆلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ بىراق مۇشۇنداق قىلغىلى بولارمۇ؟ جىددىي ئىدىيىۋى توقۇنۇش دوختۇرنىڭ نەپسىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، چىرايىنى تاتارتىۋېتىپتۇ. لېكىن نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن دوختۇر ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىپ، پۇتسىز بوۋاقنى ئامان-ئېسەن تۇغدۇرۇپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن دوختۇر ھېلىقى پۇتسىز بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۇچراتماپتۇ. بىراق دوختۇر شۇنىڭدىن كېيىنكى ئوننەچچە يىلدا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا توغرا قىلغان ياكى خاتا قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالماي ناھايىتى ئازابلىنىپ يۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى بازاردىكى مەكتەپتە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. دوختۇر تەكلىپ بويىچە مۇراسىمغا قاتنىشىپتۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلارنى ئورۇنداپتۇ. ئويۇن تۈگەي دېگەندە يېقىملىق، لەرزان چىلتار كۈيى ئىچىدە پەردە ئاستا ئېچىلىپتۇ. چىراقنىڭ ئىللىق نۇرى سەھنە ئوتتۇرىسىدا تۇرغان سۆيۈملۈك ۋە چىرايلىق بىر قىزنى يورۇتۇپتۇ. قىزچاق قاردەك ئاپئاق كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ ھەر قېتىم چىلتارنى يېنىك چەككەندە كۆزىدىن بەختىيارلىق نۇرى بالقىيدىكەن. پەرىشتە سىياقىدىكى بۇ قىز قولىغا ياندۇرۇلغان شامنى ئېلىپ چىلتار كۈيى ئىچىدە ئالدىغا چامدايدىكەن...دوختۇرنىڭ كۆزلىرى نەملىشىپتۇ.
مۇراسىم ئاياقلىشىپتۇ. دوختۇر چىملىقتا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ. بىر ئايال بىر قىزچاقنى يېتىلەپ دوختۇرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە دوختۇر قىزچاقنىڭ بايا سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىغان ھېلىقى قىز ئىكەنلىكىنى دەرھال ئېسىگە ئاپتۇ. ئايال قىزچاققا دوختۇرنى كۆرسۈتىپ:
- قىزىم، مانا مۇشۇ ئادەم بىز ساڭا دائىم گېپىنى قىلىدىغان قالتىس دوختۇر شۇ،-دەپتۇ.
دوختۇر شۇ چاغدىلا ئالدىدا تۇرغان ئايالنىڭ بۇندىن ئوننەچچە يىل بۇرۇن قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەن ئايال ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە تونۇۋاپتۇ. دوختۇر دەرھال قىزنىڭ پۇتىغا دىققەت قىپتۇ. ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان قىزچاقنىڭ ئاپىسى كۈلۈمسىرەپ:
-ئۇنىڭ پۇتى يالغان،-دەپتۇ، ئاندىن ھاياجانلانغان ھالدا،-بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سىزگە بولغان مىننەتدارلىقى چەكسىز، سىز بولمىغان بولسىڭىز، قىزىمىزدىن ئايرىلىپ قالارىدۇق. قىزىمىز دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن قانچىلىك خۇشاللىق ۋە بەختكە ئېرىشكىنىمىزنى بىلسىڭىز ئىدى كاشكى. مېنىڭ بۇ قىزىم رەھىملىك تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىسى دەپ ئويلايمەن،-دېدى يۇقىرى ئاۋازدا.
ھېكايەم تۈگىدى. كۆپچىلىك جىممىدە ئولتۇرۇپ قېلىشتى. بىر پەستىن كېيىن:
-مېنىڭچە بىز دوختۇرخانا تۆلەم تۆلەش كېرەكمۇ يوق دەپ تالىشىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ناھايىتى مۇھىم بىر ئادەمگە- مېيىپ بالىغا سەل قارىدۇق. ناۋادا بىز ئاشۇ مېيىپ بالىنىڭ ئورنىدا بولساق ياكى مېيىپ بالا ئۆزىمىز بولۇپ قالساق قانداق ئويلىشىمىز مۇمكىن؟ ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مۇھاكىمىمىز بالىنىڭ تۇغۇلماسلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلدى. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىنى كەچۈرگۈسىز خاتالىق، دوختۇرنىڭ بىپەرۋالىقى مۇشۇنداق بالا-قازانى تېرىغان دەپ قارىدۇق! ئەمما بىز نېمىگە ئاساسلىنىپ مۇشۇنداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ مۇبادا بۇ تالاش-تارتىش زاسىتاتىللار ئۆمىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىلسە، زاسىتاتىللار مېيىپلاردىن تەشكىللەنگەن بولسا ئانىنىڭ دوختۇرخانىنى ئەيىپلىشىگە قارىتا ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ گۇناھى بار دەپ ھۆكۈم قىلارمۇ؟ ناۋادا سىز يالغان پۇت سېلىپ يۈرىدىغان سوتچى بولسىڭىز دوختۇرخانىنى روھىي زىيان تۆلىمى تۆلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقىرامسىز؟ مەيلى نېمە بولسۇن، بىز يەنە ئويلىنىپ كۆرەيلى، ئاشۇ مېيىپ بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ مۇشۇ قانۇنىي ھۆكۈملىرىمىزگە، مۇھاكىمىلىرىمىزگە قارىتا قانداق ئويدا بولار!-دېدىم.
مەن ھاياجانلىنىپ قالدىم، بۇ تۇرقۇم قانۇن پروففېسورىغا زادىلا ئوخشىماي قالدى.
ئەتراپقا نەزەرىمنى ئاغدۇرسام كۆپچىلىك سۈكۈتكە چۆمۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.
ئەسقەر ياسىن تەييارلىغان