تەنھا يۈرەك
سىنىڭسىز كۈنلىرىم ئۈتىدۇ تەنھا،
مىھرىمنى سنىڭدىن ئۈزمىدىم ئەمما.
سۆيگۈمنى ئاتىغان پەقەت ساڭىلا،
سەن ئۈچۈن ئازاپتا يۈرىمەن تەنھا.
يۈرگەنتىم كۆڭلۈمنى قىلالماي ئىزھار،
يۈرىگىم قېتىدىن ئۆچمىدىڭ زىنھار.
قەتئيلك ئۈستۈمدىن كەلگەندە غالىپ،
قىلماقچى بولدۇممەن كۆڭلۈمنى ئىزھار.
ھەمراھدۇر ھەرۋاقىت ئازاپ -ئوقىبەت،
مەن ئۈچۇن بۇ ئازاپ چوڭ ئەمەس پەقەت.
مىھرىڭنى بەرسەڭلا تەنھا يۈرەككە ،
كۇپايە مەن ئۈچۈن مۇشۇلا پەقەت.
سۆيگۈگە ئەسىر بوپ تەنھا يۈرىگىم،
ئازاپتا ئۆرتەندى مىنىڭ شۇ قەلبىم.
خىياللار ئۈستىگە خىياللار قۇشۇپ،
سىغمىدى ئىچىمگە ئازاپلىق دەردىم.
خىيالىم كۈزىدىن كەتمىدىڭ يىراق،
ئامانلىق تىلەيمەن چەكمىگىن پىراق.
تىكىلىپ قارىدىم كۈزۈڭگە ھەتتا،
مۇھەببەت سۆيگۈمنى بىلمىدىڭ بىراق.
سۆيگۈمنى قۇبۇل ئەت قىلاي مەن بايان،
سىنىلا ئەسلەرمەن مەڭگۈگە ھامان.
سۆيگۈگە تەشنادۇر بۇتەنھا يۈرەك،
كەل سۆيگۈ باغىدا كىزەيلى جاھان.
نۇرمۇھەممەت يىمىت شىئىرى