«ئالتۇن توپ پالىقى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى
14-يانۋار، ۋاڭ خاۋ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن توپ پالىقى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىنىڭ باش چىمپىيونى دېگەن نامغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى، جۇڭگو تىكتاك توپ مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن توپ پالىقى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى چىڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇكاپات تۈرىنى جۇڭگو تىكتاك توپ مۇنبىرى تۇنجى قېتىم تەسسىس قىلغان، جۇڭگو تىكتاك توپ جەمئىيىتى تاللاشقا مەسئول بولۇپ تاللىغان، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مۇشۇ يىلدىكى ئەڭ ئىلغار تىكتاك توپ تەنھەركەتچىسى ۋە تېرىنېرى بولىدۇ. ما لوڭ، ۋاڭ خاۋ، ۋۇ جىڭپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇشۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ پالىقى مۇكاپاتى، خەلقئارا مۇسابىقىسىنىڭ باش چىمپىيون مۇكاپاتىغا، دۆلەت ئىچى مۇسابىقىسىنىڭ باش چىمپىيون مۇكاپاتىغا ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنېر ئالاھىدە شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مەنبە: خەلق تورى |
|