«بىلقۇت» خەزىنىسى5 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى!-بىلقۇت خەزىنسى -bilqut.com

«بىلقۇت» خەزىنىسى5 - ئايلىق ئەلالاشتۇرۇلدى!

2008-03-04 01:50:23  كۆرۈلۈش سانى : 1253  【چوڭ 】 【ئوتتۇرا】 【كىچىك

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار !!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» _ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل، چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور ھەجىمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار قېتىلغان ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1 - قېتىملىق 10 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
2 - قېتىملىق 11 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
3 - قېتىملىق 12 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا:
1) 35 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرى (مىللەتشۇناسلىق لۇغىتى)
2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى (2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان.)
3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى (2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.) قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
4 - قېتىملىق 1 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا: 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلق رېۋايەتلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
5 - قېتىملىق 2 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 20 - ئەسىردىكى بىر قىسىم چوڭ ئىشلار چۇشەندۈرۈشى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان
6- قېتىملىق 3- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، «دۇنيادىكى ئەڭ» لەر توپلىمى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى بايقالغان خاتالىقلارتۈزىتىلدى ۋە 200گە يىقىن تېببىي سۆزلۈكلەر قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
7- قېتىملىق 4- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانى ھەققىدىكى بىلىملەر ئەلالاشتۇرۇلغان.
8 - قېتىملىق 5 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا تىل - يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن 5000 دىن ئارتۇق قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار قېتىلىش بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچىلەر ئىنكاس قىلغان بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇلدى، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، كېلەر ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشتا كومپيۇتېر ھەققىدىكى بىلىملەر ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتى
چۈشۈرۈش
بۇ ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ «بىلقۇت خەزىنىسى» قاچىلانغان مۇندەرىجىگە قاچىلاش ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارىسىز.
قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ

مەسئۇل : Bilqut_K

 



قوشۇۋېلىڭ بېكىتىمىز بوپتىمۇ ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ بۇغداي سۆزىمىز بار يالغۇزلا ماڭامسىز ئالاقىلىشامسىز شىركىتىمىزگە قاراڭ
  بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە   
新 疆 碧 黎 库 特 电 子 科 技 开 发 有 限 公 司

QQ:  502410794(Bilqut)        250092392(Raziman)

新ICP备07002316