بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
تورداشلار ئەسەرلىرى | ئەدەبىي ئەسەرلەر | دۇنيادىكى ئىشلار | تەرمىلەر | كۆڭۈل سوۋغىسى | تەنتەربىيە | تارىخ | ساغلاملىق | تۇرمۇش | مەدەنىيەت | مائارىپ
ئورنىڭىز : تورداشلار ئەسەرلىرى >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >> رۇبائىيلار (قايتماس)

رۇبائىيلار (قايتماس)

يوللانغان ۋاقتى : 2010-11-22 21:36:32  يوللغۇچى : قايتماس  كۆرۈلۈش سانى : 3125    مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

رۇبائىيلار

 

نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت (قايتماس)

1

ئېشەكتە مۈڭگۈز يوق، ئادەمدە قانات،

قاناتلىق جانغىمۇ چەكلىك بۇ ھايات.

تۆت كۈنلۈك دۇنيادا ئۆتەيلى ئېجىل،

ئاقىۋەت ھەر كىمگە كېلىدۇ مامات.

2

كىيگەن بولساڭ ئەخلاقتىن چاپان،

تەخسىكەش بوپ يالىما تاپان.

ۋاز كەچمىسەڭ يامان ئىللەتتىن،

نادامەتتە تارتىسەن ساپان.

3

«بىر قېتىم كەسمەكچۈن ئۆلچىگىن يەتتە»،

بۇ سۆزنى ئۇنتۇما تۇتقىن چىڭ ئەستە.

تەدبىرگە تايانغىن ھەرقانداق ئىشتا،

غاپىللىق ئىنساننى قالدۇرار دەردتە.

4

دېھقانسەن كۈچۈڭنى سەرپ ئەت يەرگە،

تاۋلانغىن ئەمگەكتە، چۈمۈلۈپ تەرگە.

تەييارتاپ ئىنساندىن بارچە بىزاردۇر،

ئىشلىسەڭ ئورايسەن بېغىڭنى زەرگە.

5

ئاجىزلار كۈچلۈككە ئەگمىسە بويۇن،

كۈچلۈكلەر چىقىرار شۇ ھامان قويۇن.

بىلىپ قال بۇ دۇنيا گويا بىر سەھنە،

ئوينىلار ئۇنىڭدا ھەر قىسما ئويۇن.

6

نەپ يۇقمايدۇ ھورۇن كىشىدىن،

توخۇم سېسار ھامان ئىچىدىن.

ياغلىق قاپاق بەرىبىر چانار،

سىرلىساڭمۇ ئۇنىڭ تېشىدىن.

7

ئەقىلنىڭ تىزگىنى ئىنسان قولىدا،

ياراتقىن تۆھپىلەر ئەلنىڭ يولىدا.

تەدبىرگە تايانساڭ ھەر قانداق ئىشتا،

ياش تۆكۈپ قالمايسەن ئازاب تىغىدا.

8

ئەل يامان كۆرىدۇ ھورۇن كىشىنى،

ھورۇنلار ھامىنى يەيدۇ بېشىنى.

ئىشچانغا قۇياشمۇ قىلىدۇ تەزىم،

قىزغانماس ئۇلاردىن ھېچكىم ئېشىنى.

9

ئەقىلنىڭ نۇرىدا يۇرۇتساڭ دىلنى،

باغلايسەن قىل بىلەن ھەتتاكى پىلنى.

نادانلىق روھىڭغا چاڭ سالغان ھامان،

ھەسرەتنىڭ ئوتىدا داغلارسەن تىلنى.

10

تۈشۈكنى كولىساڭ ئورا بولىدۇ،

قومۇشنى توقۇساڭ بورا بولىدۇ.

ھەر نەرسە ئۆزگىچە خىسلەتكە ئىگە،

خوخىمۇ بەزىدە دورا بولىدۇ.

11

يالغاننى راست قىلىپ سۆزلەر پىتنىخور،

ھەر ئىشتا پايدا-نەپ كۆزلەر پىتنىخور.

تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزلەپ ھامان،

ئاقىۋەت قارغىشتا ئۆلەر پىتنىخور.

12

ئۇچۇشار كەچكۈزدە خازانلار ھەر يان،

ئىبرەت ئال بۇنىڭدىن بولمىغىن ھەيران.

ياشلىقمۇ توزۇيدۇ كەلسە پۇرسىتى،

سۈرسەڭمۇ بىر مەزگىل شاھ كەبى دەۋران.

13

بولسىمۇ سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇق-يوللۇق،

قىلمىغىن ئۆزگىگە قىلچە مەغرۇرلۇق.

چاڭ-توزان باسمىسۇن ئەقىل كۆزۈڭنى،

بەك يامان دۇنيادا دىلدىكى كورلۇق.

14

بولغاچقا ھورۇنلار بوشاڭ ۋە نىمجان،

تويۇلار بۇ دۇنيا گوياكى زىندان.

ياراتقاچ تەرىدىن چۆللەردە بوستان،

ئىشچانلار بەختىدىن كۈلىدۇ ھامان.

15

 ياخشى دوست دوستىغا كەلتۈرمەس زىيان،

كەلسىمۇ باستۇرۇپ ئۈستىدىن قىيان.

بەدنىيەت دوست لېكىن كۆزلەر پايدىنى،

ئۆزگەرتىپ رەڭگىنى بولۇپ بىر چايان.

16

ناغرىنىڭ ناغرىچە ساداسى باردۇر،

ھەر ئىشنىڭ ئاز-تولا جاپاسى باردۇر.

ھېچكىمگە باقىۋەند ئەمەس بۇ ھايات،

ھەر جاننىڭ ئاقىۋەت قازاسى باردۇر.




ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى