بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
تورداشلار ئەسەرلىرى | ئەدەبىي ئەسەرلەر | دۇنيادىكى ئىشلار | تەرمىلەر | كۆڭۈل سوۋغىسى | تەنتەربىيە | تارىخ | ساغلاملىق | تۇرمۇش | مەدەنىيەت | مائارىپ
ئورنىڭىز : تورداشلار ئەسەرلىرى >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >> مىھرا بۇلغاندى

مىھرا بۇلغاندى

يوللانغان ۋاقتى : 2010-02-25 12:24:57  يوللغۇچى : nazifa  كۆرۈلۈش سانى : 587    مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 

 

 

مىھراپ بۇلغاندى

 

بىزنىڭ مەھەللە تولىمۇ چوڭ مەھەللە بولۇپ ،مەھەللىمىزنىڭ  ئوتتۇرىنى مەركەز قىلغان ،مەسچىتنى چوڭ مەسچىت دەپ ئاتايتتۇق. بۇ مەسچىتتە ھېيت ئايەمدە ئادەم پاتماي تېشىغا چىقىپ كېتەتتى ، شۇنداق بۇلغاچقىمۇ بۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىتايىن ھۆرمەتلىنەتتى .

لېكىن نېمىشقىدۇ يىقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇ مەسجىتتە مېھراپ بۇلغاندى دېگەن مىش مىش پاراڭلار ئەۋجىگە  كۆتۈرۈلدى .

مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ئەتىگىنى مەسچىتكە كەلگۈچە بىر توقاي  دە تالاشلارمۇ بولۇپ قالاتتى. بەزىلىرى بىز ئىمامغا ئىقتىدا قىلمايمىز دىسە يەنە بىرلىرى ئۇنۇڭ ناشايان ئىشلىرنى كىم كۆرۈپتۇ دىيىشەتتى . بۇ دە تالاشلار تاكى ئىمام كىرىپ كەلگىچە داۋاملىشاتتى.

مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى تولۇمۇ ياش كېلىشكەن قاپقارا قوي كۆزلۈرى ئويناپ تۇردىغان بومبا ساقال قويغان ، ئوتتۇزلانىڭ قارىسىنى ئالغان ياش بالا ئىدى .

 بۇ بالا كىچىگىدىنلا دىنى تەربىيە ئالغان بولۇپ   كېيىن ئېچىلغان  ئىسلام ئونۋېرستىتىدا  كېيىن  بۇ مەسچىتنىڭ چوڭلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئىمام بولغان ئىدى ،بۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى خېلى ياخشى ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ناھىيىگە چاقىرىلغان  دىنى زاتلار يىغىنىغا بېرىش يولىدا ياش چاغلېرىدا ،شېرېن مۇھاببەت تۇيغۇلۇرىغا غەرىق بولۇپ مۇھاببەتلەشكەن قىز  ئۇچراپ قالدى .

  ئىمام بۈگۇن ئەتىگەندىلا چاچ ساقىلىنى چىرايلىق ياسىتىپ يولغا چىققان  ئىدى . ،ئاپپاق كۆينىكىنىڭ سىرتىغا كىيۋالغان قارا كاستۇم بۇرۇلكىسى ئۇنى تولىمۇ قامەتلىك  قىلۋەتكەن بولۇپ، كۆرگەن ئادەم ئېختىيارسىز ئۇنۇڭغا ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ قوياتتى .

ناھىيىگە بارىدىغان ئابتوبۇسنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇ ئالدىراپ ماشىنىغا چىقتى. ماشىنا كەينىدە بىرلا ئورۇن بولۇپ بۇ ئورۇننىڭ يېندىكى ئورۇندا چاچلىرى بۈدرە ئاق پىشماق، يۈزلىرىگە ياراشتۇرۇپ گىرىم قىلغان بىر قىز بار ئىدى ،

ئۇ شۇ ئورۇنغا  بېرىپ ئولتۇرۇپ  بولغاندىن كېيىن يېنىدىكى قىزغا پەرۋاسىز قاراپلا قويۇپ ماشىنىنىڭ قوزغۇلىشىنى كۈتتى. ماشىنا قوزغۇلۇپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن يېنىدىكى قىز  ئىمامنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ قالدى ئىمام ھاڭ _تاڭ بولغان ھالدا ئۇ قىزغا قارىدى ۋە :

_ سىز كىم بولسىز ئەجەپ تونۇمىدىمغۇ؟ - دىدى .

قىزچاق قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىدە :

_  توۋا مېنى ئۇنتۇپلا قاپسىزدە ؟ مېنى تونمىدىڭىز دەپ كۈلدى .

-سىزنىغۇ بىر يەدە كۆرگەندەك قىلىمەن بىراق ھىچ ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن ...

ئۇنۇڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنىمۇ كۈتمەيلا قىز ۋۇچۇرلاپلا كەتتى .

-مېنى مۇ ئۇنتۇپ قاپسىز، توۋا مەن سىزنى تېخى ئەسلەپ يۈرۈپتىمەن  مېنى راسلا تونۇمىدىڭىز،مەن مېھرى ئەمەسمۇ !

_ راس ھە توۋا بەك ئۆزگۈرۈپ كېتىپسىز جۇمۇ ؟

ئىمامنىڭ كۆزىدىن  ئوت  چاقناپ ، بەدىنىگە بىردىنلا ئىسسىق ئېقىم تاراپ ھاياجانلىنىپ كەتتى.

- ۋۇي سىز شۇ مىھرىما ؟ مۇنداق دەڭ مەن مىھرې دەڭ ؟

 ئۇ شۇ گەپلەرنى قايتا _قايتا تەكرارلىغاندىن كېيىن قىزدىن نەگە بارىدىغانلىقىنى، نىمىش قىلدىغانلىقىنى ،توي قىلغان قىلمىغانلىقىنى  كەينى _كەينىدىن ئۇلاپ سۇراپ كەتتى . قىز ئالى مەكتەپنى پۈتۈرۈپ بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلاۋاتقانلىقىنى ،لېكىن توي قىلمىغانلىقىنى دىگەندە ھاياجىنىنى باسالماي، ئۆزىمۇ بىلمەيلا ھە ياخشى ياخشى دەپ سالدى.

.................................

 

 

شۇنداق قىلىپ ئايىقى ئۇزۇلمىگەن قىززىق پاراڭلار بىلەن ناھيا بازىرغىمۇ يىتىپ كەلدى

ئىمام نىمىشكىدۇ يۇل بۇيى سەل قۇرنۇپ قالدى چۇنكى مىھرى ھە دىسلا  ئۇتكەن كۇنلە تۇغرىسىدا پاراڭ قىلاتتى

 ئۇلار ماشىنىنىڭ تۇختىشى بىلەن بىر بىرلەپ ماشىنىدىن چۇشۇشۇپ . بىرئاز مىڭىشتى .يۇل يىراق بۇغاشقىمۇ ياكى يۇلدا ماشىنى تۇلا تۇختىغاشقىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ ماشىنا چۇشكە تاقاپلا ،ناھيە بازىرغا يىتىپ كەلگەن ئىدى

ئىمام ساىتىگە قارۋەتكەندىن كىيىن ،چۇشمۇ بۇپ قاپتۇ تاماق يىمەيلىمۇ دىدى ئەمىليەتتىمۇ ئىمامنىڭ قۇرسىقى خىلىلا ئاشقان ئىدى

مىھرىمۇ خۇددى شۇ گەپنى كۇتۋاتقاندەكلا خوشاللىق بىلەن قۇشۇلدى .ئۇلار بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرشىپ تاماق يىيىشتى.  بۇگۇنكى بۇ تائام ئىمامنىڭ ئاغزىغا بىرتال تىتىمىدى ، چۇنكى مىھرىنىڭ گەپلىرى ئۇنۇڭ ئىشتەيىنى بۇغۇپ قۇيغان ئىدى.  شۇنداق قىلىپ تاماقمۇ يىيلىپ بۇلدى ئىمام ياراشقان بۇرۇتلىرنى بىر سىپىۋېتىپ دۇئاغا قۇل كۇتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كىيىن   مەن ئالدىرايتتىم دەپلا ماڭدى

ئۇ ھەتتا مىھرىدىن قاچان كىتىدىغىننىمۇ سۇرغۇسى كەممىدى  ،ئەدەپ يۇزىدىن بۇسىمۇ ئۇنۇڭ قەيدە تۇردىغىننى سۇراپ قۇيسا بۇلاتتى لىكىن ئۇنداق قىلماي ئالدىراش ماڭدى

 ئۇ ھۇكۇمەت ئىشىانىسىغا كىرىپ تىزىملىتىپ بۇغاندىن كىيىن . ھۇكۇمەت مىھمانىانىسىغا كىلىپ ھۇكۇمەت نىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن  بىر ياتاققا ئۇرۇنلاشتى  خىزمەتچى قىز ئۇنۇڭغا ئىشىكنى ئىچىپ بەرگەندىن كىيىن ياتاققا كىرىپلا كىرىسلۇغا ئۇزىنى چۇرۋەتتى  مۇشۇنداق تۇرغىننى قانچىلىك بۇلغىننى ئۇزىمۇ بىلمەيتتى  بىر چاغدا ئىشىك ئىچىلىپ قاپقارا ساقاللىق يىشى 50 لەدە بار بىرەيلەن كىرىپ كەلدىدە ئۇنۇڭ بۇ ھالتىگە خاتىمە بەدى

ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالاڭىز ئىمام

ـۋالايكۇم ئەسسالام

بۇگۇن قەدەملىرى ئاستىغو ،كىچىكىپ قاللىغو ؟

ـ ئازراق مالال بۇپ قالدىم ھە! ئۇلەچۇ قاچان كەللىكىن ؟

_ مەن كەلگىلى خىلى بۇلدى  ،تىزىملىنىپ بۇلاپ تاماققا چىقتۇق، تاماق يەپ بۇلاپ بازار ئايلاندۇق  .بازار ئايلانغاچ ناھيە بازىردىكى چۇڭ مەجىتكە بىرىپ  پىشىننى ئۇتەپ كەلدىم  دىدى ،پىشىننىڭ ئىتىنى ئاڭلاپ ئىمامنىڭ ئىسىگە  تىخى پىشىننى ئۇتۇمىگەن لىكى ئىسىگە چۇشۇپ بىلىپ بىلمەيلا

ـ ھە ۋۇي راس  ! مەن تىخى پىشىننى ئۇتۇمىدىم

دەپلا ئۇرنىدىن تۇردى

ـ ۋاي نىمىگە ئۇتۇمىدىلە

_ ئۇنتۇلۇپلا كىتىپتىمەن ئەمەسما؟

_ ۋۇي ئەسلىرنى ئاشخانىدىكى قىز ئەپ كەتكەنما؟

_ئا  ئا  ئاشخانا ؟ ھە ھە ئۇ باشلانغۇشتىكى ساۋاقدىشىم ئىدى

ـ  شۇندامۇ؟  قارسام تازىمۇ قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىپسىلە  ،مەنمۇ شۇنداق تۇنۇشى بۇسا كىرەك دەپ ئۇيلىدىم

دىدى ياداقدىشى

بۇ گەپلەنى ئاڭلاپ ئىمام قۇلاقلىرغىچە قىزرىپ كەتتىدە مەن تەرەت ئالاي دەپ ماڭدى  .ئۇ تەرەت ئىلىش جەرياندا پىكرى چىچىلىپ نەچچە رەت قايتىلاپ ئالدى ،نامازنىمو مەسجىتكە بامايلا ياتاقدىلا ئۇتىدى  بۇ يەرنىڭ مۇلازىمەتلىرى شۇنداق تۇلۇق بۇلۇپ ،ھەتتا جەينىمازلامۇ تەييار قىلىنغان ئىدى

 نامازنى ئۇتەپ بۇلۇپ كىرۇسلىغا ئۇزىنى چۇرۋەتتى ياداقدىشى ئۇ تەرەت ئالغىلى چىققاندا نەگىدو غايىپ بۇلغان ئىدى .  ئۇ توروسقا قارغىنچە   كۇزلىرنى مىدىرلاتماي قاراپ ياتاتتى، قۇلاق  تۇۋىدە بۇلسا مىھرىنىڭ  سىز مىنى مۇشۇنداق تىز ئۇنتۇپ كەتتىڭىزما د

گەن ئاۋازى جاراڭلايتتى

ھەي قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بۇلسۇن !

ئۇ ئۇز- ئۇزگە غۇدراپ قۇيدى كۇز ئالدىدا بۇسا بۇندىن 18 يىل بۇرۇنقى گۇدەك سەبى چاغلىرى ئەكىس ئەتتى   خىيالى  بۇلسا ئەشۇ يۇمۇرستىك قىزىقارلىق بالىلىق چاغلىرغا كەتكەن ئىدى

............................................................................

ئۇ بالىلىق چاغلىردا تۇلىمۇ كەپسىز ئىدى نىمىشقىدۇ تىنىپ تاپمايتتى .دائىم ئۇقۇتقۇچىلىرنى قاخشىتىپ ئارام بەرمەيتتى. مۇئەلىملەرنىڭ قاخشاشلىردىن  تۇيدىمۇ ئەيتاۋۇر ئاتا_ ئانىسى  ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرۋېلىپ مەھەلىدىكى  ئابدۇل قارىمغا  بەدى .  بۇ قارىم ناھايتىمۇ سالاپەتلىك ،تۇلىمۇ مىھرېبان  بىلىملىك كىشى ئىدى  بۇ ئادەمنىڭ بىلىمى چۇڭقۇر بۇغاشقىمۇ ئەيتاۋۇر مەلە _مەلىلەردىن كىلىپ مۇللامنى چاقىرىپ كىتەتتى. بۇنداق چاغلادا  مۇللامنى ئۇيىدىكى بىر تالىپ بالا بۇلارغا دەرس بىرەتتى  ،بۇ بالىنىڭ  بۇيلىرى ئىگىز  كۇزلىرې چۇڭ مۇلدۇرلەپ تۇردىغان ئىنچىكە بۇرۇت قۇيغان  17 -18 ياشلادىكى بالا ئىدى ،ئۇنۇڭ شۇنچە ياشلىقىغا قارماي ئايالىمۇ بار ئىدى  . تىخىمۇ قىززىق يىرى بۇ تالىپ بالا مۇللام يۇق چاغلادا دەرسنىڭ ئارقىدا قالغان قىزلاغا ئايرىم دەرس ئۇتەتتى ، ھەم ھىچكىمنىڭ ئۇ يەرگە كىرمەسلىكىنى كىرسە مۇللام كەگەندە ئەدبىنى بىردىغىننى دەيتتى  .ئىمامنىڭ خارەكتىرىدە  بۇنداق  دەرس ئۇتۇش بىر خىل قىزىقارلىق  تۇيلىپ ئۇنىڭ قانداق دەرس ئۇتۇدىغىننى كۇرگۇسى كىلەتتى . بىر كۇنى  قىزلارنىڭ ئىچىدىكى  18 ياشلادىكى بىر قىز بالىنى  ئەشۇ ئۇيگە ئەكىرىپ كەتكەن ئىدى .بۇگۇنمو مۇللام يۇق ئىدى  لىكىن ئاۋۇ تالىپنىڭ سادىق چاكىرى بۇگۇن كەمىگەشكە ئىمام شاپىلداپ توختىماي ئاخىرى تالىپنىڭ قانداق دەرس ئۇتۇدىغىننى كۇرۇپ باققىسى كەلدىدە تامدىن ئاتلاپ بۇ ئۇينىك ئارقىدىكى باققا قارايدىغان دىرزىسىگە   يۇگۇردى

ئاھاي نىمە ئىشلارھە ئۇ دىرىزىگە چاپلاشقانچە تۇرۇپلا قالدى

  ئىككى ئادامسىمان مايمۇنلار ئاجايىپ قىلىقلارنى قىلىشۋاتاتتى  ،قىزچاقنىڭ كۇزلىردىن تاراملاپ تۇكۇلگەن ياشلار .........................  بۇ مەنزىرنى كۇرۇو ئىمام نەچچە كۇنگىچە ئۇخلىيالمىدى  ھىلىقى تالىپنىڭ قىلىقلىرى كۇز ئالدىدا نامايەن بولوپ  ئۇنى كۇرسىلا  قۇلاقلىرى قىزرىپ خۇددى ئۇنى ئەيىپلاۋاتقاندەك باشلىرنى تۇۋەن قىلۋالاتتى

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشمۇ نەچچە تەكرارلاندى ئىماممۇ بۇ مەنزىرنى نەچچە تاماشا قىلدى. بىر كۇنلىرى قىزچاق تۇيۇقسىزلا   دەرس ئالغىلى كەمەس بۇلدى. مۇللام خىلى سۇرۇشتۇرسىمۇ تالىپ ئۇندۇمەي تۇرۋالدى

   شۇنداق قىلىپ ئىمامنىڭ نارسىدە قەلبىگە ئۇرناپ قالغان بۇ مەنزىرە ئۇنى بالدۇرلا يىتىلدۇردى

 ئۇ قىزلارغا سەپ سالىدىغان بۇلدى ئۇغۇرلۇقچە قىزلانى كۇزتەتتى  ،شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ باشلانغۇشتىكى ساۋاقدىشى مىھرىگە ئۇچرۇشۇپ قالدى.   بۇ ئۇچرۇشۇش ئۇنۇڭ ئۇي_ خىياللىرنى تەپەككۇركىرنى بىراقلا ئىچىۋەتكەن ئىدى . مىھرى شۇ كۇنى كۇزىگە تۇلىمۇ ئۇماق تۇلىمۇ چىرايلىق كۇرنۇپ كەتتى  .   شۇندىن باشلاپ ئۇ ھەر كۇنى، ئۇتتۇر مەكتەپ ئالدىدا  باللىرنىڭ قايتىشىنى كۇتۇدىغان بۇلدى  . مىھرىنىڭ چىقىشىنى كۇتۇپ ئۇنۇڭ چىقىشى بىلەن ئۇنۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇيگىچە ئاپىرۋېتەتتى،  ئۇ شۇنچېلىك گەپچى بۇپ كەتكەن ئىدىكې مىھرىنى ھەيران قالدۇراتتى

 بىر كۇنى ۇ مىھرىگە ئۇنى ياخشى كۇردىغىننى دىگەندە مىھرى ھەيران قالدى. ھەم ئىتتىكلا ئۇنداق گەپ قىلماڭ يامان بۇلدۇ سىز بىلەن مەن كىچىك تىخى 15 كە كەلدۇق مەن مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىمەن دىدى .

 جىنىم مىھرى ساڭا كۇيۇمەن كۇيۇپ كۇل بۇلدۇم ماقۇل دىگىن ئارلىشىپ قالايلى دىدى . لىكىن مىھرى ئۇنىمىدى ،شۇ كۇندىن باشلاپ مىھرىمۇ ئۇنۇڭدىن ئۇزىنى قاچۇرۇپ يۇردىغان بۇلدى    لىكىن ئۇ ھەر كۇنى كىلىپ بىزرىپ تۇرۇپ ئاخىرى مىھرىنى قايىل قىلدى شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇنجى مۇھاببىتى  باشلاندى

  ئۇ  ھەر كۇنى مەكتەپ ئالدىدا مىھرىنى كۇتىدىغان بۇلدى ،بىر كۇنى مىھرى بارلىق ئۇقۇغۇچىلار چىقىپ بۇلغان بۇسىمۇ چىقمىدى .بۇنۇڭدىن ئەجەپلىنىپ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ  مىھرىنىڭ سىنپىغا كىردى ئەتراپ جىمجىت بۇلۇپ ، بۇ يەردە خۇددى ھاياتلىق يۇقتەك تىمتاسلىققا چۇككەن ئىدى  ،ئىمام مىرىنىڭ سىنپىنىڭ دىرىزىسىدىن قارىۋېدى مىھرى يالغۇز سىنىپ سۇپۇرۋاتقان ئىكەن ،  ئۇ ھەي مىھرى دەپ چاقىرۋىدى مىھرى ئاپا ! دەپ ۋاقىرۋەتتى دە ئىمامنى كۇرۇپ بىششىڭ يەيدىغان دەپ تۇمشۇقلىرنى ئۇشلاپ قۇيدى  ، بۇياققا كىرە دىدى ئۇ ئىمامنى ،قارمامسەن بۇگۇن مەن بىلەن دۇجۇرنى بولغانلا مەكتەپكە كەمەپتۇ دەپ جاۋاپ بەردى  ئىمامنىڭ يالغۇز سۇپۇرۇپ قاپسەنغۇ دىگەن سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ  ،ئۇلار شۇ كۇنى سىنىپنى سۇرۇپ بۇلۇپ ئۇرۇندۇقلانى جايىغا قۇيدى ئاندىن ئۇرۇندۇققا كىلىپ پاراڭغا چۇشتى   ،شۇندا ئىمامنىڭ كۇز ئالدىغا ھىلىقى بىرجۇپ ئادەمسىمان مايمۇنلار كىلىپ نەپسى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى. ئۇزىنى تۇتۋېلىشنى ئۇيلىغان، بۇسىمۇ ئاخىرى كۇنتۇرۇل قىلامىدى. ئەسەبىلەرچە مىھرىنى سۇيدى ئەسەبەلەرچە ئۇنى ئۇزىگە بۇي سۇندۇرماق بۇلاتتى، مىھرى نىم ئىش بۇغوننى ئاڭقىرالماي يۇلقۇندى.  ئۇ شۇنداق قارشىلىق كۇرسەتكەنچە ئىمام شۇنچە ئەسەبىلىشىپ كەتتى............... 

.................................... تىرىققىدە قىلىپ ئىچىلغان ئىشىك ئىمامنىڭ خىيالىنى ئۇزۇپ قۇيدى

باياقى ياتاقدىشى قۇلىدا مىۋە چىۋىلەر نى كۇترۇپ كىرگەن ئىدى ئۇلار ئۇنۇڭدىن ئىغىز تەككەچ ئۇياق بۇياقتىن پاراڭ قىلشىپ ، دىگەر ۋاختى بۇلغىننىمۇ تۇيۇشمىدى

شۇندا بىرەيلەن  ئىشىكنى چىكىپ مەسجېتكە بارمايمىزمۇ دىۋىدى ئاندىن ئۇرۇنلىردىن تۇرشۇپ يەنە تاھارەت ئىلىشتى . ئۇلار تاھارەت ئىلىپ بۇلۇپ  مەسجتكە ماڭدى مەسجىتتە ئاداممۇ ئانچە كۇپ ئەمەس ئىدى .

نامازنى ئۇتەپ بولوپ  ھۇكۇمەت مىھمانخانا تاماقخانىسىغا كىرىپ بىر جۇزىدا ئۇلتۇرۇپ تاماقنىڭ چىقىشىنى كۇتۇپ ئۇلتۇرۇشتى .شۇ چاغدا مىھرى  كىرىپ كەلدى ئەسلى ئۇمۇ مۇشۇ مىھمانىانىغا چۇشكەن بۇلۇپ ،يىنىدا ھاكىمنىڭ كاتىۋى بىرگە ئىدى . قارغاندا ئۇمو يىغىنغا كەلگەندەك قىلاتتى .

تاماق يىيلىپ دۇئالار ئۇقۇشۇپ ئۇرۇنلىردىن تۇرۇشۇپ ياتاققا ماڭغاندا مىھرى تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى

ئىمام !

ۋۇي سىزمىدىڭىز!

شۇندا  مەنمۇ يىغىنغا كەلگەن

ھە !

 بىردەم پاراڭلىشايلىمۇ؟

مەيلى شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاماقخانا ئالدىدىكى چىرايلىق گۇللۇكتىن ئەگىپ ئۇتۇپ  سايۋەن قىلىپ ياسالغان چىرايلىق راۋاققا كىلىپ ئۇلتۇرۇشتى

مىھرى بارلىق كەشمىشلىرنى بايان قىلىپ يىغلىدى ئىمام تەقەت قىلىپ ئاڭلىدى شۇندا قىلىپ بىردەمدىلا كەچ بۇلۇپ قاراڭغۇ چۇشتى ئىماممۇ  شام نامىزىنى ئۇنتۇپ قاغاندەكمۇ قىلاتتى بىر چاغدا مىھرىمۇ تۇختاپ بۇش ئىسەدىگەندە   ئىمام ئۇنۇڭ قۇللۇرنى ئىختىيارسىز تۇتۇپتۇرۇپ :

كەچۇر مىھرى ھەممىسى مىنىڭ سەۋەنلىكىم_ دىدى

سەۋەنلىكىم دىسەڭلا تۇگەمدۇ ؟

 ئەمسە قانداق  قىلىمەن ؟ مەن ئاللىقاچان ئۇيلەندىم باللىرىممۇ با ر ،سەنمۇ تۇي قىلۋال بۇنداق يۇرىۋەرمەي چۇقۇم بەختىڭنى تاپىسەن 

ياق مەن قانداق تۇي قىلىمەن يىشىممۇ 30 دىن ئاشتى  ئەمدى كىممۇ ئالىدۇ .مەن سىنى ساقلاپ يۇرۇپتىمەن سەن ئۇيلىنىپ بۇپسەن. تىۋىشنى چىقىرىپ قۇيساڭ بۇماسمىدى  .مىنى ئارتۇقچە ساقلاتقۇزغۇچە ،سەن بەك ۋىزدانسىز ئىكەنسەن سەن ماڭا بەك ئەلەم قىلدىڭ _ دەپ مىشىلداپ يەنە يىغلىۋىدى، ئىمام  شۇندا بىئارام بۇلدى  قەلبى ئازاپلىنىپ ھەسرەتكە تۇلۇپ كەتتى. ئىغىر بىر خۇرسىنىپ كەچۇر دىيەلىدى . ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ مۇھابىتى خەلقى ئالەمگە پۇرمۇ كەتكەن ئىدى.مىھرىنى مەكتەپنىڭ تىخى ھايدىماقچىمۇ بۇلغان ئىدى .بىراق ئۇنۇڭ ئۇگنۇشتىكى ئالاھىدە  نەتىنجىسىنى دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى . شۇ يىللىرى ئىمامنىڭ دادىسى ئۇنى يىڭىدىن ئىچىلغان ئىسلام داشۇگە ئەۋەتتى .ئۇ ئۇ يەردە ھەقىقى تۇردە ئىلىم ئالدى .ئىسلاميەتنىڭ تەكتىنى چۇشەندى  ئەل ھايا ئەل ئىماننى چۇشەندى ،شۇنۇڭ بىلەن ئۇنۇڭ ئۇ كەپسىزلىكى تۇگۇدى  ئۇ ئۇقۇشىنى پۇترۇپ كەلگەندە مىھرى تۇلۇق ئۇرتىنى پۇتۇرۇپ ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا ماڭدى.  ئۇ ئۇقۇشنى پۇتۇرۇپ كەلگۆچە ئىمامنىڭ ئاتا ئانىسى بىر لايىقنى تۇنۇشتۇرۇپ ئمامنى تۇي قىلىشقا زۇرلىدى ،مەسجتكە ئىمام بۇلۇش ئۇچۇن ئۇيلىنىشكە تۇغرا كەلدى. دەپ بانالارنى كۇرسىتىپ ئۇنى ئۇيلەپ قۇيۇشتى . مىھرى تەتىلدە كەلگەندە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ،نەچچە كۇن ئاغرىپ يىتىپ كەتتى نىم ئامال بۇلاردىن ئىمامنىڭمۇ خەۋرى بار ئىدى .شۇ كۇنى ئۇلار ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشتى .ئىمام ياتاققا قايتىپ كىلىپ بەك ئۇزۇن ئۇيلىدى مىھرىنىڭ يىنىپ كەتكەن تۇي ئىشىنىڭ سەۋەبى تۇپەيلى دادىسىنىڭ مىڭىسىگە قان چۇشۇپ ئۇلۇپ كەتتى. مىھرى ھازىر تىكەندەك يالغۇز ئىدى نىم ئامال ،ئىمام نىمە قىلىپ بىرەلىسۇن ،شۇندا قىلىپ ئۇلار بۇ يەتتە كۇنلۇك يىغىندا بىرگە يۇرۇپ  مۇڭلىرنىمۇ دىيشىۋالدى .مىھرى كىتىدىغان كۇنى ئۇزىنىڭ ئەمدى تۇي قىلمايدىغانلىقىنى  ئىيتىپ ئىنىق قىلىپ مىنى نىكالىتىپ ئىلىڭ دىدى .بۇنى ئىماممۇ ئۇيلىغان بۇسىمۇ ئىغىزىدىن چىقىرامىغان ئىدى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ مەلىگە بارغاندا بۇ ھەقتە قايتا ئۇيلىنىپ باقامىز ئالدىرمايلى دىدى .لىكىن كۇنا ئۇتلار قايتا تۇتۇشۇپ ،يۇركىدە گۇلخان بۇلۇپ ئۇنى بىتاقەت قىلغان ئىدى. ئۇلار يىغىننى تۇگۇتۇپ كەچ قايتتى . قايتىپ باغىچە قاراڭغۇ ئۇبدانلا چۇشكەن ئىدى .مىھرى بۇ كىچىدە قۇقىدىغىننى ئىيتىۋىدى،  ئىمام ئۇنى ئۇيگە ئەكىرىپ قۇيماقچى بۇلدى ئۇيگە كىرىپ تۇكنى ياندۇرماقچى بۇلۋىدى مىھرى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. نەچچە كۇندىن بىرى يىنىپ ئۇچۇپ ئۇنى قىيناپ تۇرغان ئۇتلار بىراقلا پارتلاپ  ئىمام مىھرىنى قاتتىق قۇچاغلىدى دە لەۋلىرىگە قانماي سۇيدى ..........................

  شۇ كۇنى ئىمام مىھرىنىڭ ئۇيدىن بامدات ۋاختى بىلەن كەتتى. ئۇ قايتىپ بىرىپ ئايالىغا سەھەر گۇڭشى كادىرلىرى مشىنىسى بىلەن قايتىپ كەلگىننى دەپ تۇنجى قىتىم  يالغان سۇزلىدى . ئۇ ئۇيان ئۇيلاپ بۇيان ئۇيلاپ ئاشۇ بىر كۇننى قاندا ق ئۇتكۇزگۇننىمۇ بىلمەيلا قالدى  خۇددى پۇتى كۇيگەن توخۇدەك ھەممە يەرگە تىپىرلايتتى ،ئاخىرى مۇللامنىڭ قۇلىدا ئۇقىغان ھىلىقى تالىپ ئىسىگە كەلدىدە ئۇنى  ئىزدەپ ماڭدى . ئۇ تالىپ خىلى بۇرۇنلا بۇ مەلىدىن خۇشنا مەلىگە كۇچۇپ كەتكەن ئىدى  . ئەتىسى بۇ  تالىپ بالا ئىككىسى كەچ كىرشى بىلەن مىھرىنىڭ ئۇيگە ئۇغۇر مۇشۇكتەك مارشىپ كىرشىپ كەتتى. تالىپ بالا ئۇنۇڭغا نىكا ئۇقۇپ قۇيدى ،شۇندا قىلىپ يۇرتنىڭ ئاتىسى بۇلغان ئىمام ،قانۇنسىز بىر خۇتۇنلۇق بۇلدى .دەسلەپكى يىللىرى بۇنى ھىچكىم سەزمىدى ،لىكىن ئاياللار بەك سەزگۇر كەلدىمۇ ئاخىرى بۇ ھەقتە مىش مىش پاراڭلار تارقىلىپ  قالدى .

.......................................................................................................

 باياتىن دىيلىۋاتقان پاراڭلار دەل شۇ ئىشلار ئىدى ،ئىمام كىرىپ مىھراپ ئالدىغا كىلىپ .بامدات نامىزغا  تۇرغاندا ياش بىر بالا

 بىز سىزگە ئىقتىدا قىلساق بۇلامدا دەپ سۇردى بۇ سۇئال ئىمامنى تەمتىرتىپ قۇيدى بۇ دەل ئاخشام مىھرىنىڭ ئۇيگە كىرىپ كىتۋاتقاندا  ئۇزىنى كۇرۇپ قالغان بالا ئىدى .شۇنچە ئادام نەچچە كۇرگەن بۇلسىمۇ ھىچكىم بۇ ھەقتە ئىمامدىن بۇنداق سۇراپ باقمىغان ئىدى 

 بىرىڭلار ئۇقۇتقوچى بىرىڭلار يورت ئاتىسى تۇرۇپ سىزلەر قانۇننى كۇزگە ئىلمىساڭلار باللارغا ئاشۇنداق تەربىيە بىرەمسىلەر ؟  سىز دەڭە ئىمام يۇرت ئاتىسىنىڭ ئەخلاقى ئۇ بۇسا يۇرت نىم بۇلدۇ ؟

 ئىمام دۇدۇقلاپ قالدى . شۇندا بىرەيلەن بىز تىخى بۇ ئىشنىڭ راس يالغىننى بىلمەيمىز قىنى دەڭە ئىمام بۇ بالىنىڭ دىگىنى راسمۇ ؟

 راس !_ بۇش ئاۋازدا جاۋاپ بەردى ئىمام

بۇنۇڭدىن  ئايالىڭىزنىڭ خەۋرى بامۇ  ؟ ئۇنۇڭ رازلىقىنى ئالغانمۇ ؟

ياق خەۋرى يۇق ! خەۋرى بۇلسا قۇشۇلمايتتى شۇڭا ...

 ھەي ئىمام نىم دەيدىغانسىز   پۇتۇن يۆرتنى ئالداپ يۇرۇپسىزدە  ھەييييييي مىھراپنى بۇلغاپسىز !

 شۇ كۇنى چۇشكە يىقىنلا

گۇڭشى رەھپەرلىكى چىقىپ ئىمامنى  مەلە ئىماملىقىدىن قالدۇردى مىھرىنى چاقىرتىپ تەنقىت تەربىيە بەردىدە ئىش بىسىقتى

 

 




ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى