ئىككى مىڭ يۈەن بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : ئىككى مىڭ يۈەن بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 53ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 ئىككى مىڭ يۈەن بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار


1. بىرىنچى قەدەمدە بۇ تېمىڭىزنى دۇنيادىكى بارلىق چوڭ مۇنبەرلەرگە يوللايسىز
2.قەدەمدە يوللانغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىنى يىغىسىز ۋە تاللايسىز
3. قەدەمدە ھەممە ئىنكاسلارنى باغلاشتۇرۇپ ، بىر پارچە كىتاب يازىسىز
4. قەدەمدە كىتاب ئىسمى < ئىككى مىڭ يۈەن بىلەن قىلغىلى بولدىغان ئىشلار > بولىدۇ
5. كىتاب پۈتۈپ چىققاندا < قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى > غا ئاپىرىسىز
6.ئۇلار كىتابىڭىزنى تۈپلەپ ، ئۇنى بۇنى قىلىپ .... سىياسى تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ نەشىرگە تەييارلايدۇ
7.ئادەتتكى بىر پارچە كىتاب ( 300~~400 بەتلىك بولسا ) ھەممە چىقىملىرى بىلەن 2 كوي ئەتراپىدا بېسىلىپ چىقىدۇ ، ئەمما سىز كىتابقا 40 كوي ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك باھا يازىسىز . ئەگەر دەسلەپتە مىڭ پارچە باستۇرۇسىڭىز دەل 2000 يۈەن بولىدۇ، بۇنى ئاپىرىپ ساتسىڭىز ( كىتابخانا ئېلىۋالدىغان پايدىنى چىقىرۋەتكەندە) تەخمنەن 30000 يۈەن قالىدۇ .
8. ئىككىنچى بېسىلىشىدا تراژىنى تېخىمۇ كۆپەيتىسىز ، ئۇ چاغدا 30000 يۈەن پۇلىڭىز بولغاندىكىن 10000 پارچە باستۇرۇپ كىتابخانىلارغا تېخىمۇ ئەرزان ئۆتكۈزۈپ بېرىسىز، شۇنداق قىلىپ بۇلار تولۇق سېتىلىپ بولغاندا ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن پايدا قالىدۇ.
9.ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سېتلىپ كېتىشى ناتايىن ، سىز بۇ چاغدا يەنە ئىككى مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر تەرجىمانغا بۇ كىتابنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇزىسىز
10.كىتاب ئىسمى < 投资2000元可以做到的生意> بولىدۇ
11.ئەگەر مۇشۇ ئىسىم بىلەنلا باستۇرىدىغان بولسىڭىز خەنزۇلار گەپ يوق بىر مىليون پارچە سېتىۋالالايدۇ، سىز قورقماي تۇرۇپلا 40000 مىڭ پارچە باستۇرسىز . بۇ چاغدا كىتابلار تولۇق سېتىلىپ بولسا بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ يۈەن پۇل تاپىسىز ،بۇ پۇلنىڭ تەخمىنەن 6 يۈز مىڭ يۈەننى كىتابخانا ئالىدۇ .
12. كىتابنىڭ بەك ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇھىم ئەمەس ، مۇقاۋىسى چىرايلىق بولسا ، ھەم تورداشلار يازغان ئىنكاسلارنى ئۆزگەرتمەيلا ئاپرىىپ باستۇرسىڭىز بولىدۇ . ئەڭ مۇھىم ھالقا سىز كىتابخانىلارغا بېرىدىغان پايدىنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولىشى ،ئەگەر كۆپ پايدا بەرسىڭىز ئۇلار ئىشىك - ئىشىكلەرگە ئېلان چاپلاپ كىتابىڭىزنى بازارلىق كىتاب قىلىپ قويىدۇ .
13. قەدەمدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ياكى مەيلى قايسىز بىر تېلۋوزۇردا جېق چىقىدىغان ئادەمگە 10000 كوي بېرىسىز ، ئۇ دەرھال كىتابنىڭ ئىككىنىچى بېتىگە ئۆزىنىڭ يوغان رەسىمى بىلەن < مۇشۇ كىتابنى ئوقۇپ نۇرغۇن مۇۋەپپىقيەت قازانغانلىقى ھەققىدە بىر بېغىشلىما يېزىپ بېرىدۇ > سىز كىتابنى قايتا نەشىر قىلدۇرسىز ، ئاندىن تېخىمۇ كۆپەيتىپ باستۇرىسىز !
14. قەدەمدە سىز ئاللىبۇرۇن بۇ 2000 كوي ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپپ بولدىڭىز ، ئەمدى بېرىپ پۇلىڭىزنىڭ تەخمىنەن 0.25 پېرسەنتىنى يۇرتىڭىزدىكى نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىڭ !
مەسچىتنىڭ گېلەم - كېگىزلىرىنى دەرھال يېڭىلاڭ !
يۇرتىڭىزدىكى خەلق ھۆكۈمەتكە 50000 يۈەن كۆتۈرۈپ بېرىپ ئىئانە قىلىسىز ! ئۇلار سىزنى ھۆكۈمەتكە ئەللىك مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان دەپ تازا ماختايدۇ
15. قەدەمدە تېلۋوزۇرغا چىقىسز ، ناھىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى بىلەن ھاكىم سىزگە بېيىشتىكى ئۈلگە، ناھىيە بۇيچە مۇنەۋۋەر شەخىس ،،،، ئىئانە قىلغانەي دىگەندەك ئۈچ تال تەغدىرنامە بېرىدۇ
16. قەدەمدە بۇ ئۈچ تال تەغدىرنامىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ، ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا بارىسىز ، ۋە 10 مىليون يۈەن قەرز ئالىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىسىز ( ئۇنىڭدىن ئاز بولسىمۇ بولىدۇ ) ، ئۇلار قەرز بېرىدۇ ،قەرز بەرمەي قالسا دەرھال ھاكىمغا تېلفون قىلىسىز ... ئىشقىلىپ بىر دەمدە ھەل بولىدۇ
17. قەدەمدە چوڭ شېركەتتىن بىرنى قۇرىسىز.

مەنبە:ئەزىز شاھ تورى
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-11 11:53 | [ئاپتور]
alnida

دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 79
شۆھرىتى: 80 نومۇر
پۇلى: 448 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-14

 


ۋاھ ئالاھىدە ئىلغار پۇل تېپىش ئۇسۇلىكەن .غۇ بۇ .
awazlik
Posted: 2008-10-12 22:25 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071164(s) query 4, Time now is:10-23 03:05, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation