دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا نىمە ئۈچۈن 28پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلغان؟
مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر«ئەدەبى تەرجىمىلەر»ژورنىلنىڭ 1995-يىللىق7- سانىدىن ئېلىنغان .ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم تەرجىمىسىدىكى تەرجمە بۇلۇپ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا يوللاپ قويدۇم ،مۇۋاپىق دەپ قارالسا تەستىقلاپ قۇيارسىلەر
دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا نىمە ئۈچۈن 28پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلغان؟
ماۋزېدوڭ قالدۇرۇپ كەتكەن سىر
1949-يىلى ئۆكتەبىر،جۇڭگۇ ئۈچۈن خاسىيەتلىك بىر كۈن ،ماۋزېدوڭ ئۈچۈنمۇپەۋقۇلاددە دەقىقىلەر ئىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچتە ماۋزېدوڭ تىيەنئەنمىن راۋىقىدا پۈتۈن دۇنياغا:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى،دەپ جاكارلىدى. ماۋزېدوڭنىڭ سۆزى ئەمدى ئاخىرلىشىشىغا خۇددى ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈندەش بەلگۈسى قۇيۇلغاندەك ھۆرمەت توپلىرى ئاسماننى لەرزىگە سېلىپ ئېتىلىشقا باشلىدى....بىر،ئىككى،ئۈچ............شۇ مەيداندىكى 300مىڭ كىشى ،پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلىۋاتقان كىشىلەر ئۈنسىز ساناشماقتا ئىدى.ئۇلار ھۆرمەت توپىنىڭ 28 قېتىم ئېتىلغانلىقىنى سەزگىنىدە،بۇ توپ ئاۋازى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا يۇقان بىر سۇئال بەلگىسىنى قۇيۇپ قويغاندەك ھىس قىلىشىپ قالدى؛مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە ماۋزېدوڭ ھۆرمەت توپىنى نىمە ئۈچۈن 28قېتىم ئاتقۇزغاندۇ،بۇ 28نىڭ تېگىگە زادى قانداق بىر مەنا يۇشۇرۇنغان؟
بۇ ھەقتە ئامىرىكىلىقلار ئەڭ ئاۋال ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى:جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى ھايات – ماماتلىق كۈرەشلەر ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى گومىنداڭ پارتىيەسىنى قۇرال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەن ئارىلىغا قوغلاپ چىقاردى،غايەت زور غەلبە،جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىگەقارىتا ماۋزېدوڭدا تېخىمۇ قىزغىن ھىسيات پەيدا قىلدى.ئۇجوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنى ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىلدە«ئىشلىرىمىزغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ» قىلىپ،جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇغلۇقىغا رەھبەرلىك قىلىشنى قارار قىلدى ،شۇڭاماۋزېدوڭ جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامىنى توپ ئوقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئاسمىنىغا چىقاردى.چۈنكى خەنزۇچىدىكى«共 »خېتى دەل « 甘»بىلەن «八»نىڭ يەنى 28نىڭ قۇشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن.
ئۆز ۋاقىتىدىكى سابىق سۇۋېت ئىتتىپاقى كىشىلىرى بۇنىڭغا دەرھال رەدىيە بەردى: بۇ جاھانگىرلارنىڭ بىمەنە جۆيلىشىدۇر.ئۇلار سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ،جۇڭگۇ تارىخىدا ئۆتكەن خەن پادىشاھى گۇاڭۋۇدى دۆلەتنى تىنجىتقاندا 28 تۆھپىكار بار ئىدى،ئۇلار ئالامگە تۇنۇلغان 28 گىنراللاردۇر، جۇڭگۇ28 يۇلتۇز تەلىماتى بار.ماۋزېدوڭنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ داھى بۇلىشىدىمۇ 28 ئادەم تۆھپە قوشقان .ئۇلار 1949-يىلى 21- سىنتەبىر ئېچىلغان جوڭگوخەلق سىياسى كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئۇمىمى يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېىن رەئىسلىرى جۇدې ،لىيۇ شاۋچى ،سوڭ چىڭلىڭ،لى جىشىن،جاڭ لەن،گاۋگاڭ، گېنرالنىڭ تۆھپىسى بار. 1949-يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان مەركىزى ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان : باش كاتىپ لىن بوچۈي ،مەمۇرى ئىشلار كېڭىشىنىڭ زوڭلىسى جوئېنلەي، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شېن جىنرۇ ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۇروڭخەن قاتارلىق ئون كىشى،ئۇنىڭدىن باشقا ماۋزېدوڭ بۇرۇنلا كۆڭلىگە پۈكۈپ قۇيۇپ كىيىن ئۇنۋان بىرىلگەن ئون چوڭ مارشال ۋە ئون چوڭ گېنراللاردۇر. مۇبادا مارشال جۇدې بىلەن لۇروڭخەننى ئىككى قېتىم ھىاپلىمىغاندا ئۇلار 18 كىشى بۇلىدۇ ،ئونغا18نى قوشاق دەل 28 بۇلىدۇ.
شەك شىبھىسىزكى بۇ 28 كىشى ماۋزېدوڭ بايرىقىنى ئىگىز كۈتۈرگەن مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان جوڭگۇلۇقلارنىڭ ۋەكىلىدۇر.28 قېتىم ئېتىلغان بۇ ھۆرمەت توپى ، ماۋزېدوڭنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ سىمىۋولىدۇر.دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ماۋزېدوڭ قىزىل بايراقنى ئۆزقۇلى بىلەن چىقارغان .ھەربى ئوركىسىت ئۇرۇندىغان مۇزىكا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى «شەرق قىزاردى»بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشمىغان.
نەتىجىدە سۇۋېتلىكلەرنىڭ كۆز قارىشى خەلقارادائەمدى ئېلان قىلىنىشىغا،ئەنگىلىيىلىكلەر ئولتۇرالماي قالدى ،نەدىمۇئۇنداق گەپ بولسۇن ، سۇۋېت ئىتتىپاقىدىكى بۇ كومىنىزىمچىلار سىياسىنىلا بىلىدۇ،ئۇلار شەخىسنىڭ ئۆزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتكەن،كىشىنىڭ ھىسياتى دىگەننىغۇ ئەسلا بىلمەيدۇ،ماۋزېدوڭ شەخسى ئەركىنلىك ،خاسلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەم ،ئۇ ئۆزھىسياتىغا ھۆرمەت قىلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە مۇھەببەتمۇ بار.
ماۋزېدوڭنىڭ ئايالى ياڭ كەيخۇي قۇربان بۇلۇشتىن ئىلگىرىلا مەردانىلارچە:ماۋزېدوڭنىڭ ئىنقىلابىنىڭ بۇرۇنراق غەلبە قىلىشى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ،دىگەنىدى.ھازىر ماۋزېدوڭنىڭ ئىنقىلابى راستتىنلا غەلبە قىلدى.لېكىن ئۇنىڭ ئايالى بۇ غەلبە خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بۇلالمىدى.بۇلار ئۇنىڭ ياڭ كەيخۇيغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى قوزغاتتى.28 دەل ئەنە شۇ ھىسياتنىڭ يالدامىسىدۇر.
1917-يىلى ماۋزېدوڭ ياڭ كەيخۇي بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە، ياڭ كەيخۇي جوڭگولۇقلار تىلىدىكى ئىككى سەككىزگە تولغان 16ياشلىق قىز ئىدى.ئۇلار 1921-يىلى توي قىلغاندا ماۋزېدوڭ 28 ياشتا ئىدى.1929-يىلى ياڭ كەيخۇي قۇربان بولغاندا 28 ياشتا ئىدى.ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا ھازىر 28يىل بولدى .مەخپى رەقەمگە ئوخشايدىغان بۇ 28 دىگەن بۇ سان ماۋزېدوڭنىڭ مۇشۇنداق شانلىق تەنتەنىلىك چاغلاردىمۇ ئۆز ھىسياتىنى ئىپىدىلەشنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.بۇنىڭدىن ماۋزېدوڭنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى،ئېغىر بېسىقلىقى ھەم تۇلۇپ تاشقان جاسارىتىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.
ئەنگىلىيىكلەرنىڭ كۆز قارىشى ياپونىيەلىكەرنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ بېرىپ نۇرغۇن جوڭگوشۇناسلارنىڭ بىردەك رەدىيە بىرىشىگە ئۇچرىدى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرمەيدان ئوبزور يېزىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. ياپونىيەلىكەرنىڭ ئاساسى كۆز قارىشى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئەنگىلىيىكلەر ھە دىسىلا ،ھىسيات ،مۇھەببەت،ئاياللاردىيىشنىلا بىلىدۇ،ئۇلارنىڭ شەرىقلىقلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىردىن خەۋرى يوق .ماۋزېدوڭنىڭ جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مىدىنىيىتىنى ياراتقان بۈيۈك ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلا بىلمەيدۇ،بەلكى،جوڭخۇا زېمىنىنى،جوڭگو زېمىنىنى پالچىلىقتىكى سەككىز خىل ھالەت بىلەن كۈزەتكەندە زىمىننىڭ غەربى شىمالى زەپەر يۇلى،شەرقى شىمالىدا ھاياتلىق يولى جايلاشقان،بۇ پالچىلىقتىكى بىردىن بىرئىككى خەيرىلىك يولدۇر.
ماۋزېدوڭ چوڭ ھەقىقەتلەرنىڭ مەنبىئى بولغان «پالنامە»نى ناھايتى پىششىق تەتقىق قىلغان ،ياپونىيە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ماۋزېدوڭ يەنئەن زەپەر يولىنى ئىگەللەپ ،يەنە لىنبىياۋغا شەرقى شىمال ئۇرۇش مەيدانلىرىنى ئېچىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھاياتلىق يولىنى ئىگىلىدى،ئىككى خەيرىلىك يول ماۋزېدوڭنىڭ قۇلىدا بولغاچقا جاڭ جېشىنىڭ مەغلۇپ بۇلماسلىقى مۈمكىن ئەمەس ئىدى،بېيجىڭ ئاساسيىشلىق يولىغا جايلاشقان، ئاساسيىشلىق ئۇرۇشنىڭ توختىشى،پۇخرالارنىڭ تېچلىنىپ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدۇر،شۇڭا بېيجىڭ تېنىچلىق بىلەن ئازات بولدى، ماۋزېدوڭنىڭ بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ تاللىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن بولغان.
ماۋزېدوڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئىككى خەيرلىك يول بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان،ئۇ ئەڭ ئاۋال بېيجىڭ بىلەن شەرقى شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈمۈر يولنى رېمىنىت قىلدۇرۇپ ئوڭلاتتى،ئارقىدىنلا بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئۇزۇن تۈمۈر يولنىمۇ ياساتتى.شۇ چاغلاردا بۇ بۇ تۈمۈر يولنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ لېكىن ماۋزېدوڭ ئاشۇنداق بىرىنجىدىن ئاق،ئىككىنجىدىن كەمبەغەل قىيىنچىلىق يىللىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئۇلۇق قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى.بۇنىڭدىن ماۋزېدوڭنىڭ «پالنامە»نىڭ جەۋھەرلىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.شۇڭا ماۋزېدوڭنىڭ 28 قېتىم ھۆرمەت توپىنىڭ سانىدىكى 28تەبئى سان بولماستىن ئىككى سەككىز مەنىسىگە ساندۇر.ئىككى- مۇسبەت ۋە مەنپى ئىككى تەرەپ ،سەككىز –رەمچىلىكتىكى سەككىز بەلگىدۇر. مانا بۇ جوڭگو ئەن.ەنىۋى مەدىنىيىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر.
ئەمىلىيەتتە ماۋزېدوڭ بۇرۇنلا «ئىككى سەككىز»نى قەدىرلەيتتى.1937-يىلى ماۋزېدوڭ يەنئەندىكى ياپونغا قارشى ھەربى سىياسى ئۇنۋېرىستېتتا سۆزلىگەن سەمىمىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان 25 مىڭ خەتلىك ماقالىسدە پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىغا شۇنداق دىگەن ئىدى:«زىدىيەت بارلىق شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىدۇ».بۇنىڭدىكى «زىدىيەت »دەل مۇسبەت ۋە مەنپىلىكنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدۇر. ماۋزېدوڭ مۇسبەت ۋە مەنپىلىك ھەر زامان ،ھەرقانداق چاغدا مەۋجۇد دەپ قارايتتى،ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندابۇ«زىيدىيەتنىڭ ئۇمىلىقى»دۇر.مۇبادا بىز ئۇنىڭ «زىدىيەت توغرىسىدا»ناملىق كىلاسسىك ئەسىرىنىڭ نامىنى « مۇسپىلىك ۋە مەنپىلىك نەزىرىيىسى »دەپ تەرجىمە قىلساق دەل جايىدا بولغان بۇلىدۇ.بۇنىڭدىن ماۋزېدوڭنىڭ مۇسپىلىك ۋە مەنپىلىك نەزىرىيىسىگە چۇقۇنىدىغانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.
ماۋزېدوڭنىڭ سەككىزگە بولغان مېھرى تېخىمۇ كۈچلۈك .1947-يىلى ئاۋغۇستا ماۋزېدوڭ جياڭ جېشى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ياپونغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جوڭگو ئىشچى دېھقان قىزىل ئارمىيەسىنىڭ نامىنى خەلق ئىنقىلابى ئارمىيەسىنىڭ 8-ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتتى،بۇ قىسقىچە 8-ئارمىيە دەپ ئاتالدى.مانا مۇشۇ«8» ياپونىيەلىكلەرنىڭ بېشىنى قاتۇردى كىيىن جياڭ جېشىمۇ بۇنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى،كىينچە 8-ئارمىيە جياڭ جېشىنى تەيۋەنگە قوغلىۋەتكەندىن كىيىن جياڭ جېشى شۇ ئاچچىقىدا 8-يول ئابتۇبۇس لىنىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتتى،شۇ سەۋەبتىن كاتتا«جوڭخۇا مىنگو»دۆلىتىدە 8-يول ئابتۇبۇس لىنىيىسى يوق بولدى.بۇنىڭدىن جياڭ جېشىنىڭ 8گە بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.ماۋزېدوڭنىڭ دۈشمەن قارشى تۇرغانلىكى نەرسنىڭ ھەممىسىنى ھىمايە قىلىشىمىز كىرەك دەيدىغان دەستۇرى بار.مانا شۇنى چىقىش قىلغاندىمۇ ماۋزېدوڭنىڭ 8گە مۇھەببىتى بار.
28گە بولغان تۇنۇشتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆز قارىشى بىر بىرسىگە ئوخشاش بولمىغان نەتىجىدە 1976-يىلى ماۋزېدوڭ ۋاپات بولغاندا ئۇلار تۇيۇقسىزلا ئوخشاش كۆز قاراشتا: ماۋزېدوڭ ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك ئادەم ئىكەن !دەپ ھەيران قېلىشتى.
1949-يىلىلا ماۋزېدوڭ ئۆزىنىڭ 84 يىل ئۆمۈر كۈرىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ بولغان ئىدى.بۇ 84 دەل 28نىڭ ئۈچ ھەسسى ،دەل مۇشۇ ئۈچ 28نى ماۋزېدوڭنى جوڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن چەمبەرچاس باغلىغان:
جوڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەندە ماۋزېدوڭ 28 ياشتا ئىدى.
ماۋزېدوڭنىڭ يېشىغا يەنە بىر 28 ياش قۇشۇلغاندا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى28 ياشقا كىرگەندە ماۋزېدوڭ ئالەمدىن ئۆتتى.
28 ھەققىدىكى تالاش تارتىشلار خەلقارادا ئىلگىر ئاخىر بۇلۇپ 28يىل داۋام قىلدى،بۇ ھەقتە يەنە كىچىككىنە بىر قىستۇرمىمۇ بار،يەنى 1972-يىلى نېكسون جوڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە «28 » نى قايتا تىلغا ئالدى.
جۇئېنلەي نېكسونغا ھەمراھ بۇلۇپ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى. نېكسون تۇيۇقسىزلا ئېغىز ئاچتى:مىنىڭ بۇ قېتىم جوڭگوغا قىلغان زىيارەتىمدە يەنە بىر كۈن تەرتىپ بار،يەنى زوڭلى جانابلىرىدىن بىر تارىخى مەسىلىنى سورىماقچىمەن.
- تارتىنماي سوراۋېرىڭ ،ئۆز ئارا مۇزاكىرە قىلىشىپ باقمامدۇق- دىدى جۇئېنلەي ئادىتى بۇيىچە ئوڭ قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ .
نېكسون ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ دېدى:دۆلىتىڭىزلاردا مۇنىڭدىن 23يىل بۇرۇن ئېتىلغان 28پاي ھۆرمەت توپى خەلقارادا كۆپ غۇلغۇلا قوزغىدى،مىنىڭچە ئۇلارنىڭ كۆز قارشىنىڭ ھەممىسى مۇھىم نوقتىنى تاپالمىغان مىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا باش قۇماندان بولغان جانابلىرىنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى.
جۇئېنلەي كۈلۈپ تۇرۇپ :مىنىڭ ئاۋال جانابلىرىنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ باققۇم بار- دىدى.
- سەت بۇلىدىغان بولدى،-دېدى نېكسون تۈزۈت بىلەن قۇلىنى كېرىپ ،ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆزىگە شۇنداق ئىشىنچىسى بار ئىدى : ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى پارتىيىڭىزلارنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى،28قېتىم ئېتىلغان ھۆرمەت توپى،ئەمىلىيەتتە ماۋزېدوڭنىڭ ئىسمىنى جوڭخۇا زىمىنىدىن چەكسىز ئاسمانغا ئېتىپ ياڭراتقانلىق.- نېكسون قەستەن بىردەم توختىۋالدى،ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ قەلىمىنى چىقىرىپ ،قول ياغلىقىغا ماۋزېدوڭ دىگەن ئۈچ خەتنى يازدى: بۇ خەنزۇچە خەت قانچە سىزىقلىق خەت- دىدى.
-28سىزىق ،- دىدى جۇئېنلەي ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا.
- ماۋزېدوڭنىڭ 28سىزىقلىق ئىسىملىك تالىپ دىگەن تەخەللۇسى بارغۇ،28دېگەن ماۋزېدوڭغۇ!نېكسون كۈلۈپ تۇرۇپ قولياغلىقىنى جۇئېنلەيگە بەردى.
- رەئىسنىڭ ھەقىقەتەن 28سىزىقلىق ئىسىملىك تالىپ دىگەن تەخەللۇسى بار،-دېدى جۇئېنلەي قولياغلىققا قاراپ تۇرۇپ – بىراق ،بىز دۆلەت قۇرۇلغاندىلا خەنزۇچە خەتنى ئاددىلاشتۇرۇش لاھىيىسىنى يولغا قۇيۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق،ئەگەر ئۇ خەتلەر ئاددىلاشتۇرۇلسا رەئىسنىڭ ئىسمى 28سىزىقلىق بولماي قالىدۇ.
-ئەمىسە سىزنىڭچە رەئىس جانابلىرىنىڭ «28»ىدەزادى نىمە مەنە باردۇر؟- دەپ سورىدى نېكسون ئۇستاتلىق بىلەن مۈرىسىنى چىقىرىپ قۇيۇپ .
-ئەينى چاغدا دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بەك تولا،ئۈزۈممۇ بەك ئالدىراش بوپ كەتكەن ئىدىم ،مەن رەئىسنىڭ دىگىنى بۇيىچە 28پاي ھۆرمەت توپى ئېتىشنى ئۇرۇنلاشتۇردۇم،ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا مەن رەئىستىن يوليۇرۇق سورىمىغان- دىدى جۇئېنلەي مېڭىپ كىتىۋېتىپ .
- ئۇنداقتا بۇنى ئۆزلىرى قانداق چۈشەندىلىكىن دىدى نېكسون سەل تىت- تىت بۇلۇپ .
- بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ،رەئىسنىڭ ئەسلى مۇدداسىغا ئۇيغۇن بۇلىشى ناتايىن دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن 90كۈن بۇرۇن،رەئىس: جوڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيەسى 28 ياشقا كىردى،28يىلنىڭ مابەينىدە بىز ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق،خۇددى ئون مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنىڭ بىرىنجى قەدىمىنى باسقاندەك ،ئىشلىرىمىز تېخى كۆپ دېگەنىدى.رەئىسنىڭ مۇشۇ سۆزلىرى بىلەن مىنىڭ 28 گە بولغان تۇنۇشۇمنى چۈشەندۈرسەم سىزنىڭچە قانداق بۇلار- دېدى جۇئېنلەي.
- بۇمۇ يوللۇق لېكىن مىنىڭ بۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى بىلگۈم بار ئىدى- دېدى نېكسون.
- ئۇنداقتا جانابلىرى ئەتە رەئىس بىلەن كۈرۈشكەندە ئۆزىدىن سوراپ كۆرسىڭىز- دېدى جۇئېنلەي قۇلىنى سۇزۇپ .
نىمە ئۈچۈنكىن ،نېكسون ماۋزېدوڭ بىلەن كۈرۈشكەندە ئۇ ئىشنى تىلغا ئالمىدى .نەچچە يىلدىن كيىن ماۋزېدوڭ ئالەمدىن ئۆتتى،«28»مەڭگۈلۈك سىر بۇلۇپ قالدى.
«ئەدەبى تەرجىمىلەر»ژورنىلنىڭ 1995-يىللىق7- سانىدىن ئېلىندى.ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى
|
|