لۇغەت دېگەن ئاتالغۇ كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا توم-توم كىتابلارنىڭ سىماسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇنداقلا، بىزگە يەنە قېلىن-قېلىن ۋاراقلار ئىچىدىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان سۆز-ئىبارە،ئۇقۇملارنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر جاپالىق جەرياننى ئەسلىتىدۇ. ئۇچۇر-پەن تېخنىكا ئىلمىنىڭ بولۇپمۇ كومپىيوتىر تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتى بىزنى ئاشۇ جاپالاردىن ئازاد قىلىشقا ئۈمىد تۇغۇلدۇردى. ئەنئەنىۋىي لۇغەت تۈزۈش قائىدىسى بىلەن كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ ئىلمىي ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈشى ئاساسىدا، يېڭى بىر ئۇقۇم « كومپيۇتېر لۇغەتچىلىكى» مەيدانغا چىقتى. « كومپيۇتېر لۇغىتى» ئىشلىتىشنىڭ قۇلايلىقلىقى بىلەن بىزنى نۇرغۇن جاپادىن خالاس قىلىپلا قالماي، بەلكى سۈرئىتىنىڭ تىز، تۇغرا ۋە ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن بىزنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى تىجەپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان قۇرالغا ئايلاندى.خۇددى بۇنىڭدىن مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرى تۈرك(ئۇيغۇر) تىلىنىڭ پاساھىتىنى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كەڭ قوللىنىلغان ئەرەب تىلىدىن قىلىشمىغۇدەك گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىش زۆرۆرىيىتىدە « تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئىبارەت بىباھا قامۇسنى تۈزگىنىگە ئوخشاش، يېڭى دەۋردە ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ھازىرقى ئىلغار تېخنىكىلار ساھەسىدە ئەركىن-ئازادە پەرۋاز قىلدۇرۇش، ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتى ۋە ئورنىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تۇنۇتۇش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلدى (بىز ھەرگىزمۇ مەزكۇر خەزىنە تۈركىي تىللار دىۋانىدىن قىلىشمايدۇ دېمەكچى ئەمەس.)
«بىلقۇت خەزىنىسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە جاپالىق ئىزدىنىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇش، يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل،چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب،يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن نامايەندە خاراكتېرلىك كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
1. يۇقىرى سۈرئەتتە ئىزدەش
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى دۇنياۋىي سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان لۇغەت يۇمشاق دېتالىغا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.
2. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقلارنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ ئىزدەش
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقلارغا ئاپتوماتىك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، سىز خالىغان تىلدىكى يېزىقنى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا كىرگۈزسىڭىز «بىلقۇت خەزىنىسى» شۇ يېزىقنىڭ قايسى تىلدىكى يېزىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان ئاساستا ئىزدەيدۇ ۋە شۇ يېزىقتىكى مۇھىتقا ئالمىشىدۇ.
3. بىر كونۇپكىنىڭ بىر قانچە خىل ئىقتىدارى
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن بىر كونۇپكىغا بىر نەچچە خىل ئىقتىدار مۇجەسسەملەندى
1) بۇ كونۇپكىغا ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ خىل يۆنىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كونۇپكىنى بىر باسساق «بىلقۇت خەزىنىسى» ئۇيغۇرچە – ئۇيغۇرچە، ئىككىنچى قېتىم باسساق ئۇيغۇرچە – ئىنگلىزچە، ئۈچىنچى قېتىم باسساق ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت ھالىتىگە كىرىدۇ.
2) بۇ كونۇپكىغا خەنزۇ تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ خىل يۆنىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كونۇپكىنى بىر باسساق «بىلقۇت خەزىنىسى» خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە، ئىككىنچى قېتىم باسساق خەنزۇچە – ئىنگلىزچە، ئۈچىنچى قېتىم باسساق خەنزۇچە – خەنزۇچە لۇغەت ھالىتىگە كىرىدۇ.
3) بۇ كونۇپكىغا ئىنگلىز تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ خىل يۆنىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ كونۇپكىنى بىر باسساق «بىلقۇت خەزىنىسى» ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە، ئىككىنچى قېتىم باسساق ئىنگلىزچە – خەنزۇچە، ئۈچىنچى قېتىم باسساق ئىنگلىزچە – ئىنگلىزچە لۇغەت ھالىتىگە كىرىدۇ.
4) بۇ كونۇپكىنى بىر باسساق تىزىملىك رامكىسىدا ئىشارەت تىلىنىڭ ئۇيغۇرچە تىزىملىكى يەنە بىر باسساق ئىشارەت تىلىنىڭ خەنزۇچە تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ.
5) بۇ كونۇپكىنى بىر باسساق تىزىملىك رامكىسىدا خەنزۇچە سۆزلىشىشنىڭ ئۇيغۇرچە تىزىملىكى يەنە بىر باسساق خەنزۇچە تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ.
6) بۇ كونۇپكىنى بىر باسساق تىزىملىك رامكىسىدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىشنىڭ ئۇيغۇرچە تىزىملىكى يەنە بىر باسساق ئىنگلىزچە تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ.
4. خەنزۇتىلى يېزىقىنىڭ فونتىكىلق ئېلىپبەسى بويىچە ئىزدەش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» خەنزۇ يېزىقىنىڭ فونىتىكىلىق ئېلىپبەسى بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ كونۇپكىنى بېسىپ تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا خەنزۇچە خەتنىڭ فونىتىكىلىق ئېلىپبەسى بويىچە يېزىلىشىنى كىرگۈزسەك شۇ سوزنىڭ خەنزۇچە خېتىنى تېپىپ بېرىدۇ.
رەسىم:
5. خەنزۇتىلى يېزىقىنىڭ يان بۆلەكلىرى بۇيىچە ئىزدەش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۆلەكلىرى بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ كونۇپكىنى بېسىپ تىزىملىك رامكىسىدىكى يان بۆلەكلەر بويىچە خالىغان بىر يان بۆلەكنى چەكسەك شۇ يان بۆلەكتىن باشلانغان سۆزلەرنى تېپىپ بېرىدۇ.
رەسىم:
6. سۈرىتى بار سۆزلەرنى سۈرىتى بىلەن كۆرسىتىش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە 20 مىڭ پارچىغا يېقىن سۈرەت بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنىڭ سۈرىتى بار بولسا بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
رەسىم:
7. تاللانغان سۆزلەرنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىزدەش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ مەزمۇن كۆرسىتىش رامكسىدىكى خالىغان سۆزنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ ئىزدەش كونۇپكىسىنى باسساق شۇ سۆزنىڭ مەنىسى ۋە ئىزاھاتىنى تېپىپ بېرىدۇ.
رەسىم:
8. سۆزلەرنى مائۇسنىڭ سول تەرىپىنى قوش چىكىش ئارقىلىق ئىزدەش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدىكى خالىغان سۆزنى قوش چېكىش ئارقىلىق شۇ سۆزنىڭ مەنىسى ۋە ئىزاھاتىغا ئىگە بولالايمىز.
9. ئىلگىرى ئىزدىگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەپ قويۇش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» دە سىز ئىلگىرى ئىزدىگەن سۆز خاتىرىلىنىپ ساقلىنىدىغان بولۇپ، سىز خالىغان ۋاقىتتا كەينىگە چېكىنىش كونۇپكىسى ياكى خاتىرىلەش تىزىملىكىدىن ئىلگىرى ئىزدىگەن سۆزلەرنى تاپالايسىز
رەسىم:
10. ئىزدىگەندىن كېيىن كۆرسىتىلدىغان مەنىسىنى بەلگىلەش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» دە سىز ئىزدىگەن سۆزنىڭ قايسى تىلدىكى مەنىسىنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەش ئارقىلىق سىز ئىزدىگەن سۆزنىڭ شۇ تىلدىكى مەنىسى ۋە ئىزاھاتىغا ئېرىشەلەيسىز.
رەسىم:
11. ئۇيغۇر تىلىنىڭ كارتون ئىلىپبەسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى چۈشەندۈرۈلىشى.
«بىلقۇت خەزىنىسى» دە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كارتون ئېلىپبەسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ خىل تىلىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يېزىلىش قائىدىسى، شۇ ھەرىپ بىلەن بىرىككەن سۆزلەرگە ماس ھەرىكەتلىك سۈرەتلەر، شۇ ھەرىپكە ماس جۈملىلەر، شېئىر، ماقال، شۇ ھەرىپكە مۇناسىۋەتلىك تېپىشماق ۋە شۇ ھەرىپ خاسلىقىنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ خاسلىقلىرىنى چۈشىنىۋېلىشىغا زور دەرىجىدە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
رەسىم:
12. ئېكراندىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە سۆزلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش ۋە ئوقۇش.
ئىكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئۆزىگە خاس، ئۇخشاش تىپتىكى باشقا يۇمشاق دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا ئىلغار بولغان يەنە بىر ئىقتىدارى. بۇ ئىقتىدار دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دىتاللارغا سېلشتۇرغاندا ئىلغار بولۇپلا قالماي بەلكى خەلقئارالىق يۇمشاق دىتاللارغا نىسبەتەنمۇ باشلامچى سەۋىيەگە ئىگە ئالاھىدە تېخنىكىدۇر. چۈنكى «بىلقۇت خەزىنىسى» دە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئىكران يۈزىدىكى سۆزىنى تۇتۇش مەسلىسى ھەقىقىي تۈردە ئۈنۈملىك ھەل قىلىنغان. ئىكران يۈزىدىكى ھەر خىل يېزىقتىكى سۆزلەرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ئېقتىدارىنى مەزكۇر خەزىنىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى مۇستەقىل ھالدا تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان! بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ خەلقئارا سەۋىيىدىكى تېخنىكىلارنى بەرپا قىلالايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى!، سىز مائۇسنى خالىغان بىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە سۆزنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسىڭىز شۇ سۆزنىڭ باشقا ئىككى خىل تىلدىكى مەنىسى نۇر ئۆتكۈزۈشچان رامكا ئىچىدە كۆرۈنىدۇ.
رەسىم:
13. كۆچۈرۈش تاختىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە سۆزلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، ئوقۇش ، ئىزدەش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» كوچۈشۈر كونۇپكىسى ctrl+c ئارقىلىق كۆچۈرۈپ ئېلىنغان سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش، ئوقۇش ۋە ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، سىز خالىغان بىر ياكى بىر گۇرۇپپا سۆزنى ctrl+c ئارقىلىق كۆچۈرۈپ ئالسىڭىز كىچىك بىر نۇر ئۆتكۈزۈشچان رامكىدا شۇ سۆزنىڭ مەنسى ۋە ئوقۇش، ئىزدەش
كونۇپكىسى كۆرۈنىدۇ سىز شۇ كونۇپكىلار ئارقىلىق سۆزلەرنى ئوقۇتالايسىز ۋە لۇغەتتىن ئىزدەش ئېلىپ بارالايسىز.
رەسىم:
14. ئىنگىلىزچە ئاڭلاش ئېقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە ئىنگلىزچە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 90 دىن ئارتۇق ساھەدىكى 4000 جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىز بۇ كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىك رامكىسىدىن چىققان تىزىملىكتىن خالىغان ساھەنى چەكسىڭىز شۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەر مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدا كۆرۈنىدۇ سىز شۇ جۈملىلەرنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ جۈملىنى دىئالوگ شەكلىدە ئوقۇتۇپ ئاڭلاش ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.
رەسىم:
15. تور بەت ئادرېسلىرى
«بىلقۇت خەزىنىسى»گە چەتئەل ۋە جۇڭگودىكى 600 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر توربەت ئادرىسىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىز بۇ كونۇپكىنى بېسىپ مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدىكى خالىغان تور بەت ئادرىسىنى چەكسىڭىز شۇ توربەتكە ئۇلىنىدۇ.
رەسىم:
16. خەنزۇچە ئاڭلاش ئېقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 120 دىن ئارتۇق ساھەدىكى 5000 جۈملە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىز بۇكونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىك رامكىسىدىن چىققان تىزىملىكتىن خالىغان ساھەنى چەكسىڭىز شۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك جۈملىلەر مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدا كۆرۈنىدۇ سىز شۇ جۈملىلەرنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ جۈملىنى دىئالوگ شەكلىدە ئوقۇتۇپ ئاڭلاش ئارقىلىق خەنزۇ تىلى سەۋىيىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.
رەسىم:
17. ئىشارە تىلى.
«بىلقۇت خەزىنىسى» دە يەنە تىل توسالغۇسى بارلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۈنگەن بولۇپ، سىز بۇ كونۇپكىنى بېسىپ تىزىملىك رامكىسىدىن چىققان سۆزلۈكلەرنى چېكىش ياكى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى كىرگۈزسىڭىز شۇ سۆزنىڭ سۈرىتى ۋە ئىشارەت قائىدىسى چۈشەندۈرۈلگەن ئىزاھات ۋە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە مەنىلىرىگە ئېرىشەلەيسىز.
رەسىم:
18. جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى.
«بىلقۇت خەزىنىسى» گە 100 خىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن – نىزاملىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ سىز بۇ كونۇپكىنى بېسىپ تىزىملىك رامكىسىدىن چىققان قانۇنلار تىزىملىكىدىكى خالىغان قانۇننى چەكسىڭىز شۇ قانۇننىڭ تولۇق قىسمىنى مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدىن كۆرەلەيسىز شۇنداق بۇ
ئورۇنغا سىز ئۆزىڭىز ئىزدىمەكچى بولغان سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ بۇ
كونۇپكىنى باسسىڭىز «بىلقۇت خەزىنىسى» سىز كىرگۈزگەن سۆزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن باب، پاراگراف ۋە ماددىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، سىزنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىشىڭىزغا ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.
رەسىم:
19. ماتېرىيال ئامبىرى
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ پايدىلىنىش ماتېرىياللار قىسمىغا ئىنسانىيەت، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، پسىخولوگىيە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادەت، مەشھۇر شەخس، دۇنيا، جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك 140 خىلدىن ئارتۇق ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىز بۇ كونۇپكىنى بېسىپ تىزىملىك رامكىسىدا كۆرۈنگەن ساھەلەردىن خالىغان بىرنى چەكسىڭىز شۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تىزىملىكى چىقىدۇ سىز شۇ تىزىملىكتىن خالىغان بىرنى چەكسىڭىز مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدا شۇ تۈرنىڭ مەزمۇنىنى كۆنىدۇ.
20. جەدۋەللىك ئۇچۇرلار.
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ جەدىۋەللىك ئۇچۇرلار قىسمىغا ئۆلچەم بىرلىكلىرى، خىمىيىۋىي ئېلېمېنتلار، تىنىش بەلگىلىرى قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق ساھەگە چېتىلىدىغان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىز بۇ كونۇپكىنى بېسىپ، تىزىملىك رامكىسىدىن خالىغان بىر ساھە تىزىملىكىنى چەكسىڭىز شۇ تۈرنىڭ جەدىۋەللەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرى مەزمۇن كۆرسىتىش رامكىسىدا كۆرۈنىدۇ.
تاللانغان رايوندىكى سۆزلەرنى ئوقۇش
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئاۋازلىق ئوقۇش ئىقتىدارى ئۇيغۇر تىلىنى ئاپتوماتىك ئوقۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، سىز خالىغان بىر ياكى بىر گۇرۇپپا سۆزلەرنى تاللاپ بۇ كونۇپكىنى بېسىش ياكى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ چىققان رامكىدىن ئوقۇش تىزىملىكىنى چېكىش ئارقىلىق ئوقۇتۇپ ئاڭلىيالايسىز، بۇ تېخنىكىنى مەزكۇز خەزىنىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى مۇستەقىل ھالدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.
21. تور ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» دە تور ئارقىلىق ئەلالاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال بازارغا چىققاندىن ھازىرغا قەدەر ئىككى قېتىملىق ئەلالاشتۇرۇشنى تاماملىدى، سىز «بىلقۇت» تورىنىڭ ئەلالاشتۇرۇش سەھىپىسىدىن «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئەلالاشتۇرۇش دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزلا «بىلقۇت خەزىنىسى» ئەڭ يېڭى ھالەتكە كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يۇمشاق دېتال ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.
22. كۆرۈنمە يۈزنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» ئۇيغۇر خەلقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتال بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال تۇنجى قوزغالغاندا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يۆنىلىش قائىدىسى بويىچە ئوڭ يۆنىلىشتە قوزغىلىدۇ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقلارنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئىشلىتىش قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىپ بۇ خەزىنىدە ئوڭ ۋە سول يۆنىلىشكە يۆتكەش ھازىرلاندى. سىز بۇ كونۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئوڭ ياكى سول يۆنىلىشكە توغىرلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
23. «بىلقۇت خەزىنىسى»نى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش.
«بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن بۇ خەزىنىنىڭ مەخسۇس ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالى سەپلەندى، سىز بىلقۇت خەزىنىسى قاچىلانغاندىن كېيىن ئىكران يۈزىدە پەيدا بولغان بۇ سىن بەلگىنى بېسىش ئارقىلىق «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ خالىغان كونۇپكىلىرىنى ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى ئۆگىنەلەيسىز.