بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
تورداشلار ئەسەرلىرى | ئەدەبىي ئەسەرلەر | دۇنيادىكى ئىشلار | تەرمىلەر | كۆڭۈل سوۋغىسى | تەنتەربىيە | تارىخ | ساغلاملىق | تۇرمۇش | مەدەنىيەت | مائارىپ
ئورنىڭىز : تورداشلار ئەسەرلىرى >> كۆڭۈل سوۋغىسى >> تەرجىمىھال

تەرجىمىھال

يوللانغان ۋاقتى : 2010-02-26 10:48:37  يوللغۇچى : askaryasin  كۆرۈلۈش سانى : 1025    مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

ئەسقەر ياسىننىڭ تەرجىمھالى:

1969-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان. 1987-يىلى بۈگۈر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1992-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1996-يىلىدىن باشلاپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «كروران» ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ چىقىپ تا ھازىرغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. «قۇملۇق، چۈش ۋە رىئاللىق» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئىككى قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولدى. «پۇشايمان خاتىرىسى» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ «نەي چالغان ئادەم»، «چەكسىز كوچا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشرياتقا تاپشۇردى. ئۇ ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىي ئاخبارات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.




ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى