بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
تورداشلار ئەسەرلىرى | ئەدەبىي ئەسەرلەر | دۇنيادىكى ئىشلار | تەرمىلەر | كۆڭۈل سوۋغىسى | تەنتەربىيە | تارىخ | ساغلاملىق | تۇرمۇش | مەدەنىيەت | مائارىپ
ئورنىڭىز : تورداشلار ئەسەرلىرى >> كۆڭۈل سوۋغىسى >> توردا يان تېلىفونغا ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاڭ

توردا يان تېلىفونغا ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2010-11-28 17:49:43  يوللغۇچى : arwah  كۆرۈلۈش سانى : 3328    مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

يان تېلىفون ئارقىلىق يان تېلىفونغا ئۇچۇر يوللىسىڭىز ئوخشاش شىركەتنىڭ بولسا بىر موچەن،باشقا باشقا شىركەتنىڭ بولسا بىر يېرىم موچەن تۇتىدۇ.بەزىدە بىر ياكى بىر قانچەيلەنگە ھېيت بايراملىق ئەھۋال سوراش،بىرەر ئىشنى ئەسكەرتىش،سىردىشىش...قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىرقېتىم ، ھەتتا بىرقانچە ئون قېتىملاپ ياكى بىر قېتىمدىلا بىرقانچىلىغان،ئونلىغان دوستلىرىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سەل بېشىڭىزنى قاشلاپ قالىسىز.دەل شۇ چاغدا بۇ ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش سېستىمىسى قىيىنچىلىقىڭىزنى ئاسان قىلغۇسى.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم توردا يان تېلىفونغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش سېستىمىسى.ئۇنداقتا قىزىقسىڭىز نەزەرىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن:
ئەسكەرتىش:بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىزدە بىر دانە يان تېلىفون بولۇشى لازىم،زۆرۈر بولسا بولمىسىمۇ بولىدۇ،تىزىملىتىدىغان چاغدىلا يان تېلىفون ۋە نومۇر كارتىسى لازىم بولىدىغان بولۇپ بىرەر خىزمەتدىشىڭىز ياكى دوستىڭىزنىڭكىنى ئىككى مىنۇت ئارىيەت ئېلىپ تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن يان تېلىفون لازىم بولمايدۇ،لىكىن خاتىرجەم بولۇڭ،دەلىللەش كودى تاپشۇرۇۋېلىشقا پۇل كەتمەيدۇ.
تېما باشتىن يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقانلار كۆزدە تۇتۇلۇپ ئەڭ ئاددى نۇقتىلار بويىچە تەپسىلى سۆزلەندى،ئۇستازلار زاڭلىق قىلماڭلار ئەمىسە.
بەت ئادرىسى(موشۇ ئادرىستىن كىرىپ
تىزىملىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن):
www.xun001.com/i/arwahcvc
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
بىرىنچى قەدەم: تىزىملىتىش

يۇقارقى ئادرىستىن كىرىپ تۆۋەندىكى01- رەسىمدىكىدەك قىزىل رەڭلىك 免费注册, 登陆 دىگەن خەتنى كۆرىسىز،بۇنىڭدىن 免费注册 دىگەننى بېسىپ كىرىسىز.كىرگەندىن كىيىن 02-رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.用户名دىگەنگە ئابونىت نامىڭىزنى كىرگۈزىسىز(ئىنگىلىزچىنى قوللايدۇ،خالىغانچە6ھەرىپتىن كەم بولمىسۇن)،ئاستىدىكى 密码 ۋە 确认密码دىگەنلەرگە مەخپى نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز(15خانىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن).ئەمدى ئاستىدىكى 获取手机验证码 دىگەن خەتنى چەكسىڭىز تېلىفون نومۇرىڭىزنى ۋە دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ،قورقماي كىرگۈزۈۋېرىڭ،سىناقتىن ئۆتكەن.ئاندىن 确认 نى باسسىڭىز ئۇزاق ئۆتمەي تېلىفونىڭىزغا 验证码(دەلىللەش كودى) قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە كېلىدۇ،بۇ نومۇرنى ئاستىدىكى 手机验证码 نىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كىرگۈزۈپ 确认نى باسىسىز.بۇ چاغدا تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ،بۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىپ بولدۇق دىگەن گەپ.
سېستىمىغا كىرگەندىن كېيىن ھەربىر مەشخۇلاتتىن كېيىن ئارقىغا قايتماقچى بولسىڭىز
菜单 نى بېسىپ قايتىڭ.
ئىككىنچى قەدەم:شەخسى ئۇچۇر تولدۇرۇش .بۇنى تولدۇرسىڭىز 20نومۇر مۇكاپات بېرىدىغۇ دەيمەن(ئۇزاق بولغاچقا ئۇنتۇپ قاپتىمەن)
04-رەسىمدىكى
修改资料نى بېسىپ كىرگەندىن كىيىن ھەقىقى ئۇچۇرىڭىزنى تولدۇرۇڭ.ھەقىقى ئىسمىڭىز...قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى كىرگۈزۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.(بۇلار بەك مۇھىم،چۈنكى بۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قىسقا ئۇچۇر يوللىغان ۋاختىڭىزدا ھەربىر قېتىمدا ئوخشاش بولمىغان 10نەچچە خانىلىق نومۇردىن قىسقا ئۇچۇر كەلگەن ھالەتتە بارىدۇ ۋە قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ ئاخىرىدا تىرناق ئىچىدە دەل سىز موشۇ جايدا كىرگۈزگەن ھەقىقى ئىسمىڭىنى سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا قوشۇپ ئەۋەتىدۇ).
ئۈچىنچى قەدەم:كىرىش

01-رەسىمدىكىدەك 登陆 نى باسسىڭىز 03-رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.بۇ يەرگە نېمىلەرنى تولدۇرۇشنى دىمىسەممۇ بىلىپ بولدۇڭلار.
ئۈچىنچى قەدەم:تېلىفون نومۇر خاتىرىسىگە دوستلىرىڭىزنىڭ تېلىفون نومۇرىنى خاتىرىلەپ كىرگۈزۈش (بۇنى كىرگۈزمىسىڭىز يوللىغىلى بولمايدۇ،بۇنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز ياكى كىرگۈزمەيمەن دىسىڭىز كومپىيۇتىرىڭىزدا
Excel دىن بىرنى ئېچىپ پەقەت نومۇرنىلا تىك قۇر بويىچە كىرگۈزۈپ تەييارلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ،بۇنى 导入ھالەتتە كىرگۈزۈپ يوللاشقا بولىدۇ.
تۆتىنچى قەدەم:قىسقا ئۇچۇر يوللاشكىرگەندىن كىيىنكى كۆرۈنۈش 04-رەسىمدىكىدەك بولۇپ بۇنىڭدىن
短信息 دىگەننى باسقاندىن كېيىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن 发送短信 نى بېسىپ كىرسىڭىز 05-كۆزنەكتىكىدەك ئېچىلىدۇ،ئوتتۇرىدىكى ئاق بوش ئۇرۇنغا قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى تېلىفون نومۇرىنى كىرگۈزۈش رامكىسىنىڭ يېنىدىكى 通讯录 نى باسسىڭىز بايام سىز كىرگۈزۈۋالغان دوستلىرىڭىزنىڭ ئىسىملىكى كۆرۈنىدۇ.قايسىسىغا يوللىماقچى بولسىڭىز شۇنى چەكسىڭىز شۇنىڭ نومۇرى كىرگۈزۈلىدۇ.تېلىفون نومۇرى خاتىرىسىگە كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز تەييارلىۋالغان Excel جەدىۋىلىڭىزنى ئۈستىدىكى导入Excel文件中的手机号码 查看导入模板 دىكى 导入نى چەكسىڭىز جەدىۋەلنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى سورايدۇ،浏览نى بېسىپ جەدىۋەلنى كۆرسىپ بېرىپ 导入نى باسسىڭىز جەدىۋەلدىكى نومۇرلارنىڭ ھەممىسى كىرگۈزۈلىدۇ(بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 50نومۇرنى كىرگۈزگىلى يەنى بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 نومۇرغا قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ).
ئەمدى بارلىق تەييارلىقلار پۇتتى،شۇڭا سول تەرەپتىكى
发送نى باسسىڭىز قىسقا ئۇچۇرىڭىز يوللىنىدۇ.
بەشىنچى قەدەم:نومۇر يىغىش

يېڭىدىن تىزىملاتقان چاغدا سىزگە 20نومۇر بېرىدۇ،قىسقا ئۇچۇر يوللىغان ۋاختىڭىزدا ھەربىر قىسقا ئۇچۇرنى ھەربىر نومۇرغا يوللاش ئۈچۈن بىر نومۇر تۇتۇپ ماڭىدۇ.شۇڭابۇ 20 نومۇر ئارقىلىق 20 نومۇرغىلا بىر ياكى 20 قېتىم قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ دىگەنلىك.20نومۇر تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىمىز،بۇنىڭمۇ ئامالى بار.04-رەسىمدىكىدەك سور تەرەپتىكى 点击免费获取积分نى باسسىڭىز باشقا بىر بەتتە06-رەسىمدىكىدەك 9دانە ئېلان چىكىش بېتى ئېچىلىدۇ.ھەربىر ئېلاننى چەكسىڭىز بىر كۈندە پەقەت بىر نومۇردىن 9نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۇ بەكلا ئاز شۇنداقمۇ؟ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟جاۋابى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىمىز،04-رەسىمدىكىدەك ئۇتتۇرا ئوڭ چەتتىكى
邀请好友 نى چەكسىڭىز ئۇستىدە يان تېلىفون نومۇرىغا تەۋسىيە قىلىش تونۇشتۇرۇش شەكلى ،ئاستىدا تور مۇڭداشقۇلىرى،تور بەت قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەۋسىيە قىلىش تونۇشتۇرۇش ئادرىسى(سىزگىلا خاس) كۆرۈنىدۇ،قايسىسىنى قولايلىق كۆرسىڭىز شۇ بويىچە تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.دىققەت:سىز تەۋسىيە قىلغان ئادرىستىن كىرىپ بىر دوستىڭىز تىزىملاتسا سىزگە 20نومۇر مۇكاپات بېرىدۇ...يىغىلغان نومۇرىڭىزنى 04-رەسىمدىكىدەك ئوڭ ئۈستىدىكى 积分 نى بېسىپ سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇ سېستىمىنىڭ 04-رەسىمدىكىدەك يەنە بىر قانچە ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ ۋاقىت ئىتىۋارى بىلەن ئۇخىل ئىقتىدارلار كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان بولغاچقا تونۇشتۇرۇلمايدۇ،تورداشلار ئىشلىتىش داۋامىدا سىناپ باقسا بولىدۇ.
سۆزلەش جەريانىدا سۆز جۈملىلەر باشلاشمىغان خاتا كەتكەن جايلىرى بولۇشى مۈمكىن،تورداشلارنىڭ سەمىمى ئەسكەرتىش ۋە تۈزىتىش بېرىشىنى قارشى ئالىمەن،رەھمەت.

ئەمدى ئېلان چىكىشكە كەلسەك ھەربىر ئېلاننى چەككەندە 6سىكۇنت ساقلايسىز،ۋاقىتنى تەتۈر ساناش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن توختىغاندا چىققان 获取积分 دىگەننى باسقاندىن كېيىن يېڭى بەتتە ئېلان بېتى ئېچىلىدۇ ۋە ئەسلى بەتتە بىر نومۇرغا ئېرىشتىڭىز دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ،شۇنى بېسىۋەتسىڭىز ئاندىن نومۇر قوشۇلىدۇ،ئېچىلغان ئېلان بېتىنى كۆرەمسىز ياكى كۆرمەي ئۈچۈرىۋىتەمسىز ئىختىيارىڭىزچە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:بۇ تور يۈزى قىسقا ئۇچۇر يوللاش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا،ئىجدىمائىي مۇقۇملۇققا زىيان يەتكۈزىدىغان،قانۇن-نىزام،سىياسەتلەرگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللاشتىن قەتئىي ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بۇ چوقۇم يان تېلىفون ئارقىلىق تىزىملىتىلىدۇ ھەمدە سىز يوللىغان ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر يوللىغان ئادرىس(IP)بۇلارنىڭ باش ئاپىراتىدا ۋە تېلگىرف بولامدۇ،تور خەۋەرلىشىشى بولامدۇ شۇلارنىڭ باش مۇلازىمىتىرىدە ساقلىنىپ خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ،تورخانىلاردىن نامسىز كارتىدا تورغا چىقىپ يوللىغان تەقدىردىمۇ سىزنىڭ كىرگەن چىققان،ئولتۇرغان..لىرىڭىز كامىرا ۋە باش ئاپىراتتا ساقلىنىدۇ،شۇڭا دىققەت قىلىشىڭىزلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىرە قىلغان ھەرقانداق جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئىشلارغا مەن مەسئۇل بولالمايمەن،ئارامىڭلارغا دەخلى يەتكۈزگەن بولسام كەچۈرىڭىزلەر.

دەرسلىكنى ئېلكىتابقا ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ قويدۇم،قىزىقسىڭىز چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ:

http://down.qiannao.com/space/file/arwahcvc/-4e0a-4f20-5206-4eab/-7f51-4e0a-624b-673a-53d1-77ed-4fe1-6559-7a0b.pdf/.page

مەنبە:http://bilim.rohlan.biz/thread-4056-1-1.html




ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى