ۋجژدان
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ھاياتىڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ياشلىق پەيتلىرىدىكى مىنۇتلار، ۋاپاسىز بىر قىزغا ئالدىنىپ ئازاب ئىچىدە يۈرگەن، يۈرىكىڭ لەختە - لەختە قان ئىچىدە ئۈنسىز ئىڭراپ تولغىنىۋاتقان، يالغۇزلۇق ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس قوللىرى بىلەن ياقاڭدىن سىقىپ بوزەك قىلىۋاتقان، ھىجران چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىپ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز يۈرگەن كۈنلىرىڭ ئىدى. دەل ئاشۇ كۈنلەردە رىۋايەتلەردىكى پەرىزاتلاردەك بىر قىز قىزىلگۈلدەك خۇشپۇراق، ئون تۆت كۈنلۈك تولۇنئايدەك ئوماق سېيماسى بىلەن غەمكىنلىك قاپلىغان قەلب خانەڭگە چاقماقتەك تېز بۆسۈپ كىرىپ، كۆڭۈل بېغىڭغا تەھدىت سېلىۋاتقان كەچكۈز شامىلىنى قاياقلارغىدۇر قوغلىۋەتتى. شۇنداقلا، غېرىبلىق كۈيى ياڭراپ تۇرغان سەرسان روھىيىتىڭگە بىر ئۈلۈش شادلىق ناخشىلىرىنى باشلاپ كىردى. ئۇ قىزنىڭ ئاق سۈزۈك چىرايى، قارلىغاچ قانىتىدەك ئەگىم قاشلىرى، ئوقيادەك كىرپىكلىرى ئاستىدىكى تىنىق بۇلاقتەك كۆزلىرى، چىرايلىق قىلىپ بۇغۇۋالغان بىر تال چېچى، كىلىشكەن قەددى - قامىتىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىشلىرى، ئازراق شەپىنى ئاڭلىسىلا قېچىپ كېتىشكە تەييار تۇرغان كېيىككە ئوخشاش ئېھتىياتچان تۇرقى ئېسىڭدىن بىر دەقىقىمۇ كۆتۈرۈلمەيتتى. سەن بۇرۇن كىتابلاردىكى بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىش دېگەندەك سۆزلەرگە ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمەيتتىڭ ھەم ئۇنى چىرايلىقراق بىرەر قىزنى كۆرسىلا ۋاي دەپ ھالى قالمايدىغان، كۆرمىسە كارى بولمايدىغان، ئاسان قىزىپ ئاسان سوۋۇيدىغان سۇيۇق مىجەز يىگىتلەرنىڭ ئىشى دەپ قارايتتىڭ. مانا ئەمدى بۇ ھېسسىيات قەلبىڭدە پەيدا بولغاندا يۇقىرىقى قاراشلىرىڭنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، مۇھەببەتتە تاشقى گۈزەللىكنىڭمۇ ئىجابىي رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىڭ. سەن ئۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالدىڭ. يۈرىكىڭدىكى تەشنالىق كۈچەيگەنسىرى قەلبىڭنىڭ ئەڭ پاك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ پىنھان تەكتىدە ئاجايىپ شېرىن بىر تۇيغۇنىڭ ئاستا - ئاستا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ مىسكىن روھىڭغا قۇياشتەك پارلاق ئۈمىد نۇرلىرىنى چېچىۋاتقانلىقىنى، ئۇ قىزنىڭ ئۆتكۈنچى ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدىن ئەمەس، بەلكى، چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭنى ئېتىراپ قىلدىڭ. ئۇ قىزنىڭ قىيا بېقىشلىرى، تاتلىق كۈلۈمسىرەشلىرى جىسمىڭنى بىر تونۇر ئوت ئىچىگە تاشلايتتى. ئۇ قىزنى كۆرگەنسىرى كۆرگۈڭ كىلەتتى. بىرەر كۈن كۆرەلمىسەڭ گېلىڭدىن تاماق ئۆتمەي ئىزتىراپ ئىچىدە پىغان چېكەتتىڭ. كېچىسى ئۇخلىيالماي ئاي - يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ تۈننى تاڭغا ئۇلايتتىڭ. ئىشقىلىپ سەن ئۇ قىزغا شۇنداق ئاشىق بولغان ئىدىڭكى، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇڭ ئاسمان - پەلەك بىر يالقۇن ئىچىدە خۇددى قۇرۇق ئوتۇندەك چاراسلاپ كۆيەتتى. كېيىن ئۇ قىز بىلەن تونۇشتۇڭ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىز بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ تۇردۇڭ. بارا - بارا ئۇ قىز ئۆزىنىڭ ئوچۇق - يورۇق مىجەزى، سەمىمىي - راستچىللىقى، كەمتەرلىكى، ئىللىق مۇئامىلىسى، قات - قېتىدىن ئۆزگىچە مېھىر، تەبىئىي گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇرغان سېھىرلىك لاتاپىتى ۋە ھەقىقىي ئىنسانغا خاس ئەخلاق - پەزىلىتى بىلەن بىر تالاي دەرد پۇراپ تۇرغان قەلبىڭ بېتىدە تولىمۇ يارقىن ۋە سۆيۈملۈك ئوبرازىنى تىكلىدى. ھاياتقا نىسبەتەن زېرىكىش قاپلىغان قەلب خانەڭ سۆيگۈ سېھرىدە ئاجايىپ بىر گۈزەللىككە تولۇشقا، بۇرۇختۇملۇققا تولغان كۈنلىرىڭگە ئەجەپ شېرىن مىنۇتلار ھەمراھ بولۇشقا باشلىدى. سەن ھەر قېتىم ئۇ قىزنى كۆرگەندە يۈرىكىڭدە بارغانسىرى ئۇلغىيىۋاتقان، پۈتكۈل جىسمىڭنى كېچە - كۈندۈز ئازابلاپ كېلىۋاتقان يۈرەك سىرىڭنى، ۋۇجۇدۇڭدا تىنىمسىز قۇتراپ، ئارامىڭنى بۇزۇۋاتقان مۇقەددەس سۆيگۈڭنى ئىزھار قىلىشنى ئويلايتتىڭ. لېكىن قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەي بېشىڭ قاتاتتى. يۈز - تۇرانە ئېغىز ئېچىش سەن ئۈچۈن يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندىنمۇ تەس ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر خەت ئارقىلىق ئۇ قىزغا تەلەپ قويۇش قارارىغا كەلدىڭ. سېغىنىشنىڭ شېرىن دەقىقىلىرىدە ئەللەيلەنگەچ، ئۈچ - تۆت ئاخشام ھەپىلىشىپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە قەلبىڭنىڭ بىغۇبار سەھراسىدا مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرغان خرۇستالدەك سۈزۈك سۆيگۈ ئۈنچىلىرىنى تولىمۇ ئاۋايلاپ قەغەز يۈزىگە رەتلىك تىزىپ چىقتىڭ ۋە مۇۋاپىق بىر پۇرسەتتە ئۇ قىزغا بەردىڭ. ئۇ قىز گويا شەپەقتەك قىزارغان ھالدا قولۇڭدىن خەتنى ئالدى - دە، بەئەينى قۇشتەك يېنىك قەدەملەر بىلەن يېنىڭدىن كەتتى. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ قىز خەت توغرىسىدا ھېچبىر ئۇچۇر بەرمىدى. چەكسىز ئۈمىد ۋە ئىنتىزارلىققا تولغان ھارغىن دەقىقىلەر نەچچە كۈن قوشقا قېتىلىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قېرى كالىنىڭ قەدەملىرىدەك ناھايىتى تەسلىكتە ئۆتمەكتە ئىدى. بۈگۈن ئۆيۈڭدە كېنىگانىڭ ساكس بىلەن ئورۇندىغان مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ ياتاتتىڭ. يۈرىكىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان لېرىك مۇزىكا قوينىدە يېنىك تەۋرىنەتتى. تۇيۇقسىز يانفونۇڭ سايراپ كەتتى. تېلىفوننى ئېلىپ ئېكرانىغا قارىدىڭ. ئېكراندا ئۇ قىزنىڭ تېلېفون نومۇرى لىپىلداپ تۇراتتى. سەن ئۇ قىز بىلەن ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ قىز سەن بىلەن ھازىرلا كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سەن شۇ ھامان ئۇ قىزنىڭ مەھەللىسىگە باردىڭ ۋە ئۇ قىزنىڭ ئۆيىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئورمانلىقنىڭ بىر چېتىدە قىزنى ساقلاپ تۇردۇڭ. ھايال ئۆتمەي قىز كەلدى. قىزنىڭ چىرايى نېمىشقىدۇر قايغۇلۇق ئىدى. سەن ئۇنىڭدىن: - نېمە بولدى، چىرايىڭىز بىر قىسمىلا بولۇپ قاپتىغۇ، بىرەر يېرىڭىز ئاغرىپ قالمىغاندۇ ھە؟ - دەپ سورىدىڭ. - ياقەي، ھېچ ئىش بولمىدى. - ئۇ شۇنداق دېگەچ چىرايىغا زورلاپ كۈلكە يۈگۈرتتى. ئىككىڭلار بىردەم تاغدىن - باغدىن پاراڭلاشتىڭلار. گەپلىرىڭلار ھېچ قولاشمايتتى. بىردەمدىن كېيىن قىز يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ ساڭا سۇندى. سەن خەتنى ئېلىشىڭغا ئۇ ساڭا: - خەتنى كۆڭلىڭىز خوشال چاغدا ئوقۇڭ. خوش، - دەپ قويۇپلا ئالدىراپ كېتىپ قالدى. سەن ئۇنىڭغا خوش دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىڭ. قانداقتۇر بىر تەشۋىش، تىت - تىتلىق ۋە بىئاراملىق ئىچىدە ئۆيۈڭگە كەلدىڭ ۋە بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ قېنىپ چېكىۋەتكەندىن كېيىن، كونۋېرتنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىڭ: ( ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: قانداق ئەھۋالىڭىز، تېنىڭىز سالامەت، كۈنلىرىڭىز خۇشال، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارامدۇ؟ مەندىن ئەھۋال سورىسىڭىز مېنىڭ ئەھۋالىممۇ يامان ئەمەس. بىراق مۇشۇ كۈنلەردە سىزنىڭ خېتىڭىزگە نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي بېشىم بەكمۇ قاتتى. چۈنكى، مەن بۇرۇن ماڭا تەلەپ قويغان يىگىتلەرگە ئېغىزىمنىڭ ئۇچىدىلا جاۋاب بېرەتتىم. شۇڭا جاۋاب خەت يېزىشنىڭ بۇنچىلىك تەسلىكىنى ھېس قىلمىغان. بەلكىم سىزمۇ ماڭا خەت يازغان ۋاقتىڭىزدا بېشىڭىز خېلى قاتقان ئوخشايدۇ. ئەمدى گەپنى ئۇدۇللا دەۋېرەي، راست گەپنى قىلسام مەن سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن. سەۋەبى، مېنىڭ دادام تۆت يېشىمدا، ئانام 12 يېشىمدا مېنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا كەتكەن. مېنى ھازىرغا قەدەر ئاشۇ بىچارە، مېھرىبان ھەدەم بېقىپ چوڭ قىلدى، ئوقۇتتى. مەن ئۇنىڭغا ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتىپىگە مېڭىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ توي ئىشىممۇ بار. بىز ئاچا - سىڭىل گەرچە يالغۇز بولساقمۇ، لېكىن چوڭ - چوڭ ئىشلىرىمىزنى يەنىلا دادامنىڭ ئىنىسى بەلگىلەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىزنىڭ گىپىمىزنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ، ھەم مېنى ئۆزۈم خالىغان ئادەمگە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە مېنىڭ بىلىدىغىنىم توينىڭ قاچان بولىدىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى، مەن كۆڭلۈمنى ئاللىقاچان بىرىگە بېرىۋەتكەن. ( ئىككىمىز ھازىر بىر مەكتەپتە پراكتىكا قىلىۋاتىمىز. ) ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش - قىلالماسلىقىم تەقدىرگە باغلىق. بىراق كۆڭۈل دېگەن ساراڭ نەرسە ئىكەن. مەن ئۇنى سىز مېنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بىز مۇھەببەتلەشمىگەن. ئىككىمىز پەقەت ئادەتتىكى ساۋاقداشلاردىن، خالاس. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەلىيىم كىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلارمەن. بولمىسا، پېشانەمگە پۈتۈلگەننى كۆرمەكتىن باشقا ئامال يوق. شۇڭا، مەن ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلماي كېلىۋاتىمەن. سىزمۇ شۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىدىغان بولدىڭىز. توغرا چۈشىنەرسىز. ئەگەر خالىسىڭىز بىز ئاكا - سىڭىل بولۇپ ئۆتەيلى. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئاكا - سىڭىللىق مۇناسىۋىتىمىز ئەڭ، ساپ، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ تەمەسىز، ئەڭ مىننەتسىز بولۇپ قالغۇسى. سىزگە بەخت تىلەپ: قەدىرىيە ) خەتنى تۇتقىنىڭچە قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىڭ. قەغەزدىكى ھەر بىر تال خەت بىر تالدىن مىخقا ئايلىنىپ يۈرىكىڭگە سانچىلىشقا، چوققاڭدىن كىرگەن دەھشەت بىر ئاغرىق پۈتكۈل روھىي - ئالىمىڭنى تېرىپىرەن قىلىشقا باشلىدى... بىردەمدىن كېيىن خەتنى ئىشكاپ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ئەلەم بىلەن شوراشقا باشلىدىڭ ۋە ھارغىن جىسمىڭنى كارىۋاتقا تاشلىدىڭ. شۇ تاپتا كاللاڭ ھېچنېمىگە ئىشلىمەيتتى. مېڭەڭ ھېلىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىيتتى... ئۆيۈڭدە بىرەر سائەتتەك خىيال سۈرۈپ ياتقاندىن كېيىن، ئۆيۈڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ تاماكا چەككەچ، خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇڭ. كۈن ئاستا - ئاستا غەربكە ئۆتۈپ گۇگۇم قاپقارا قانىتىنى ئەتراپقا يېيىشقا باشلىدى... تەنھالىقنىڭ ئازابلىق دەملىرى يۈرىكىڭنى تاتىلاپ ئوينايتتى. تاتىلاپ - تاتىلاپ زېرىككەندە يارا ئۈستىگە چاڭگاللاپ تۇز چاچاتتى. ئامالسىزلىق ئىچىدە ئاھ ئۇراتتىڭ، زارلايتتىڭ، قاقشايتتىڭ. قەدىرىيە بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ئۇنىڭ قۇياشتەك مېھرى تەپتىدە ئەمدىلا ساقىيىشقا باشلىغان قەلب جاراھىتىڭ قاناشقا باشلىدى. بېتەلەي يۈرىكىڭ ۋىسال بىلەن جۇدالىق ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە بىر چېغىر يولدا چاك - چاك يېرىلىپ، خۇددى كېچىسى ئات دەسسىۋەتكەن يىلاندەك تولغىنىپ ياتاتتى. كۆز ئالدىڭدا پايانسىز كەتكەن بىر بوشلۇق ۋەھىمىلىك ھۇۋلىغىنىچە سېنى ئۆزىنىڭ مۇدھىش قوينىغا چىللايتتى.
ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىندى. |
|