بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
تورداشلار ئەسەرلىرى | ئەدەبىي ئەسەرلەر | دۇنيادىكى ئىشلار | تەرمىلەر | كۆڭۈل سوۋغىسى | تەنتەربىيە | تارىخ | ساغلاملىق | تۇرمۇش | مەدەنىيەت | مائارىپ
ئورنىڭىز : تورداشلار ئەسەرلىرى >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >> ئاشىقنىڭ ھېكايىسى

ئاشىقنىڭ ھېكايىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2010-11-01 23:12:53  يوللغۇچى : SARDAHI  كۆرۈلۈش سانى : 3470    مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

ئاشىقنىڭ ھېكايسى

(نەسىر)

سەپەردىكى يولۇچى

 

مەن پويىزغا چىقىپ باقمىغان، ئەمما سەپەرگە چىقىپ باققان، تىكەندەك يالغۇزلۇقۇمغا سەپەرداش بولۇپ...!

موتۇرنىڭ ئەنسىز گۈرۈلدىشى بىلەن، پويىز قوزغالدى... ئېغىر قەدەملىرىمگە يېپىشقان ھىجران توزۇندىلىرى چىن ئەقىدەڭدەك تاۋلانغان غېرىپلىقىمنىڭ قاراڭغۇ ئەينەكلىرىدىن مارىلايدۇ؛ نەم بوشلۇقتا ئاجىز دەرەختەك پۇلاڭلاۋاتقان قوللىرىڭدىن چۈشكىلىۋاتقان قىپقىزىل ياغلىقىڭ، ئۆز كونتىروللىقىدىن ئايرىلغان كۆرۈش سەزگۈلىرىمنى تورمۇزلايدۇ؛ ‹‹خوش›› دىگەندىكى ئاۋازىڭنىڭ سۈزۈكلىكى تامام ئىلكىڭگە ئۆتۈپ بولغان كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىغا چوڭقۇرلايدۇ...

شۇنداق، بىز جىمجىتلا خوشلاشتۇق، خۇددى ناتۇنۇش كىشلەردەك. ئەمما، كۆزلىرىمىزنىڭ تېخى دەپ بولالمىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن سۆزلىرىدە ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ قېرى جاللات قىپقىزىل قان تامچىپ تۇرغان غالىپلىق مۇزىكىسىنى ياڭراتماقتا ئىدى...

مەن خىيالىمنىڭ يېرىم ئېچىلغان دەرىزىسىدىن ساڭا قارىدىم...! سەن ئۆز ئورنۇڭدا مىدىرلاپمۇ قويماستىن، پىغانى تېشىۋاتقان قەلىب خاتىرەڭنى ئۈنسىز ۋاراقلايتتىڭ، ئۇنىڭدىن نېمىلەرنىدۇر ئاختۇراتتىڭ، خۇددى ئەڭ ئامراق بىر نەرسەڭنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك... ئاۋۇ، كۆز يېشىڭدەك تاراملاپ چۈشىۋاتقان سىم-سىم يامغۇر بولسا چاچلىرىڭنىلا ئەمەس، بەلكى جىمجىت يىراقلىشىۋاتقان ئارىمىزدىكى ئاچچىق تۇيغۇ چەكسىزلىكىنىمۇ ھۆل قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى... مەن بوغۇزۇمدا تولغۇنىۋاتقان ئاخىرقى لەھزىلەرنى چايناپ يۇتقۇنۇمچە، دەرىزىنى ياپتىم!!...

پويىز بىر خىل رېتىمدا تاراقلىغىنىچە، ئاخىرقى نىشانىغا قاراپ، ئالدىراش چاپماقتا ئىدى... سوراقنى كۈتۈش ئۆيىدىكى قاپقارا ئورۇندۇقتىن ئانچە پەرقى بولمىغان كىچىككىنە بىر ئورۇنغا مەجبۇرى قىسىلدىم ۋە قولۇمدىكى تۈجۈپلەپ قاتلانغان بولاقنى مېھرىم بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتىم... ئىسمىڭ قىپقىزىل كەشتىلەنگەن قولياغلىق، بىر دانە سائەت ۋە قەلەم...

ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى سەمىمىي قەلبىڭنىڭ ئاپئاق بەتلىرىگە يازىمەن دىلبەر، قېنىم بىلەن ھەم جېنىم بىلەن...!! ۋاقىت قۇشلىرى تەن شېخىمغا قونۇپ، زوق-شوخ بىلەن سايراشقا باشلىغاندا، قولياغلىقىڭدىكى ئاۋۇ قىپقىزىل ئىسمىڭنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىمەن! ئېيتقىنا دىلبەر!... لېۋىڭنىڭ رەڭگىدە ئېچىلغان ئاۋۇ بىر تۈپ ئەتىرگۈلنىڭ تىكەنلىك شېخىغا قونغىلىۋاتقان بىر جۈپ قۇشنى ئىككىمىزگە تىمسال قىلغانمدىڭ...؟!

پويىز يەنىلا ئالدىراش چاپماقتا ئىدى، قويۇق قاشلىرىڭدەك ئورمانلىقلار، دولقۇنلۇق چاچلىرىڭدەك لەرزان يەلپۈنىۋاتقان چىمەنلىكلەر، قىلىچەك قاڭشىرىڭنى ئەسلىتىدىغان تىك قىيا ۋە قامىتىڭدەك بەھەيۋەت تاغلارنىڭ بۆيۈكلىكىنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ...

مەن خىيالىمنىڭ تولۇق ئېچىلغان دەرىزىسىدىن ساڭا قارىدىم....! سەن ئارقاڭغا قايرىلىپ قارىغاندىكى قىيالماسلىقىڭنىڭ ئاخىرقى نازاكىتىنى ئىچىڭگە يۇتۇپ، يامغۇر سۇلىرىنى كەچكىنىڭچە، بېكەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتىڭ!... كۈنلۈك ئاستىدا بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقان جىسمىڭ بولسا سوغۇقتىن ئەمەس، بەلكى ئايرىلىشنىڭ تاشتىن قاتتىق غەملىرىدە گۈل بەرگىدىكى بىر تامچە سەھەرنىڭ سۈزۈلگەن ھەسرىتىدەك تىترىمەكتە ئىدى... مەجنۇنتالدەك زىلۋا بويلىرىڭدىن چىپىلداپ چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرى ئۆز ئىختىيارىدىن ئايرىلغان قەدەملىرىڭنىڭ قۇش پېيىدەك لەرزان توزىۋاتقان نەمخۇش ئاۋازىغا سىڭمەكتە ئىدى...

مەن ئۇزۇن ھەم قايرىما كىرپىكلىرىڭنىڭ قورشاۋىدا خىرۇستالدەك يالتىراۋاتقان سۈپسۈزۈك ئەقىدەڭگە كەڭ ئالقانلىرىمنى جۈپلىدىم–دە، خىيالىمنىڭ چوغدەك يالىلداۋاتقان دەرىزىسىنى ياپتىم...!!

پويىز بىردىنلا ئاستىلاپ قالدى...

 

2010-يىلى 4-ئاۋغۇست

 

 

سېنى سېغىندىم

 

سېنى سېغىندىم!!

دېڭىزدەك چوڭقۇر كۆزلىرىڭنى ۋە شامالدەك يەڭگىل سۆزلىرىڭنى؛ قۇچۇقۇمدا مەستلىكىڭگە يىقىلغاندىكى نازلىرىڭنى ۋە مۇزلىغان باغرىمنى ئىللىتقان يازلىرىڭنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! قانچىلىغان جۈپ تەنلەرنىڭ شىرىن سۆھبىتىگە شاھىد بولغان ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا، بىر–بىرسىمىزگە يۆلەنگىنىمىزچە ئاي تاماشاسى قىلغىنىمىز... قوللىرىم چاچلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىغا چوڭقۇرلايتتى، چوغدەك يالىلداۋاتقان تىنىقلىرىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىمگە ئۈنسىز پىچىرلايتتى... تۈگىمەس سۆزلىرىمىزنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى گويا كۆلدۇرما كۈيىدەك، سۈزۈك ئاي نۇرىغا چىلانغان ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگىچە تاراپ باراتتى...

سېنى سېغىندىم!!

ماڭا يۆلەنگىنىڭچە چەكسىز ئاسماننىڭ ئاخىرىسىنى ئاختۇرۋاتقىنىڭدىكى خىيالچان ھالىتىڭنى ۋە كۆكرىكىمگە بېشىڭنى قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكىنىڭدىكى گۈلدەك چېھرىڭنىڭ خاتىرجەملىكىنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، پەرھاتنىڭ تاغلىرىغا ئوغۇرلۇقچە قارىغانلىرىڭ ۋە شىرىننىڭ بۇلدۇقلىغان ياشلىرىنى ساڭا تۇيدۇرماستىن سۈرتۈپ قويغانلىرىم!...

سېنى سېغىندىم!!

ماڭا يەتمەس ئاۋازىڭغا ئېچىلغان تەققازالىق گۈللىرىدە يەلپۈنگەن نازاكىتىڭنى ۋە تۈگىمەس چۈشلىرىمنىڭ قاراڭغۇ ئشىكىنى چاقالمىغان ئاياق تىۋىشىڭدا قېتىپ قالغان ئىزتىراپلىرىڭنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاي قاراڭغۇسىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئىچكىرلەۋاتقىنىمىزدا، قورقىنىڭدىن ماڭا يىلاندەك چاپلاشقىنىڭچە قوقاستەك يېلىنجاۋاتقان تېنىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى  ئىشكىڭگە قاراپ تاشلانغىنىڭ!

سېنى سېغىندىم!!

ماڭا دىيەلمىگەن سۆزلىرىڭدىكى جاسارىتىڭنىڭ پۇرۇقلاپ قايناشلىرىنى ۋە ھايالىق بېقىشىڭدا كىرپىكىڭدىن دومىلاپ چۈشكەن بىر تامچە دۇنيادىكى يۈرىكىڭنىڭ قىپقىزىل قاناشلىرىنى سېغىندىم... ئېسىڭدىمۇ دىلبەر؟! ھېلىقى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، جەسۇر ھەم ئوماق ئوغلىمىزنىڭ ھىكايسىنى ساڭا ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىمدا، رۇخسارىڭ كەچكى شەپەقتەك رەڭ ئېلىپ، ئۈستىبېشىمغا يىنىك ۋە يىنىك ئۇرۇپ كەتكەنلىرىڭ!...

سېنى سېغىندىم!!

يىراق سەپەرگە ئاتلانغان چېغىمدىكى بوسۇغا تۈۋىدە پورەكلىگەن تىلەكلىرىڭنى ۋە ئاشۇ سۆيۈملۈك روزىغارىمىزدا يالغۇز قالغىنىڭدىكى ھىجران شاخلىرىغا قونىۋالغان ئاپئاق چېچەكلىرىڭنى سېغىندىم... ئېسىمدە دىلبەر! ئاشۇ كۈنىدىكى قىيالماسلىقىڭدىن ‹‹پاڭڭىدە›› ئېتىلىپ كېتىشكە تاسلا قالغان يىغاڭنىڭ بوغۇزۇڭدىكى ئەسەبىي گۈزەللىكى...!!

مەن سېنى سېغىندىم...!!

 

2010-يىلى 5-ئاۋغۇست

 

 

چۈش قەلئەسى

 

كېچە شۇ قەدەر جىمجىت، جىمجىتلىقىدىن شۇ قەدەر سۈرلۈك ئىدى...

مەن دەرىزە تۈۋىگە كەلدىم. تۈن نىسپىدىن ئاشقاندىكى تاش شەھەرنىڭ قاراڭغۇ ئاسمىنى كۆزلىرىڭدەك چوڭقۇر ۋە خىيال دەرىخىڭدەك ئېگىز...!

ئاۋۇ يول بويىدىكى سۇسقىنە پىلدىرلاپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىنىڭ مەيۈس ھالىتى غېرىپلىقىمدىن بوي تالىشاتتى؛ دەرىزە تەكچىسىدىكى گۈل بەرگىدە قېتىپ قالغان ئاي نۇرىنىڭ سۇلغۇن سايىسى تۇيغۇم بارماقلىرىغا يىلاندەك يۆگىشىۋاتقان بوستان چاچلىرىڭدىن رەڭ تالىشاتتى... 

يۈزۈمنى يىنىك سىيپاپ ئۆتكەن كۈز شامىلى تىنىقلىرىڭدەك ئىللىق، خۇددى سەن قۇلاق تۈۋىمدىلا پىچىرلاۋاتقاندەك... ۋۇجۇدۇم باراقسان كۆكلەۋاتقان تەن دەرىخىڭدەك لەرزان سىلكىنمەكتە؛ قەپىسىدىن ھۈركىگەن خىيال قۇشلىرىم شاخلىرىڭغا يامىشىشنىڭ ئاخىرقى لەھزىسىگە قانات كەرمەكتە؛ مەيدە تۈكلىرىمنىڭ قاراڭغۇ ئورمانلىقتەك ئىچكىرىسىدىن دۈپۈرلەپ كېلىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئوت ئۇچقۇنلىرى قەلىب ئاسمىنىمنى نۇرلاندۇرماقتا؛  ئېسىمنى لەرزىگە سالغان شىرىن بىر ئىستەك كۆيۈپ قاخشالغا ئايلانغان تېنىمىنى بەھۇرزۇر تاماششا قىلماقتا ئىدى...

 ساڭا بولغان سېغىنىش مېنى مەستىلىكىمگە يىقىتتى...

بىز كېتىۋاتاتتۇق...  ياپيېشىل چىمەنلىكتە يىلاندەك سۇنايلىنىپ ياتقان چىغىر يولدا بىر-بىرىمىگە مەھكەم يېپىشقىنىمىزچە كېتىۋاتاتتۇق...!

كۆرە دىلبەر! ئاۋۇ جۇلالىنىپ تۇرغان سۆيگۈ قەسرىنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىنى...!! مەن سېنى يېتىلىگىنىمچە، ئالتۇن دەرۋازىغا قاراپ يۈگۈردۈم...

ھەيھات!... كۆز ئالدىمىزدا زاھىرلانغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن يۈرەكلىرىمىز توسۇن تايدەك تېپچەكلىمەكتە ئىدى... شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار، رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان گۈللەر ۋە گۈللەرنىڭ لېۋىنى ئۈپۈۋاتقان كېپىنەكلەر، دىلبەرنىڭ مەڭزىدەك رەڭ ئۇرۇپ پىشقان ھەر خىل مېۋىلەر ۋە چۇرۇقلاپ سايرىشۋاتقان قۇشلار...

بىز يۈرىكىمزدەك ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇنى بويلاپ باغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز... گۈللەر قەدەملىرىمىزگە مۇلايىمغىنە باش ئۇراتتى، ئۇچاڭدىكى ئەتلەس كۆينىكىڭدەك رەڭلەنگەن چېھرىڭدىن قىزغانغان قىپقىزىل ئالمىلار قويۇق يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ساڭا ئوغۇرلۇقچە مارايتتى، تىنىقلىرىمىزدا جاراڭلاۋاتقان بەخت سىمفۇنىيەسىنىڭ لىرىك كۈيىدىن مەستخۇش بولغان ئاۋۇ قۇشلار سۇكۇنات شاخلىرىغا قونۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى... بىز ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال تۈۋىدە ئولتۇردۇق. تىل دەرىخىمىز ئۈنسىز پىچىرلىشىۋاتقان كۆزلىرىمىزنىڭ سۆھبىتىگە ئېگىزلىمەكتە؛ ئاۋۇ مەجنۇنتالدەك قىرىق تال ئۆرىۋالغان ئۇزۇن چاچلىرىڭ بارماقلىرىمغا يىلاندەك يۆگەشمەكتە؛ بۆلجۈرگەندەك قىپقىزىل لەۋلىرىڭدىكى قىيام بولغان تەشنالىق چوغلانغان تىنىقلىرىمغا سۈركەلمەكتە ئىدى...

مەن تەرلەپ تۇرغان ھاياجىنىمنى قىياقتەك كىرپىكلىرىڭگە ئېسىپ قويۇپ، ئىختىيارسىز سېنى باغرىمغا باستىم!! سەن تومۇرۇمغا قان، تىنىقىمغا جان ئەمەسمىدىڭ دىلبەر...! بىز شۇ تاپتا سۆيگۈ قەسرىنىڭ كۆكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا ئىدۇق... ئاستىمىزدا بىر پارچە بۇلۇت، بىر قارىسا ئۇچار گېلەم، يەنە بىر قارىسا يەنىلا بىر پارچە بۇلۇت...! بۇلۇتنىڭ ئوڭ بۈرجىكىدە ئىسىمىڭ قىپقىزىل ئىدى... بىز چاراقلاپ يېنىۋاتقان يۇلتۇزلارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ، يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتۇق...!!

 

2010-يىلى 13-ئاۋغۇست




ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى