ئانىنىڭ قەبرىسى
جىن خې(كورىيە)
پاختەكتەك،تورغايدەك قار يېغىۋاتقان بىر قىش كۈنى ھەم ئېگىز ھەم خەتەرلىك بىر چىغىر يولدا ئىككى ئادەم كېلىۋاتاتتى . يېشى چوڭراقى ئامرىكىلىق ، يېشى كېچىكرەكى كوريىلىك ئىدى .
قەبرە ئۈستىگە قىلىن قار چۈشكەن بولۇپ ،قەبرە تىشى قارىماققا ئىنتايىن ئاددى كۆرۈنەتتى .يېشى چوڭ ئامرىكىلىق ھېلىقى كورىيىلىك ياش بالىغا قارپ:<< مانا بۇ ئاناڭنىڭ قەبرىسى ، تازىم قىل >> دېدى . ياش بالا دەرھال قەبرىگە يۈكۈندى .
بۇ ھىكايە ۋەقەلىكى 1952-يىلى يۈز بەرگەنىدى . چاۋشىيەندىكى ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ،<< بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسى >> بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنى ياردەمگە ئەۋەتكەن بولۇپ، ۋىلسون ئاشۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئەينى چاغدىكى ئەڭ دەھشەتلىك بىر قېتىملىق ئۇرۇش دەل مۇشۇ يەردە بولغانىدى.
خەلق ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۇك ھۇجۇمى ئاستىدا ،<< ب د ت ئارمىيىسى >> ئارقا_ ئارقىدىن چىكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ،چىكىنىش داۋامىدا ۋېلسون چوڭ قىسىمدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ بىر بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. يىغا ئاۋازى بىر غارنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىندۇ. ۋېلسون غار ئاغزىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تۈرتۈپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ:
بىر بوۋاق ئانىسىنىڭ باغرىدا تۇرۇپ، قىرقىراپ يىغلاۋاتاتتى . ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى،ئانا قىپيالىڭاچ ئىدى . ئەسلىدە بۇ ئانا بالىسىنى يۈدۈپ پاناھلىنىۋاتقان چاغدا ، مۇشۇ جىلغىغا قامىلىپ قالغان . ھاۋا بۇزۇلۇپ قېلىن قار يېغىپ كەتكەن .ئانا بالسىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇچىسىدىكى ھەممە كىيىملىرىنى سىلىپ بالىسىنى يۆگىگەن .ئاندىن كىيىن ، بالىسىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋالغان . گەرچە قىپيالىڭاچ ئانا توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن، ئۇنىڭ باغرىدىكى بوۋاق ھايات قالغان .
ۋېلسون بۇ تاساددىپىي مەنزىرنى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىرلىندۇ. ئۇ دالا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلدىغان قوراللار ئارقىلىق توڭلاپ كەتكەن قارلىق زېمىندا بىر ئازگال كولاپ ، ئۇ ئانىنى دەپنە قىلىدۇ.ئاندىن كېيىن ھەدەپ يىغلاۋاتقان بوۋاقنى ئېلىپ ، چوڭ قىسىمغا يېتىشىۋىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. ئۇرۇش ئاخرلاشقاندىن كېيىن ، ئۇ بۇ بالىنى بېقىۋالىدۇ ھەمدەئامېرىكىغا ئېلىپ كىتىپ چوڭ قىلىدۇ. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ، ۋېلسون ئەينى يىللاردا يۈز بەرگەن بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئېلىپ شۇ جىلغىغا بىرىپ ،ئانىنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
قەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ياش بالىنىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك توختىماي تۆكۈلەتتى .
بىردەمدىن كىيىن ياش بالا ئورنىدىن تۇرۇپ ، قەبرە ئۈستىدىكى قارلارنى سۈپۈرگىلى تۇردى . ئۇ ، ئەتراپتىكى يىغىلغان قارلارنى چىلىق-چىلىق تەرلىگىچە توختىماي تازىلاپ ، ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى بىر-بىرلەپ سېلىۋىتىپ ،قەبرە ئۈستىگە ياپتى .ئاندىن كېيىن قەبرە ئۈستىگە يىقىلىپ ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى :<< ئانا ،شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى سىز قانچە توڭۇپ كەتكەنسىز _ ھە !؟ >>.
(دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىكلەرنىڭ سەزگەنلىرى )دىن