خەنزۇ تىلىدىكى <再>,<还> ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-24 13:24:33 كۆرۈلۈش سانى : 549
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
خەنزۇ تىلىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان <还,再,又> قاتارلىق رەۋىشلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش، ئۆزلەشتۈرۈش ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىنچىكە ھالقا بولۇپ، ئوقۇتۇش داۋامىدا بۇ سۆزلەرنىڭ پەرقى، ئىشلىتىش يولى ۋە كونكرېت تىل شارائىتىدا بىلدۈرىدىغان مەنە پەرقىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تەرجىمە جەريانىدا بەزى ئەھۋاللاردا بۇ ئۈچ سۆز ئوخشاش تەرجىمە قىلىنسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت ھالىتى جەھەتتە كونكرېت ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرىدە روشەن پەرقلىرى بار. تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ بىرقانچە يىللىق خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش جەريانلىرىدا ھېس قىلغانلىرىمغا ئاساس، يۇقىرى ئۈچ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل قىلىپ ئۆتىمەن.
还 (رەۋىش)
1. بۇ رەۋىشنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا <يەنە، يەنىلا، تېخى، تېخىچە> دېگەندەك مەنىلىرى بار بولۇپ، ھەرىكەت ھالىتىنىڭ داۋاملىق ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جۈملىدە <يەنىلا< دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.
مەسىلەن:
他还坐在车上.
虽然已经放学了,同学们还在教室做作业。
2. ئەينى ياكى ئىشلارنىڭ دەرىجىسىنى، مىقدارىنى چوڭايتىپ ئىپادىلەيدۇ.
弟弟的个子比我还高。
他的学习这学期比上学期还好。
3. سۈپەتلەرنى ئېنىقلايدۇ، يەنە سان مىقدرىنىڭ ئازلىقىنى، ۋاقىتنىڭ توشمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
近来他的身体还好。
现在还太少,不能去。
4. شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇنداق بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە قايتۇرما سوراق مەنىسى بار.
亏你还是中学生呢,连这个字都不认识。
孩子都十五岁了,你还说小。
[再] (رەۋىش)
1. بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ تەكرارلىنىشىنى ئالدىنقىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جۈملىدە كۆپىنچە <يەنە، قايتا>دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.
我们要努力,努力,再努力。
你再说一遍。
2. سۈپەتنىڭ ئالدىدا ئىشلەتكەندە دەرىجىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ <تېخىمۇ> دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.
难道没有比这个再好一点的吗?
3. <再> بىلەن بولۇشسىز سۆز ئىبارىلەر بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى، يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، <قايتا> دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.
نۇرمەمەت ھېيىت
(قاراقاش ناھىيە تۈۋەن يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن) |
|