ئادەمدەك ياشا
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت (قايتماس)
بۇ دۇنيا سەندىنمۇ قالىدۇ ئاخىر،
پۇل، بايلىق ئەسقاتماس ئاقىۋەت ساڭا.
تاج كىيگەن شاھلارمۇ مەڭگۈ خان ئەمەس،
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن شۇڭا.
ھەر بىر يىل، ھەر بىر ئاي، ھەتتا ھەر بىر كۈن،
ئۆتىدۇ ئالدىڭدىن بىرمۇ-بىر توختاپ.
يىغلامسەن، كۈلەمسەن ئىختىيار سەندە،
ئەڭ ئادىل باھانى ئەل بېرەر چاغلاپ.
بۇ دۇنيا بارچىغا ئوخشاش بىر ماكان،
سەۋەبكا قىسمەتكە ئىنساننىڭ ئۆزى.
تەقدىردىن قاقشىما شۇڭا ئەي نادان،
بەختتىن نۇرلانسا ئاقىلنىڭ كۆزى.
ھاياتلىق تۆت كۈنلۈك ھەممىگە ئايان،
ئاقىۋەت ھېچكىشى قالمايدۇ ئامان.
تىرىكلىك پەيتىدە بۇنى كۆپ ئويلا،
ئەجەلنىڭ كەلمىكى مۇقەررەر ھامان.