Warning: session_start() [function.session-start]: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in D:\ԭļ\Bilqut_web\include\common.inc.php on line 17
سىز دەججالنى كۆرگەنمۇ؟-كومپيۇتېر بىلىملىرى-Bilqut Uyghur web
بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كومپيۇتېر بىلىملىرى >> سىز دەججالنى كۆرگەنمۇ؟

سىز دەججالنى كۆرگەنمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-20 10:04:04    كۆرۈلۈش سانى : 4404  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
                                                  سىز دەججالنى كۆرگەنمۇ؟ << نەۋۋاس ئىبىن ساۋۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەتتىگىنى دەجقال ئۈستىدە توختۇلۇپ ئاۋازىنى بىر كۆتۈرۈپ بىر پەسلىتىەتتى. بىز دەججالنى يىقىن ئەتراپتىكى خورمىزارلىقتىكەن، دەپ ئويلاپ قالدۇق. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا بارغىنىمىزدا، ئۇ بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرۈپ، (ئەھۋالىڭلار قانداق؟) دىدى. بىز ( ئى رەسۇلۇللاھ، قايسى بىر ئەتتىگىنى سەن ئاۋازىڭنى بىر پەسلىتىپ  بىر كۆتۈرۈپ دەججال ئۈستىدە توختالدىڭ، ھەتتاكى بىز ئۇنى يىقىن ئەتراپتىكى خورمىزارلىقتىمىكىن، دەپ قالدۇق) دىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛ << مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم، سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا بىر پىتنىنىڭ يىتىپ قىلىشىدۇر. ئەگەر دەججال چىققاندا مەن ئاراڭلاردا بولسام ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىمەن، ئەگەر ئۇ چىققان چاغدا مەن ئاراڭلاردا بولمىسام ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلاجىنى ئۆزى قىلسۇن. مەندىن كىيىن اللاھ تائالاھ ھەربىر مۇسۇلماننى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزى ساقلايدۇ، دەججال قويۇق بۈدرە چاچلىق، كۆزى پوڭلتىيىپ چىقىپ تۇرغان بىر يىگىتتۇر، گويا ئۇنى مەن قاتاننىڭ ئوغلى ئابدۇل ئۇززاغا ئوخشىتىمەن. كىيىنكى چاغلاردا سىلەردىن كىمكى ئۇنى كۆرسە ئۇنىڭغا سۈرە كەھىفنىڭ بىشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن، ئۇ شام بىلەن ئىراقنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ ۋە ئوڭدىمۇ، سولدىمۇ ھەممە يەردە پىتنە-پاسات تىرىيدۇ. (ھەي اللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار!) دىدى. بىز  ( ئى اللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ زىمىندا قانچە ۋاقىت تۇرىدۇ؟) دىدىۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛ << قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنىبىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك بولىدۇ، ئۇلاردىنى باشقا ھەممىسى سىلەرنىڭ مۈشۇ كۈنۈڭلاردەك بولىدۇ>> دىدى. بىز << ئى رەسۇلۇللاھ! بىر يىلدەك بولىدىغان ئۇزۇن كۈندە بىر كۈنلۈكنىڭ نامىزىنى ئوقىسا بولامدۇ؟>> دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛ << بولمايدۇ، سىلەر ئۇ كۈننى ئادەتتىكى كۈننىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەپ بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر-بىر بۆلىكىدە بىر كۈننىڭ نامىزىن ىئوقۇڭلار>> دىدى. بىز << ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭ مىڭىش سۈرئىتى قانداق بولىدۇ؟>> دىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛ << ئۇنىڭ سۈرئىتى شامال ھەيدەپ كەلەەن بۇلۇتتەك بولىدۇ. ئۇ ھەر-بىر قەۋمنىڭ قىشىغا كىلىدۇكى، ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ، نىمە دىسە شۇنى قوبۇل قىلىدۇ،ئاندىن ئۇ ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ، زىمىننى بۇيرۇپ، زىمىندىن ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ، ئۇ قەۋمنىڭ ئوتلىغىلى كەتكەن چارۋىلىرى كەچقۇرۇنلىقى يوغىناپ، يىلىنلىرى سۈتكە تولغان، سەمرىگەن ھالدا كىلىدۇ، ئاندىن ئۇ باشقا بىر قەۋمنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ قىشىدىن قايتىپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك يۈزلىنىپ قوللىرىدا ھىچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ. ئۇ بىر خارابىيلىكتىن ئۆتۈپ ئۇ يەرگە ئىچىڭدىكى نەرسىلەرنى چىقار! دەيدۇ، خارابىيلىك ئىچىدىكى بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇ-ئارقا چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئاندىن ئۇ يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ ئەكىلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىپ، ئۇ كىشىنى قايتا چاقىرىدۇ، ئۇ تىرىلىپ خۇشال ھالەتتە دەججالنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ، مۇشۇنداق بىر پەىتتە اللاھ تائالاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ،ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىر جۈپ رەڭلىك كىيىم كەيگەن، ئىككى ئالقىننى ئىككى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالدا دەمەشىقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ. ئۇ بىشىنى تۆۋەن قىلسا بىشىدىن سۇ تامچىيدۇ، بىشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى تۆكۈلىدۇ. ئۇنىڭ ھېدىنى ئالغان ئىمانسىزلارنىڭ ھىچبىرى ھايات قالمايدۇ، ئۇنىڭ ھېدى كۆز يەتكەن يەرگىچە بارىدۇ، ئاندىن ئەيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئىزدەپ ئاخىر ئۇنى بەيتۇلمۇقەددەسكە يىقىن بابىلون دىگەن يەردە تىپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا اللاھ تائالاھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان قەۋم كىلىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سىيلاپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىلىرىنى ئىيتىپ بىرىدۇ، مانا شۇ چاغدا اللاھ تائالاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا؛ << ھەقىقەتەن مەن ھىچ بىر كىشىنىڭ توقۇنۇشۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر جامائە بەندىلەرنى چىقاردىم، سەن مۆئمىن بەندىلىرىمنى تۇر تىغىغا ئىلىپ بارغىن>> دەپ ۋەھيى قىلىدۇ. اللاھ تائالاھ يەجۇج-مەجۇجنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار زىمىننىڭ ھەر-بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىرى تەۋەرىييە كۆلىنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقىلىرى ئۆتكەندە <<بىر چاغلاردا بۇ كۆلدە سۇ بولغىيمىدى؟>> دىيىشىدۇ. اللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قامىلىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچۈن ئۆكۈزنىڭ بىر تال بشى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈڭلاردىكى يۈز تىللادىن ئەلا بولۇپ قالىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى اللاھقا دۇئا قىلىدۇ، اللاھ تائالاھ يەجۇج-مەجۇجگە قۇرت بالاسىنى ئەۋەتىش بىلەن ئۇلارنىڭ  ھەممىسىنى بىردەك تەڭلا ھالاك قىلىدۇ، ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇر تىغىدىن زىمىنغا چۈشىدۇ. زىمىننىڭ بىر غىرىچ يىرىمۇ يەجۇج-مەجۇجلارنىڭ بەد-بۇي سىېسىق پۇرىقىدىن خالىي قالمايدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى اللاھ تائالاھقا دۇئا قىلىدۇ، اللاھ تائالاھ تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىدەك چوڭ قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ قۇشلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆتۈرۈپ اللاھ خالىغان يەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، ئاندىن اللاھ تائالاھ شۇنداق بىر يامغۇر ياغدۇرىدۇكى، يامغۇر بىرەر ئۆي ۋە ياكى بىرەر چىدىرنىمۇ ساق قالدۇرمايدۇ، زىمىنى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن كىيىن زىمىنغا؛ << مىۋىلىرىڭنى ئۆستۈرگىن، بەرىكەتلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىن>> دىيىلىدۇ، شۇ كۈنلەردە بىر ئانارنى بىر جامائە يەپ تويىدۇ، شۆپەكلىرى بىلەن سايىدايدۇ،  سۈتكە شۇنداق بەرىكەت بىرىلىدۇكى، ھەتتا بىر سۈتلۈك تۆگە ئەدەملەرنى كاتتا بىر جامائەسىگە كۇپايە قىلىدۇ، سىيىرنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىگە يىتىدۇ، بىر ساغلىقنىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلەرگە يىتىدۇ، ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا  اللاھ تائالاھ تۇيۇقسىزلا بىر مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ-دە، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئئاستىدىن ئۆتۈپ ھەر-بىر ئۆئمىن-مۇسۇلماننى قەبزى-روھ قىلىدۇ،ئۇلاردىن كىيىن زىمىندا ئىشەكلەردەك ئاشكارا جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىغان بىر بۆلۈك ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، ،انا شۇلارنىڭ ۋاقتىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ>> دىدى. مەنبە؛ ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  سىز دەججالنى كۆرگە...
●  ئۈممەت ئۈچۈن مۇھەم...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  سىز دەججالنى كۆرگەنمۇ؟
●  ئۈممەت ئۈچۈن مۇھەممەد ئ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى

Warning: Unknown: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in Unknown on line 0

Warning: Unknown: Failed to write session data (files). Please verify that the current setting of session.save_path is correct (D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/) in Unknown on line 0
PHP Warning: session_start() [function.session-start]: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in D:\ԭļ\Bilqut_web\include\common.inc.php on line 17 PHP Warning: Unknown: open(D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/\sess_ucn2nk00g6go1envgibqk8k885, O_RDWR) failed: Permission denied (13) in Unknown on line 0 PHP Warning: Unknown: Failed to write session data (files). Please verify that the current setting of session.save_path is correct (D:/ԭļ/Bilqut_webhttps://www.uyghur-archive.com/bilqut/data/sessions/) in Unknown on line 0